wpid-screenshot_2015-06-17-16-50-25.png

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمۇتۇللاھى ۋە بەرەكەتەھۇ،
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن!
يېقىندىن بېرى شەخسى ئىشلىرىمىز كۆپىيىپ قېلىپ، ھايات كىتابىم تورىغا يېڭى يوللانمىلارنى يوللاپ بولاممىدۇق. ھەممىڭلاردىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.
ئۆتكەن يىلى 2014 رامىزان ئېيىدا قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن « رامىزان يازمىلىرى » ناملىق ئەسەرنى  بۆلۈشۈپ تەرجىمە قىلىپ، كۆكلەم تورىدا كۈنلۈك يوللانمىلار قاتارىدا ئېلان قىلغان ۋە سىز ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە رامىزان ئېيىنىڭ مەناسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىدراك قىلىپ، « ئىش – ئۆملۈكتە، كۈچ – بىرلىكتە » نىڭ مېغىزىنى چاققان ئىدۇق. رامىزان يازمىلىرى قۇرئان ئېيى بولغان مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلغان ئىدى…
شۇندىن بېرى بۇ رامىزانغىچە « پاسسىپ ياخشىدىن ئاكتىپ ياخشىغا »، « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ »، « يۈرەك دۆلىتى »، « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » ،« قەدەر رىسالىسى ۋە شەرھى » ناملىق ئەسەرلەر ئورتىغا چىقتى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشىدە ئەجرى سىڭگەن قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

ئەمدى 2015-يىللىق رامىزانغا نېمە پىلانىڭلار بار دەپ سورىساڭلار:
ئىنشائاللاھ تۆۋەندىكى كىتاپلارنى يېڭى باشتىن قولغا ئېلىپ، تەرجىمىسىگە تۇتۇش قىلىمىز:
1. ئەسمائۇل ھۇسنا
2. ئىماملار ۋە سۇلتانلار
3. سەرخىل ئايەتلەر
4. ئاتاش رىسالىسى

كۈندىلىك يوللانمىلاردىن « رامىزان يازمىلىرى » نىڭ قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

رامىزان يازمىلىرى سەھىپىسى : https://yuzlen.net/?cat=35
ئەگەر ۋاقىت يېتىشتۈرەلىسەك « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ » ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ يوللىنىدۇ.
بۇ جەھەتتە ياردەم بېرەي دەيدىغانلارغا ئىنگىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ ۋورد نۇسقىسى ئىۋەتىلىپ بېرىلىدۇ.

ئاۋازلىق ئەسەردىن، گەرچە كەسپ ئىگىسى بولمىساممۇ، يېتىشەلىگىنىمچە ھەر كۈنى ئۈچۈن « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » دېگەن ئەسەرنى ئاۋازلىق دەرس سۈپىتىدە ئوقۇپ، قۇرئان ھالقىسى رامىزانلىق دەرس ھېسابىدا سىزلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئورتاق تەرجىمە ئۈچۈن « ھاياتنى ئىنشا قىلىدىغان قۇرئانى چۈشەنچىلەر » ناملىق ئەسەرنى ئەڭ ئاز 5 كىشى بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلىۋەتسەك، ئىشىمىز قۇرئان ئېيى بولغان بۇ رامىزانغا تېخىمۇ ياراشقان بولاتتى.
كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئۆتكەندە تەرجىمە قىلىپ يوللىغان ئىدىم.
كىتاپنىڭ ئەرەپچە ۋە تۈركچە ئېلكىتابى تەرجىمە ئىشىغا خالىسانە ياردەم قىلماقچى بولغان قېرىنداشلارغا ئېلخەت ئارقىلىق ئېۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئەرەپچىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:

Click to access Kurani_Chushenchiler_Arabcha.pdf

تەرجىمىگە ھەمكارلشماقچى بولغانلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن!

ئۆمرۈڭلار رامىزان، ئاخىرىتىڭلار بايرام بولسۇن!

تۆۋەندىكىسى « ھاياتنى ئىنشا قىلىدىغان قۇرئانى چۈشەنچىلەر » ناملىق ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسىنىڭ تەرجىمىسى. خالىغان قېرىنداشلار تەرجىمە كارۋىنىمىزغا قېتىلىڭلار.

« ھاياتنى بەرپا قىلىدىغان قۇرئان ئۇقۇملىرى » – مۇستافا ئىسلامئوغلى
بۇ كىتاپ بەلكىم مۇشۇ يىللىق رامىزاننىڭ تەرجىمە ئەسىرى بولۇپ پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن. جەمئىي 11 تېما بار ئىكەن. كىتاپنىڭ مۇندەرجىسىنى تورغا چىقىرىپ قويىمەن، خالىسانە تەرجىمىدە ياردەمدە بولماقچى بولغانلار ئۈچۈن مۇندەرىجىنىڭ تەرجىمىسى تۈۋەندىكىدەك:
قۇرئانىي ئۇقۇملار ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ ئىنشاسى
ۋەھىينىڭ تۆتلۈك ئىنشا مودېلى
تەسەۋۋۇر – چۈشەنچىنىڭ ئانا رەھمىدۇر
ئەمەللەر نېمىشقا نىيەتكە كۆرە بولىدۇ؟
بىر جانىۋار مىسالى
ئىنسان ئوغلىنىڭ ئاتىسى قەيەردە خاتالاشتى؟
رەسۇلۇللاھنىڭ تەسەۋۋۇر ئىشاسىغا ئائىت
خۇلاسە
فىترەتكە ئۇيغۇن بولغان ھايات قۇرئانىي ھاياتتۇر
فىترەت ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى
ئاللاھ ئەشيالارغا فىترەت قويغان فاتىردۇر
پىترەت ئىلاھىي فورماتتۇر
فىترەت ئايىتى نېمە دەيدۇ؟
قىزىققان نەرسىسىنىڭ فىترىتىنى بىلمىگەن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ
ئەخلاق، دىننىڭ ئۇلىدۇر
« ئەخلاق » نىڭ لوغەت مەنىسى
دىن بىناسىنىڭ ئاساسى ئۇلى ئەخلاقتۇر
بىر مۇئامىلە ئەخلاقلىق سۈپىتىگە قايسى ۋاقىتتا ئېرىشىدۇ؟
ئەخلاق ۋە قۇرئان
سۈننەتتە ئەخلاق
ئىسلام مەدەنىيىدە ئەخلاق نەزىرىيەلىرى
يۇنان مەدەنىيىتىدە ئەخلاق نەزىرىيەلىرى
نەتىجە
ئاڭنىڭ ئەڭ ئالى ھالى ۋە ۋىجداننىڭ سالىھ ئەمىلى / ياخشى ئىشى بولغان تەقۋا
تەرىپلەردىن تەرىپ ياقتۇرالماسلىق
« مەسئۇلىيەت ئېڭى » بولغان تەقۋا
تەقۋەن لىل مۇھتەدىن ئەمەس، ھۇدەن لىل مۇتتەقىيندۇر
رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكسەلگەن ئاساس
قۇرئاندا تەقۋا سەپىرى
ئىلىم دىندۇر، دىن ئىلىمدۇر
ئىلىم دېگەن نېمە؟
ئىلىم ئۆلچەملىرى
ئاللاھ ئالىمدۇر
قۇرئاندا ئىلىم
سۈننەتتە ئىلىم
ئىسلام مەدەنىيەتىدە ئىلىم ۋە ئالىملار
خۇلاسە
ئىمان: ئاللاھقا ئىشىنىش؛  ئىسلام: ئىشەنگىنىگە تەسلىم بولۇشتۇر
ئىمان  – دىننىڭ روھىدۇر، ئىسلام – دىننىڭ بەدىنىدۇر
ئىمان تەرىپلەرگە سىغمايدۇ
ئىماننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە
ئىمان قىممىتى
ئىمان ۋە ئىنكار دېگەن نېمە؟
ئىسلام نېمە؟
تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى: خالىق يەككىدۇر، مەخلۇق كۆپتۇر
تەۋھىد ئىسلامنىڭ ئاساسلارنىڭمۇ ئاساسىدۇر
ياراتقان بىردۇر، يارالغۇچى كۆپتۇر
ئۇلۇھىييەت تەۋھىدى
كەلىمەئىي تەۋھىد: يۈز پېرسەنت ئاللاھ
سېكۇلار شېرىك
ئاخىرقى سۆزى
ئادالەت دۆۋلەتنىڭ ئىمانىدۇر
دىننىڭ ئىككى قانىتى: تەۋھىد ۋە ئادالەت
ئادالەت ھەقىقەتنىڭ ئۇلتېشىدۇر.
ئادالەت ھىلقەتنىڭ ئاساسىدۇر
ئاللاھ ئۆز زاتىغا رەھمەتنى يازغان / پەرىز قىلغان
ئاللاھ ئادالەتنى ئىنسانلارغا پەرىز قىلغان
دۆلەتنىڭ ئىمانى ئادالەتتۇر
ئىخلاس – دىننى ئاللاھقىلا خاس قىلىش ۋە سەمىمى بولۇشتۇر
دىنىي ئۇقۇملارنى قۇرئاننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە سۇنۇش
ئىخلاس: دىننى ئاللاھقا خاس قىلىپ ساپلاشتۇرۇش
مۇخلىسىيىن: دىنىنى پەقەت ئاللاھقىلا ھاس قىلغانلاردۇر
ئىخلاس: ھەم قولغا كەلگەن ھەمدە بېرىلىدىغان بىر نەرسىدۇر
« ئىخلاس » تىن « سەمىمىيەت » كە سەپەر
سەمىيەتنى ئۆلچىگىلى بولامدۇ؟
سەمىمىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى
ئاخىرقى سۆز
ئامانەتكە ساداقەت، ئاللاھقا ساداقەتتۇر
ئىمان: ئىلاھى ئوبراز / ئېتىماتقا لايىق بولۇشنىڭ ئەڭ تۈۋەن چېكىدۇر
ئىمان ۋە ئامانەت مۇناسىۋىتى
ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بەرگەن « ئامانىتى » نېمە ئىدى؟
ئامانەتكە خىيانەت زۇلۇم ۋە جاھىللىقنىڭ ئەڭ چوققىسىدۇر
مال – دۇنيا مۇلكىمىز ئەمەس، ئامانەتتۇر.
ئىرادىنى پاسسىپ تۇتۇش، ئامانەتكە ئەڭ چوڭ خىيانەتتۇر
شاھادەت – ھايات تۇرۇش، شاھىت بولۇشتۇر.
ئەڭ كاتتا شاھىت بولغان ئاللاھ
شاھادەت « ھوزۇر » دۇر
ئاللاھنىڭ شاھادىتى ئەڭ بۈيۈك شاھادەتتۇر
ھەققىدە قەسەم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى شېھىتتۇر
بار بولۇش شاھىت بولۇشتۇر
ئاللاھ قىلغانلىرىغا شاھىتتۇر
بىز بۇ ئالەمگە ساھىپ بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، شاھىت بولۇش ئۈچۈن كەلدۇق