سەئىد بىن جۇبەيىر

 

ئەگەر ئاۋامغا « جامىنىڭ بۇ ئىشىكىدىن چىقىسىلەر دېسەم، بۇ ئەمرىمگە قۇلاق سالماي يەنە بىر ئىشكىدىن چىقسا، ئۇلارنىڭ خۇنىنى ھالال دەپ بىلىمەن ۋە ئۆلتۈرىمەن ».

ھەججاج بىن يۈسۈپ

ئەمەۋى سەركەردىلىرىدىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەشئاس، ھەججاجنىڭ زۇلۇم ھەققىدىكى بىر پەرمانىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىپ، ھىجرى 81 – يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆلىمالار ئارىسىدا خېلى كۆپ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. ئۆز دەۋرىنىڭ تونۇلغان فاقىھ ( فىقىھشۇناس )لىرى بۇ قوزغىلاڭدىن خېلى ئۈمىدلەنگەن بولۇپ، ئۆزلىرى ئاۋاز قوشۇپلا قالماستىن، كىشىلەرنى قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەرغىپ قىلغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە شابى، ئىبنى ئەبى لەيلا، ئەبۇل باھتەرى قاتارلىق ئۆلىمالار بار ئىدى.

سەئىد بىن جۇبەيىر، بۇ قوزغىلاڭدا مەردلەرچە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى:

« ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار! چۈنكى ھاكىمىيەت زالىمدۇر. دىننىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمايۋاتىدۇ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ، نامازنىمۇ بوش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ».

سەئىد بىن جۇبەيىر، ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرنىڭ خەلىپىلىك مەزگىلىدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدى. ھەججاج مەككىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىبنى زۇبەيىرنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۆلىمالاردىن مەجبۇرىي شەكىلدە بەيئەت ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەئىد بىن جۇبەيىرمۇ بار ئىدى.

ئابدۇراھمان بىن ئەشئاس ناھايىتى كۆپ سانلىق كىشى بىلەن زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان بولۇپ، سەئىد بىن جۇبەيىرمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئۇ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجانغا كەتكەن بولۇپ، كېيىن ئۇ يەردىن ئۆمرە ھەججى قىلىش مەقسىتىدە مەككىگە قايتىپ كەلگەن ۋە يەرلىشىپ قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ مەسجىدكە كىرىۋالغان نۇرغۇن ئۆلىمالارغا ئوخشاش، ئۇمۇ يوشۇرنۇپ يۈرگەنىدى. ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىدىن قاچقان دەۋرنىڭ تونۇلغان ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئاتا، مۇجاھىد، تالىق بىن ھەبىب، ئامر بىن دىنارمۇ بار ئىدى.

سەئىد بىن جۇبەيىر ۋەلىد بىن ئابدۇلمەلىكنىڭ ئەمرى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، ھەججاجقا ئەۋەتىلدى. تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن بۇ خەۋپنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا قېچىپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلغان دوستىغا سەئىد مۇنداق دېگەنىدى:

« ئەي ھۈسەيىننىڭ ئاتىسى! ۋاللاھى قاچساممۇ قاچاتتىم، لېكىن ئاللاھ تىن ئۇيالدىم. ھەم ئاللاھ بىزگە تەقدىر قىلغان ئىش كېلىپ بىزنى تاپمامدۇ؟ ».

مەككە ۋالىيسى خالىد بىن ئابدۇللاھ، خاتىرجەم ماكان بولغان مەسجىدى ھەرەمدە سەئىد بىن جۇبەيىرنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، تابىئىنلارنىڭ مەشھۇر دىنى ئالىملىرىدىن مۇجاھىد ۋە تالق بىن ھەبىبىگە كويزا – كىشەن سېلىپ، ئۇلارنى ھەججاجقا ئەۋەتتى. تالق يولدا ۋاپات بولدى. يايىلار كۆرگەن چۈشىگە ئاساسەن سەئىد بىن جۇبەيىرنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلغانىدى.

ھەججاجنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ھەججاج بىلەن ئارىسىدا مۇنداق دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەنىدى. ھەججاج:

  • ۋاللاھى، سېنى ئۆلتۈرىمەن! سەئىد:
  • ئۇنداقتا، مەن ئانام ماڭا قويغان ئىسىمغا لايىق « سەئىد » بولىمەن. ھەججاج:
  • كاللىسىنى ئېلىڭلار!

ھەججاج بۇ ۋەقەدىن كېيىن قىرىق كۈن ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، بۇ مۇددەت ئىچىدە چۈشىدە سەئىد بىن جۇبەيىرنى: « ئەي ئاللاھ نىڭ دۈشمىنى، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈردۈڭ؟! » دەپ ياقىسىغا ئېسىلغان ھالدا كۆرەتتى. ھەر قېتىم بۇ چۈشنى كۆرگەندە « ماڭا نېمە بولاۋاتىدۇ، سەئىد بىن جۇبەيىرگە نېمە بولاۋاتىدۇ؟ » دەپ ۋاقىرىغان ھالدا ئويغىناتتى. ( تابارى، تارىخ، VI/491 )