ئەگەر ھەزرىتى ئوسمان بىر خەلىپىگە يارىشا مۇئامىلە قىلماستىن، بىر سەلتەنەتچى، بىر پادىشاھقا ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولغان بولسا ئىدى، شۈبھەسىز يوللۇق ۋە يولسىز بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئىسيانچىلارنى كۆزدىن يوقاتقان، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ھاكىمىيەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىغان بولاتتى.

ئۇ بىر سۇلتانغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان بولسا ئىدى، نەبى شەھرى بولغان مەدىنىگە ئۇرۇش ئوتى تۇتۇشۇپ ھەر يەرنى قارا تۇمانلارنىڭ قاپلىشىغا؛ ساھابىلەرنىڭ جېنى، مېلى، شان – شەرپى دەپسەندە بولىشىغا پەرۋا قىلمىغان، كۆزى سەلتەنەتتىن باشقا بىر نەرسە كۆرمىگەن بولاتتى. ئەمما ئۇ، بۇنداق قىلمىدى. ھاياتى بەدىلىگە نەبەۋى خىلاپەتنىڭ ئاق يۈزىگە، سەلتەنەت دېغىنى چۈشۈرمىدى. ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئادالەتتىن چەتنەپ كەتمىدى ۋە سەۋەبى نېمە بولىشدىن قەتئىينەزەر زۇلۇمغا مايىل بولمىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ قەتلى قىلىنىشى بىلەن نەبەۋى خىلاپەتكەن قان تامچىسى يۇققان ئىدى. بەزىلەر جاھىلىيەت دەۋرىدىن قېلىپ قالغان قان داۋالىرىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قەتلى قىلىنىشىنى تېپىلماس بىر پۇرسەت دەپ قارىدى. ھەزرىتى ئەلى مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك بىر دەۋردە خەلىپە سايلاندى. ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئۈچ خەلىپىگە ئوخشاش شەرىئى ئۇسلۇبتا، يەنى شۇرا  ( كېڭەش ) يولى بىلەن خەلىپە سايلانغان ھەزرىتى ئەلىگە، ئومۇمى سانى يىگىرمىدىن ئاز بولغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بەيئەت قىلمىغان ئىدى. بۇنداق ئىنسانلار باشقا خەلىپىلەرنىڭ زامانىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ھەتتا ھەزرىتى ئەبۇ بەكرگە ئوخشاش خەلىپىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ قېتىمقىسى باشقىچىرەك ئىدى. بەيئەت قىلمىغانلار، ئۆزلىرى ئۈممەتنىڭ راشىد خەلىپىسىگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان ئىدى. بۇ گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ نىيەتلىرى قانچىلىك ساپ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسلام سىياسى تارىخىغا نەزەر تاشلىغان ۋاقتىمىزدا ئىچىمىزنى ئېچىشتۇرىدىغان ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. بىغۇبار سەۋەپلەر بىلەن پەيدا بولغان بۇ چاك، ئىسلامنىڭ كېلەچىكىدە بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان ۋە چوڭايغان بىر يارا بولۇپ ئېغىز ئالدى. بۇ تارىخىي دەزنى تۇتقۇزۇش ۋەيا بۇ يارىنى تېڭىش ئۈچۈن تىرىشقانلارنىڭ يولى، تارىختا ۋە دەۋرىمىزدە ئىچكى – تاشقى تەرەپتىن كەلگەن ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن توسۇپ تاشلاندى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ قېنىنى، ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە ئاتقان ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۈسەيىننىڭ ئاتىسىدىن سوراۋاتاتتى. شەرئى يول بىلەن خەلىپە بولغان خەلىپىگە شەرتسىز بويسۇنىشى كېرەك بولغان شام ۋالىسى مۇئاۋىيەنىڭ، ھېچقانداق بىر شەرئىي ئاساسى يوق تۇرۇپ، خەلىپىگە بەيئەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ھېساپ سورىشى؛ قول ئاستىدىكى بارلىق كۈچلەرنى، شەرئىي بولغان ۋە ئۆزىمۇ ئىتائەت قىلىشى كېرەك بولغان مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىللىشى، ئىشلارنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى ئۆزىگە قارشى ئىسيانچىلارغا مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئالدى بىلەن بەيئەت قىلىڭلار، ئاندىن ھەققىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار. نەخ ۋە شەرتلىك بەيئەت بۇ ئىشنىڭ ھەل قىلىش تەدبىرى ئەمەس ».

ھەتتا بىر ۋاقىت ھەزرىتى تەلھە ۋە ھەزرىتى زۇبەيىرنىڭ ھەمرالىقىدا بىر گۇرۇپپا ئارىسىدا مۇنداق بىر دىيالوگ بولۇپ ئۆتىدۇ:

– بىز شەرئى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش شەرتى بىلەن ساڭا بەيئەت قىلىمىز. سەن گۇناھكارلارنى جازالاندۇرىسەن، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىلىدىن قىساس ئالىسەن.

– قېرىنداشلىرىم! بۇلارنى مەنمۇ بىلىمەن. دۆلەتنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەت كۈچىنى قولىمىزغا تېخىچە ئالالمىغان تۇرساق، بۇنداق ۋەزىيەتتە بۇلارنى قانداقمۇ تۇتالايمەن؟ ھازىرچە بۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ جازالىغۇدەك ئىمكانىمىزمۇ يوق. بۇ ئىش ئۈچۈن بىر مۇددەت كۈتىشىمىز كېرەك. ئەگەر ھەر قايسىڭلار بۇ ئىشقا قادىر بولساڭلار، گۇناھكارنى تۇتۇپ كېلىڭلار.

– بىز قىلالمايمىز.

– ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەنمۇ سىلەر ئويلىغاندەك ئويلايمەن. بۇ ئىشلار پەسكويغا چۈشكەندە بۇ مەسىلىنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. قالايمىقانچىلىق تۈگىسە، ھەق ۋە شەرىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاسانلىشىدۇ ( تابارى، تارىخ، 363/IV ).

ھەزرىتى تەلھە بىلەن زۇبەيىر خەلىپىدىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن مەككىگە كېتىدۇ. ئۇ يەردە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، بىر قارارغا كېلىشكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قېنىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىدىغان تەرەپتار يېغىش مەقسىتىدە بەسىرە ۋە كۇفەگە بارىدۇ. يولدا كارۋانغا ئۆمەييە ئوغۇللىرىدىن تەرەپتارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى كىشى قوشۇلىدۇ. بۇ ئىككى كىشى سەئىد بىن ئاس ۋە مەرۋان بىن ھاكەم ئىدى.

سەئىد ئادەملىرىگە:

« ئوسماننىڭ قاتىللىرىنى تېپىش ۋە ئۇنىڭ قان قىساسىنى ئېلىشنى ئويلىساڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە بۇ قوشۇندا مەۋجۇت بولغان بەزى كىشىلەرنىمۇ ئۆلتۈرۋېتىشىڭلار كېرەك » دېدى.

ئۇ بۇ ئارقىلىق ھەزرىتى تەلھە ۋە زۇبەيىرنى ئىما قىلغان ئىدى. چۈنكى ھەزرىتى تەلھا ۋە زۇبەيىرمۇ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئىجرائاتلارنى ئوچۇق – ئاشكارا تەنقىت قىلغان، نارازىلىقلىرىنى ھەر پۇرسەتتە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بۇ تەكلىپكە قارىتا كارۋان ئىچىدىكى مەۋران مۇنداق مەسلىھەت بەردى:

« ياق، بىز ئۇلارنى ( تەلھە، زۇبەيىر ۋە ئەلى ) ئۆزئارا ئۇرۇشقا سالىمىز. بىرسى چوقۇم يېڭىپ چىقىدۇ. نەتىجىدەيەڭگۈچىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. دەل شۇنداق پەيىتتە قالغانلىرىنىڭ ئەدىبىنى بېرىمىز » ( ئىبنى ساد، تاباقات، V/34,35 ).

مانا مۇشۇنداق ھېس – تۇيغۇلار بىلەن راۋاجلانغان ۋەقەلەر، ئاخىرىدا خىلاپەت كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچى تەرەپنى ئۇرۇشۇش نوقتىسىغا سۆرەپ كەلدى. نەتىجىدە مەشھۇر جەمەل ( تۆگە ) ئۇرۇشى يۈز بەردى. ئۇرۇشتىن بۇرۇن خەلىپە، ھەزرىتى تەلھە ۋە زۇبەيىرنى چاقىرىپ ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توقۇنۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، قوشۇننىڭ ئەڭ ئارقا قىسمىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ كىشىلەرنى ئۇرۇشتىن ياندۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئامىر بىن جەرمۇز ئىسىملىك بىر كىشى ھەزرىتى زۇبەيىرنى ئۆلتۈردى. خەلىپىلىكنىڭ سابىق باش كاتىپلىرىدىن مەرۋان بىن ھاكەممۇ ئوخشاش بىر سەپتە بولىشىغا قارىماستىن ھەزرىتى تەلھانى قەتىل قىلدى ( ئىبنى ساد، تاباقات، III/233 V/38  ).

ھاپىز ئىبن كەسىر « ئەلبىدايە » ناملىق ئەسىرىدە، ھەزرىتى زۇبەيىرنىڭ ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىدا ھەزرىتى ئەممار بىن ياسىرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپ، رەسۇلۇللاھنىڭ « سېنى باغى ( ئاسىي ) بىر گۇرۇھ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ » دېگەن ھەدىسىنى ئەسلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە نەقىل قىلغان.

مەۋران بىن ھاكەمنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، سەر خىل ساھابىلەرنى بىر – بىرىگە قارشى تىغ كۆتۈرگەنىدى. نەتىجىدە بۇ ئۇرۇشتا ئون مىڭ ئىنسان جېنىدىن جۇدا بولدى.

 

داۋامى بار…

 

***************

كىتاپ ھەققىدىكى كىرىش سۆزى:

« ئىماملار ۋە سۇلتانلار » – كىرىش سۆز ( مۇستافا ئىسلامئوغلى )

كىتابىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى: ئىماملار-ۋە-سۇلتانلار

https://yuzlen.net/wp-content/uploads/2015/04/ئىماملار-ۋە-سۇلتانلار.pdf