ھۈسەيىن بىن ئەلى

تارت، ئۇ باشنىڭ ئويۇلغان يەرلىرىدىن قامچاڭنى تارت ئەي يەزىد! سېنىڭ قىيامەتتىكى شاپائەتچىڭ ئىبنى زىياد، ئۇنىڭ شاپائەتچىسى مۇھەممەد ( سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەم )دۇر.

ئەبۇ بەرزە ئەل – ئەسلەمى

زۇلۇم بىلەن كۇپۇرنى، ئادالەت بىلەن ئىماننى ئوخشاش دەرىجىگە قويغان قۇرئاننىڭ، باشتىن ئاخىر زۇلۇم ۋە زالىمنى مەھكۇم قىلغان تەلىماتى، مەيلى قانداق باھانە كۆرسىتىشتىن قەتئىينەزەر زۇلۇمنى يوللۇق كۆرسەتمەكچى بولغانلارنىڭ يۈزىگە، تا قىيامەتكىچە ئۇرۇلىدىغان ئىلاھىي تەستەكتۇر. بۇ خاتا چۈشەنچىنى زۇلۇمنىڭ يەنە بىر يۈزى بولغان مالىمانچىلىق ( پىتنە ) باھانىسى بىلەن سىياسەت پەلسەپىسى ھالىغا كەلتۈرۈلۈپ، زۇلۇم ۋە سەلتەنەتنى يوللۇق قىلىپ كۆرسەتكەنلەر، ئۈممەت بۈگۈن چۈشۈپ قالغان بۇ قورقۇنچ خارلىقنى كۆرگەن بولسا ئىدى، قىلغان ئىشىنىڭ ۋابالىنىڭ نەقەردە چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتكەن بولاتتى.

ئىمامەت ۋە سەلتەنەت مەسىلىسىدە ئۆزگىچە ئورنى بولغان ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ شاھادىتىنى، ئادەتتىكى بىر ۋەقە سۈپىتىدە ئەمەس، ئەكسىچە يىلتىزى بۇرۇندىن تارتىپ داۋام قىلغان نۇبۇۋۋەت ۋە سەلتەنەت ئارىسىدىكى كۆرەشنىڭ داۋامى دەپ قاراش كېرەك. بۇ تارىخى ۋەقەلەرنىڭ خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگىنىدەك، پەرقلىق زامان ۋە ماكانلاردا، پەرقلىق ئىسىملار ئارىسىدا بۈگۈنمۇ شۇ پېتى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. مۇھىم بولغان نەرسە، بۇ تارىخىي ۋەقەدە كىمنىڭ كىملەرنىڭ يېنىدا سەپ تۇتقانلىقىدۇر.

كەربالا ۋەقەسى نۇبۇۋەت ۋە سەلتەنەت ئۈچۈن بىر سىمۋولدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوخشاش ئېتىقادتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىككى پەرقلىق يولنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر. بۇ پەرقلىق يوللار، نۇبۇۋۋەتكە ۋەكىللىك قىلغان « ھۈسەيىن يولى » بىلەن، سەلتەنەتكە ۋەكىللىك قىلغان « يەزىدى يولى »دۇر.

ئالدىنقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېزىلىش، مۇھاجىرەت، پىداكارلىق، ئادالەت، شاھادەت، جاسارەت، ئىززەت ۋە قىيامغا ۋەكىللىك قىلىشى بولۇپ، كېيىنكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى سەلتەنەت، زۇلۇم، ھىيلە، زۇلۇمغا رازى بولغان كىبرنىڭ سىمۋولى بولىشى ئىدى. ھەر كىم بۇ ئەزەلى كۆرەشتە ئۆزىگە ياراشقان ئورۇندا يەر ئالىدۇ. ئەمما قايسى تەرەپتە؟

كۇفەلىكلەر « رەببىم، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقازغىن » ئايىتىنى ئوقۇپ، مەككىدە پاناھلانغان ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ يېنىغا كەلدى ۋە يەزىدنىڭ ۋالىيسىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ جۈمە ئوقۇمىغانلىقىنى، ئۆزى ( ھۈسەيىن )نى كۈتىۋاتقانلىقىنى، كەلسە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەزرىتى ھۈسەيىن ئۇلارغا تاغىسىنىڭ ئوغلى مۇسلىمنى ئەۋەتتى.

مۇسلىم بىن ئاقىل كۇفەگە كەلگەندە ئۇنىڭغا 12 مىڭ كىشى بەيئەت قىلدى. يەزىد كۇفە ۋالىيسى ئۇبەيدۇللاھ بىن زىيادنى مۇسلىمنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. ۋالىي ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، مۇسلىمنى ئۆيىدە يوشۇرۇپ قويغان ھانى بىن ئۇرۋەنى سارىيىغا چاقىرىتىپ زىندانغا تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى مۇسلىم بىن ئاقىل ئۆزىگە بەيئەت قىلغانلارنى قىيامغا چاقىردى. دەسلەپتە بۇ چاقىرىققا 4000 كىشى ئاۋاز قوشقان بولۇپ، تاڭ ئاتقاندا ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىم قالمىغانىدى. ئۆزى يالغۇز جەڭ قىلغان مۇسلىم ئەسىرگە چۈشتى ۋە كاللىسى ئېلىندى.  ( تابارى، تارىخ،V/350  ).

ھەزرىتى ھۈسەيىن بۇ ۋەقەلەردىن بىخەۋەر ھالدا، خىيانەتلەر شەھرى كۇفەگە قاراپ ئاتلانغان ئىدى. ئۇلار ئەر – ئايال، چوڭ كىچىك جەمئىي 72 كىشىدىن تەركىپ تاپقان  بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 32 ئاتلىق بار ئىدى.

يېرىمىدىن كۆپرەكى ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ كارۋاننى، يەزىدنىڭ سەركەردىلىرىدىن ئۆمەر بىن ساد 4000 كىشىلىك سەر خىل قوشۇن بىلەن توستى.

ھەزرىتى ھۈسەيىن يىنىغا ئەسكەر يىغمىغان بولۇپ، ئۇرۇش قىلىش نىيىتىمۇ يوق ئىدى. ئۇ:

« بىزنى قويۇپ بېرىڭلار قايتىپ كېتەي ياكى باشقا بىر مەملىكەتكە چىقىپ كېتەي. ئەگەر بۇ تەكلىۋىمنى رەت قىلساڭلار، مېنى ئۇدۇل يەزىدنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىڭلار » دېگەنىدى.

لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ ئەھۋالدا ئۇرۇشۇپ مەردلەرچە شېھىت بولۇشتىن باشقا چارە قالمىغانىدى. ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شېھىت بولدى.

ھەزرىتى ھۈسەيىن شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، كىيىمى سالدۇرۇلدى، يالىڭاچ بەدىنى ئۆتمۈتۆشۈك قىلىنىپ، كاللىسى ۋۇجۇدىدىن ئايرىپ تاشلىنىپ، يەزىدنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ۋاقىتتا ھەمشىرىسى زەينەپ بىنتى پاتىمە مۇنداق نىدا قىلغانىدى:

« يا مۇھەممەد! يا مۇھەممەد! سامانىڭ مالائىكىلىرى سالات ( ياردەم ) قىلغان ئىنسان! مانا ئالدىمدا تۇرغان، جەسىدى تىتمىت قىلىپ تاشلانغان، ئەزالىرى كېسىپ تاشلىنىپ، قانلار ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان مېيىت سېنىڭ ھۈسەيىنىڭدۇر!… مۇھەممەدا! قىزلىرىڭ ئەسىر ئېلىندى، نەسلىڭ قەتلى قىلىندى!… » ( تابارى، تارىخ،V/456  ).

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، يەزىدنىڭ كۇفە ۋالىيسى خۇتبىگە چىقىپ:

« يەزىدنى مۇزەپپەر قىلىپ، ھەق ۋە ھەق ئەھلىنى ئېزىز قىلغان، يالغانچىنىڭ ئوغلى يالغانچى ھۈسەيىن ۋە شىئەسى ( تەرەپتارلىرى )نى ئۆلتۈرگەن ئاللاھ قا ھەمد بولسۇن! » دېدى.

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىن، ئۇ سورۇندىكى ئەما ئابدۇللاھ بىن ئەفىف ( ئۇرۇشتا ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى ) ئورندىن چاچراپ تۇرۇپ:

« ئەي مەرجانەنىڭ ئوغلى، يالغانچى دېگەن سەن، سېنىڭ داداڭدۇر. سېنى ۋالىي قىلىپ تەيىن قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ دادىسىدۇر. ئەي مەرجانەنىڭ ئوغلى، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە سىددىقلارنىڭ ئاغزىدىن گەپ قىلىۋاتامسەن؟ » ( تابارى، تارىخ،V/459 ).

يەزىد قولىدىكى قامچا بىلەن ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ كېسىلگەن بېشى بىلەن ئوينىشىۋاتقاندا، ئۇ يەردە تۇرغان ساھابە ئەبۇ بەرزە ئەل ئەسلەمى مۇنداق دېدى:

« تارت، ئۇ باشنىڭ ئويۇلغان يەرلىرىدىن قامچاڭنى تارت ئەي يەزىد! سېنىڭ قىيامەتتىكى شاپائەتچىڭ ئىبنى زىياد، ئۇنىڭ شاپائەتچىسى مۇھەممەد ( سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەم )دۇر » دېدى. ( تابارى، تارىخ،V/466 ).

ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، يەزىد ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ كاللىسىنى كۆرۈپ « بەدىرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدىم » دېگەن ۋە ئۆزىگە ئەسىر سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنگەن ئەھلى بەيتكە ياخشى مۇئامىلە قىلغان، غەنىمەت سۈپىتىدە ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغان ماللىرىنى ۋە زىننەت بويۇملىرىنى ھەسسىلەپ غەزىنىسىدىن تۆلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسىگە قارىتا ھەزرىتى ھۈسەيىننىڭ قىزى سۈكەينە مۇنداق دېگەن:

« ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كۇپۇرلۇق قىلغانلار ئىچىدە يەزىدتىنمۇ ياخشىراق بىرسىنى كۆرمىدىم » ( تابارى، تارىخ،V/464 ).