ئاتىدىن بالىغا

 

يا رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش قىلىسەن، ئۆزەڭگە ۋارىس قىلىپ ھېچكىمنى تەيىن قىلمايسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈممەت ئۆز ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ. يا ئەبۇ بەكىرگە ئوخشاش ۋەلئەھدى تەينىلەش ئورنىغا، ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭدىن بىرسى بولماسلىق شەرتى ئاستىدا، بىر كىشىنى خەلىپە نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىسەن… ياكى بولمىسا ئۆمەر ئوخشاش پەقەت بىر كىشىنى كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا بىر ھەيئەت بەلگىلەيسەن.

ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىر

 

ھىجرەتنىڭ 56 – يىلى. كۇفە ۋالىسى مۇغىرە بىن شۇبە ياشىنىپ قالغان ئىدى. كۇفەدەك داۋالغۇش ئىچىدىكى بىر شەھەردە، مەركەزنىڭ كۈتكىنىدەك ئۈنۈمگە ئىگە بولالمايۋاتاتتى. مۇئاۋىيەنىڭ ئۆزىنى پېنسىيەگە چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇ يەزىدكە بەيئەت قىلدى. ئۇنىڭ بۇ بەيئىتىنى دادىسىغا يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە ئۆزى ھەققىدە شاپائەتچى بولىدىغانلىقى خىيالىدا ئىدى. ئىش ئويلىغىنىدەك بولدى. شام، ئۇنى يەزىدكە بەيئەت ئاستىدا خىزمەت قىلشقا بۇيرىدى. مۇغىرە مۇرادىغا يەتكەن ئىدى. (تابارى، تارىخ،  V/302

يەزىدكە قىلىنغان تۇنجى بەيئەت بۇ ئىدى. مۇغىرەنىڭ بۇ مۇئامىلىسىنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولغان مۇئاۋىيە، نېمە ئىش بولىۋاتقانلىقىنى سورىغان ۋاقتىدا مۇنداق جاۋاپقا ئېرىشتى:

« ئەي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئوسماننىڭ شاھادىتىدىن كېيىن نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى كۆردىڭىز. سىز ھايات ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەلقنى يەزىدكە بەيئەت قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىڭىزگە ۋارىس قىلىڭ. بۇنداق قىلسىڭىز كېيىن چىقىدىغان ئىختىلاپلارنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىسىز ».

شۇنداق قىلىپ ئىش، خەلقنىڭ ۋە جامائەت مۆتىۋەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا قاراشلىق بولۇپ قالغان ئىدى. مۇغىرە، كۇفەلىكلەرنىڭ بەيئەت ئىشىنى ئۆزىنىڭ ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇرۇنقى مەنسىپىگە قايتىدىن ئېرىشكەن ئىدى.

مۇغىرە كۇفەگە قايتقاندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى 10 ئادەم تېپىپ، ئۇلارغا 30000 دەرھەم پۇل بېرىش بولدى. بۇلار گۇيا كۇفە خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ئۇلار بۇ سالاھىيەت بىلەن شامغا ئەۋەتىلدى. بۇ ساختا ھەيئەتنىڭ باشلىقى مۇغىرەنىڭ ئوغلى مۇسا ئىدى. ھەيئەت يەزىدنىڭ ۋەلئەھدى بولىشىنى كۇفە خەلقى نامىدا تەلەپ قىلىپ چىققاندىن كېيىن، مۇئاۋىيە مۇسانى يالغۇز چاقىرىتىپ مۇنداق دېدى:

– داداڭ بۇلارنىڭ ئىمانىنى قانچە پۇلغا سېتىۋالدى؟

– ئوتتۇز مىڭ دەرھەمگە.

– ئىسىت، دىنىنى بەك ئەرزان سېتىۋېتىپتۇ. ( ئىبنۇل كەسىر، ئەل كامىل، III/350 )

مۇئاۋىيە، ئانچە ئاسان بولمىغان يەزىدكە بەيئەت قىلىش ئىشىنى تېزرەك ھەل قىلىشنى ئويلايتتى. لېكىن بۇ ئىشنى قىلىشتا خېلى قېينالدى. چۈنكى يەزىدنىڭ قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى دوست – دۈشمەن ھەممىسى بىلەتتى. بۇ سەۋەپتىن دوستلىرىنى بولسىمۇ قايىل قىلىشى قېيىنغا توختىغانىدى. مۇئاۋىيە بۇ قېيىن ئىشنى ئەقلىگە كەلتۈرەلىگەن ھەر قانداق چارىنى ئىشقا سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. بۇ سەۋەپتىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھقا 100 مىڭ دەرھەم ئەۋەتكەن ئىدى. ھەزرىتى ئابدۇللاھ بۇ پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلىپ، مۇنداق دېگەن  ئىدى:

«بۇ پۇللار ماڭا بىباھا دىنىمنى ناھايىتى ئەرزان باھاغا سېتىۋېتىشىم ئۈچۈن ئەۋەتىلدى » (ئىبنۇل كەسىر، ئەل كامىل،  III/351 ).

مۇئاۋىيە مەدىنە ۋالىسى مەرۋانغا بىر مەكتۇپ يازدى:

« مەن قېرىدىم. ئۆلۈشتىن بۇرۇن، مەندىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر تەخىت ۋارىسى بەلگىلەشنى خالايمەن. خەلقنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، بۇ ھەقتە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىر تىڭ – تىڭلاپ باق ».

خەلقنىڭ جاۋابىنىڭ ئىجابى ئىكەنلىكى خەۋرىنى بەرگەن مەرۋان، بۇ قېتىم ۋەلئەھدىنىڭ يەزىد بولغانلىقى ھەققىدىكى يارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. ئۇ مەسجىدى نەبەۋىيدە توپلانغان خەلققە ئەھۋالنى مۇنداق سۆزلەر بىلەن بىلدۈردى:

« مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ، قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتى. نىھايەت ئۆزىدىن كېيىن ئورنىغا ئوغلى يەزىدنى ۋارس قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردى. بۇ ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرەپتىن ئىلھام قىلىنغان ناھايىتى ياخشى بىر پىكىردۇر. مۇئمىنلەرنىڭ ئەمرىنىڭ ئۆز ئورنىغا ۋەلئەھدى بەلگىلەش پىكرى يېڭى بىر ئىش ئەمەس. ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەرمۇ مۇشۇنداق قىلغان ئىدى ».

ئۇ سورۇندىكى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

« ئەي مەرۋان، سەنمۇ يالغان سۆزلەۋاتىسەن، مۇئاۋىيەمۇ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ. سىلەر ھېچقاچان مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ئويلىشىپ قويمىدىڭلار. سىلەر مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق قەيسەرچىلىك ( سەلتەنەتچىلىك ) قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر. سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، بىر قەيسەر ئۆلىدىغان بولسا ئورنىغا ئوغلى چىقىدۇ. ھەمدە بۇ قىلغانلىرىڭلار ئەبۇ بەكىر ۋە ئۆمەرنىڭ سۈننىتى ئەمەس. بۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىغا زىتتۇر. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۆز ئوغۇللىرىنى ئۆزلىرىگە ۋەلى ئەھدى قىلىپ تەيىنلىگىنى يوق ».

دېمىسىمۇ رىئاللىق ئابدۇراھمان بىن ئەبۇ بەكىر ئېيتقاندەك ئىدى. دادىدىن ئوغلىغا قالىدىغان سەلتەنەت سىستېمىسى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەزرىتى ئۆمەر، تۇنجى خەلىپىنىڭ سايلىنىش ئەسناسىدىكى بولۇپ ئۆتكەنلەرنى باشقىلار ئۈچۈن شەرئىي ئۆرنەك دەپ قارىمايتتى. بىر كۈنى خۇتبىدە ئىسلامىي سىياسەتنىڭ ئاساسى بولغان شۇرانىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان مۇنداق قاتتىق سۆزلەرنى قىلغان ئىدى:

« سىلەردىن بەزىڭلارنىڭ › ئۆمەر ئۆلسە پالانىغا بەيئەت قىلىمەن › دېگەن خەۋەرلىرى ماڭا يېتىپ كەلدى. سىزلەردىن ھېچكىم، ئەبۇ بەكىرنىڭ خەلىپە بولىشىنى بولۇپ قالدى دەپ ئۆزلىرىگە باھانە ئىزدىمىسۇن. شۇنداق، ئۇ شۇنداق بولۇپ قالغانىدى. ئەمما ئاللاھ شۇ جىددىچىلىك سايىسىدە ئۈممەتنى بۈيۈك بىر پالاكەتتىن ساقلاپ قالدى. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا كۆزنى يومۇپلا ئىتائەت قىلغىلى بولىدىغان ئەبۇ بەكىردەك بىرمۇ كىشى يوق ».

« كىم موسۇلمانلارنىڭ شۇراسى / كېڭىشى بولماستىن بىر ئادەمگە بەيئەت قىلىدىكەن، بۇ بەيئەت شەرئىي / قانۇنلۇق ھېساپلانمايدۇ. بەيئەت قىلغانمۇ، بەيئەت ئالغانمۇ ئۆلۈمىگە تەييارلىق قىلغان بولىدۇ » ( ئىبىن ھەجەر، فەتھۇلبارى، كىتابۇل ھۇدۇد، H. No: 6870 XII/148-149 ).

رىئاللىق مۇشۇنداق تۇرۇپ، بۇ ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرنىۋاتاتتى. مۇئاۋىيە ھەر ۋىلايەتنىڭ مۆتىۋەرلىرىنى سارىيىغا چاقىرىپ ئۇلارنى قايىل قىلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئىچىدە ئاھنەف بىن قايسمۇ بولغان بىر ھەيئەتتە، بۇ زاتنىڭ نېمىشقا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى سورىغان مۇئاۋىيە، ھەزرىتى ئاھنەفتىن مۇنداق جاۋاپنى ئالغان ئىدى:

« بىز توغرىنى ئېيتىش ئۈچۈن سەندىن، يالغا سۆزلەش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقىمىز » ( ئىبنۇلئەسىر، ئەلكامىل،III/352 ).

پۈتۈن بۇلار بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۈممەتنىڭ ئەڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بەش كىشى يەزىدكە بەيئەت قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى. بۇلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىن، ھەزرىتى زۇبەيىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ۋە ھەزرىتى ئابباسنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىدى.

بۇ ئىسىملارنىڭ جەمىئىيەت ئىچىدىكى مەنىۋى ئورنى كۆزدە تۇتۇلغاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ جىددىلىشىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشەنگىلى بولاتتى.

بۇ قەدەر بېسىم ئىشلىتىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى، مۇئاۋىيەنىڭ ۋالىغا يازغان پەرمانى ئىدى. بۇ پەرماندا بەيئەت قىلمىسا ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ئەمىر قىلىنغانىدى. بۇ ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ مەككىگە قاچىدىغانلىقى خەۋرىنى ئالغان مۇئاۋىيە، ئۇلارنى ھوزۇرىغا چاقىرىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى. ئىبنى زۇبەيىر ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:

« يا رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش قىلىسەن، ئۆزەڭگە ۋارىس قىلىپ ھېچكىمنى تەيىن قىلمايسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈممەت ئۆز ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ. يا ئەبۇ بەكىرگە ئوخشاش ۋەلئەھدى تەينىلەش ئورنىغا، ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭدىن بىرسى بولماسلىق شەرتى ئاستىدا، بىر كىشىنى خەلىپە نامزىتى قىلىپ كۆرسىتىسەن… ياكى بولمىسا ئۆمەر ئوخشاش پەقەت بىر كىشىنى كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا بىر ھەيئەت بەلگىلەيسەن. ئۈممەتنىڭ شۇراسى كىمنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ. بۇ شۇرا ئەزالىرىمۇ سېنىڭ يېقىنلىرىڭ بولماسلىقى كېرەك ».

مۇئاۋىيە باشقىلارنىڭمۇ ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن تەھدىت قىلىشقا باشلىدى:

« ھازىرغىچە ھەرىكەتلىرىڭلارغا كۆز يۇمدۇم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىمكى مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقىپ، سۆزلىرىمگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئورۇنسا، ئىككىنجى بىر سۆزنى قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەستىن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن ».

بۇ سۆزلەردىن كېيىن نەۋكىرىگە مۇنداق بۇيرۇق قىلدى:

« بۇ ئادەملەردىن ھەر بىرىنىڭ يېنىغا بىردىن ئادەم قوي. كىمكى سۆزلىرىمگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئۇرۇنسا، كاللىسىنى ئالسۇن! ».

ھەممىسى بىرلىكتە ھەرەمگە كەلدى ۋە خەلىققە مۇنداق دېدى:

« بۇ كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىدۇر. بۇلار بىلەن كېڭەشمەستىن ھېچقانداق ئىش قىلىنمايدۇ. ھەممىسى يەزىدكە بەيئەت قىلىشقا رازى بولۇشتى. ئەي مەككە خەلقى سىلەرمۇ بەيئەت قىلىڭلار ».

مەقسەت ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. مەككە خەلقىنىڭ بەيئىتى مۇشۇنداق بىر ئويۇن بىلەن ئېلىنغان بولدى. ( ئىبنۇلئەسىر، ئەلكامىل، III/354,355 ).

مۇئاۋىيە سەكراتتىكى ۋاقتىدا ئوغلىغا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىدى:

« ئوغلۇم بۇ ئىش ( سەلتەنەت )نى سېنىڭ ئايىغىڭ ئاستىغىچە ئېلىپ كەلدىم. ھەممە نەرسىنى ساڭا ئاسان ھالغا كەلتۈرۈپ بەردىم. دۈشمەنلىرىڭنى خار قىلىپ، ئەرەپلەرنى ساڭا بويسۇندۇرۇپ بەردىم. ھېچكىم بىر يەرگە جەم قىلالمايدىغان مۈلكنى سەن ئۈچۈن بىر يەرگە يىغدىم.

مەن تۆت كىشىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ساڭا ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن. ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىن، ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، زۇبەيىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ، ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان.

ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ يالغۇز قالسا ساڭا بەيئەت قىلىدۇ. ئىسيان چىقمىغۇچە ھۈسەيىننىڭ ياقىسنى ئىراقلىقلار قويۇۋەتمەيدۇ.

ئەگەر شۇنداق قىلسا سەن غالىپ كېلىسەن. ئەگەر ئىسيان چىقارمىسا سەنمۇ چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىن. ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلىغا كەلسەك، ئۇ دوستلىرىغا قارايدۇ، ئۇلار نېمە قىلسا ئۇمۇ شۇنى قىلىدۇ. ئۇ تۇرمۇشىغا ئامراق، ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئەمما زۇبەيرنىڭ ئوغلى … ئۇ شىرنىڭ كۈچى، تۈلكىنىڭ ھىيلىسى بىلەن ساڭا قارشى چىقىدۇ. بېشىڭنى يەنچىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت پۇرسەت كۈتىدۇ. ئۇ ئەسلىدىلا مۇشۇنداق. ئەگەر ساڭا بۇنداق قىلىشقا تەمشەلسە، ئۇنىڭغا دۇنيانى زىندان قىل ۋە تىلىم – تىلىم قىلىپ توغرىۋەتكىن » ( تابارى، تارىخ، V/342 ).

مۇئاۋىيەنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بارلىق كۆزلەر بەيئەت قىلمىغان ئىسىملارغا تىكىلدى. بۇلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن مەدىنە ۋالىسى شۇنداق قاتتىق بېسىم ئىشلەتتىكى، بۇ بېسىم چىدىغۇسىز چەككە يەتكەندە يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشتى. بىر كۈن پەرق بىلەن مەدىنىنى تەرك قىلغان ھەزرىتى ھۈسەيىن ۋە ئىبنى زۇبەير، رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر شەكىلدە يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ مەككىگە كېتىشتى.

مەدىنە ۋالىيسى بولۇپمۇ بۇ ئىككى شەخسكە قاتتىق بېسىم قىلغانىدى. مەدىنە ۋالىسى بۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ھاقارەت قىلغۇزاتتى ۋە ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىپ، بېسىم قىلاتتى. بۇ بېسىملار، ھەزرىتى ھۈسەيىننى شۇنچىلىك ئۇپۇراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى ئەبۇ سائىد ئەلمەقبۇرى مۇنداق تەسۋىرلىگەن ئىدى:

« ھۈسەيىننى مەدىنىدىن ئايرىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن كۆردۈم. قېيىنچىلىق ۋە بېسىم تۈپەيلىدىن شۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەسجىدى نەبەۋىدە يۈرگىنىدە بىر تۇرۇپ ئوڭ بېقىنىدىكىگە، بىر تۇرۇپ سول بېقىنىدىكىگە يۆلىنەتتى » ( تابارى، تارىخ،V/342 ).