ئۆتكۈنچى دەۋر

 

تۆتىنجى راشىد خەلىپە ھەزرىتى ئەلىنىڭ شاھادىتى بىلەن بوش قالغان خىلاپەت ماقامىغا پايتەخت كۇفە خەلقى ھەزرىتى ھەسەننى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىدۇ ۋە بەيئەت قىلىشقا باشلايدۇ.

بۇرۇنقى ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن كۇفە خەلقىنىڭ قىلغان خائىنلىقلىرىغا يېقىندىن شاھىت بولغان ھەزرىتى ھەسەن، ئۇلارغا قىلغان تۇنجى نۇتقىدا شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:

« … مەن ئۇرۇشقانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر، ئەپ ئۆتكەنلەر بىلەن ئەپ ئۆتىسىلەر! »

بەيئەتنىڭ تەقەززاسى بولغان بۇ تەبىئىي تەلەپمۇ كۇفەلىكلەرنىڭ غوتۇلداشلىرىغا يېتىپ ئاشقانىدى. ئۇلار « ئەمدى ئۇرۇش دېگەن نېمە گەپ بۇ؟! » دېيىشتى ۋە ھەزرىتى ھەسەنگە شۇ يەردىلا ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۈستىگە دەسسەپ چەينىۋەتكىلى تاس قالدى. ھەزرىتى ھەسەن، تېخى تۇنجى قەدەمدىلا ئىتائەتسىزلىك قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر بىلەن يولغا چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

يېڭى خەلىپىگە تۇنجى بەيئەت قىلغانلار ئارىسىدا ئىككى مۇھىم كىشى بار ئىدى. ئۇلاردىن بىرى مەشھۇر ساھابە سائاد بىن ئۇبادەنىڭ ئوغلى قايس بىن سائاد، يەنە بىرسى شىئە ئىسياننىڭ سىمۋولى ھالىغا ئايلانغان مۇختار بىن ئەبى ئۇبەيدنىڭ تاغىسى سائاد بىن مەسئۇد ئىدى.

قايس بىن سائاد، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋالىسى ئىدى. ئۇ، ئەمىر مۇئاۋىيەنىڭ سىياسى بىر ئويۇنى بىلەن ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەقسىزلىققە ئۇچرىغان بۇ ھالىدىن پايدىلىنىشنى ئويلىغان مۇئاۋىيە، ئۇنىڭغا ۋەدىلەرگە تولغان مەكتۇپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ھەزرىتى ئەلىگە خىيانەت قىلمىغان ئىدى. ھەزىتى ئەلىنىڭ شاھادىتىدىن كېيىن، ھەزرىتى ھەسەنگە بەيئەت قىلغان تۇنجى كىشى مانا بۇ قايس بىن سائاد ئىدى.

ئەمىر مۇئاۋىيە ھەزرىتى ھەسەننىڭ قوشۇنىغا ئەسكەرلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى ھەزرىتى ھەسەننىڭ قوشۇنىنىڭ بېشىغا قايس بىن سائاد ئۆتكەن ئىدى. مۇئاۋىيەنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن قۇماندان قايسنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەپقاچتى خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ھەزرىتى ھەسەن قوشۇنىنىڭ ھۇدۇقۇپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولدى. بۇ ۋەقەلەر جەريانىدا ھەزرىتى ھەسەننىڭ چېدىرى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن بولاڭ – تالاڭ قىلىندى.

بۇنداق بىر قوشۇن بىلەن ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىدىن تونۇپ يەتكەن ھەزرىتى ھەسەن، ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ، چارەك ئەسىر دەۋر سۈرىدىغان ئەمەۋى خانىدانىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغان بىر قارارغا كېلىپ، مۇئاۋىيەنىڭ تېنچلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. مۇئاۋىيە ھەزرىتى ھەسەنگە بارلىق شەرتلىرىنى ئالدىنئالا قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدە مۆھۈرى بېسىلغان بوش بىر قەغەزنى ئەۋەتتى. ھەزرىتى ھەسەن مەشھۇر شەرتلىرىنى يازدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كېلىشىم، خىلاپەتنىڭ ئاخىرلىشىپ سەلتەنەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانغۇچىنى تەشكىل قىلدى. مۇئاۋىيە قايس بىن سائادنىمۇ ئوخشاش تەكلىپ بىلەن بەيئەتكە دەۋەت قىلدى. قايس بىن سائاد، ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كاپالەت ۋە ھەزرىتى ئەلىگە ھېچقانداق تىل تەككۈزمەسلىك ھەققىدىكى تەلەپتىن باشقا، ھېچقانداق دۇنيالىق نەرسە تەلەپ قىلمىدى.

سائاد بىن مەسئۇدقا كەلسەك… ئىبن كەسىرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ قايس بىن سادقا ئوخشاش سادىق بولالمىدى ۋە ھەزرىتى ھەسەنگە خىيانەت قىلدى. يەنە يۇقىرىدىكى مەنبە، ئۇنى شاملىقلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، ھەزرىتى ھەسەنگە خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنى مۇئاۋىيەگە تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن كىشى دەپ تونۇشتۇرىدۇ ( ئىبىن كەسىر، ئەلكامىل فىتتارىخ، 3 – 2 /3 ).

مۇئاۋىيە رەقىپلىرىنى كۆزدىن يوقۇتۇپ خەلىپىلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كېلىشىمدىن ئەڭ باشتا، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلارغا تىل تەككۈزمەسىلىك شەرتى بۇزۇپ تاشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ھەسەن ناھايىتى سىرلىق بىر شەكىلدى قازا قىلدى. ئۇنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى كېيىن پاش بولدى.