ئەررەب

( تەربىيلىگۈچى / تەربىيە قىلىشىدا تەڭدىشى يوق )

كەلىمىنىڭ لوغەت مەنىسى

رەب « تەربىيە قىلىش »، « ئىسلاھ قىلىش، يېتىشتۈرۈش، بېقىش، خەۋەر ئېلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. تەربىيە – بىر نەرسىنى ئاددى ھالەتتىن قەدەممۇ – قەدەم كامىل ھالەتكە يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. رەببۇل ۋەلەدە – بالا تەربىيلىگۈچى مەنىسنى بىلدۈرىدۇ. زېمىننى نەملەندۈرۈپ، ئىسلاھ قىلغۇچى يامغۇر بۇلۇتلىرى راباب دېيىلىدۇ. تېرىنى ئىشلەپ قاتقا ئايرىش ئىشىنى رابەبتۇل ئەدىم دەيدۇ، يەنى تېرىنى قاتقا ئايرىدىم مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ يىلتىز مەنىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىكەندە « ئىگە بولۇش، ئاتىلىق قىلىش » مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، تەربىيە قىلغۇچى ئاتىلىق قىلغان بولىدۇ. ئاتىلىق قىلغۇچى بۈيۈك ۋە ئۈستۈن بولغان بولىدۇ. ئوخشاش تىل ئائىلىسىدىن بولغان ئارامىچە ۋە ئاقادچىدە رەب« ئۇلۇغ، بۈيۈك، يېتەكچى، خوجايىن » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. رەب كەلىمىسى ئارامىچە ياكى ئاقادچىدىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئانا تىلى ئارمىچە بولغان ئەيسا ئەلەيھىسسالام دەۋىتى جەريانىدا ئىشلەتكەن « بابا » ( رەبب ) ئوخشىتىش سۆزى بۇ مەنىنى ئىشارەت قىلماقتا. تەسلىسچى ( ئىنسانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىلاھ )خىرىستىيانلار بۇ ئوخشىتىشنى ھەقىقەت دەپ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئازغان. راببۇد-دار « ئۆي ساھىبى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئەسلى مەنىسى « ئائىلىنى بېقىش مەسئۇلىيىتى زېممىسىدە بولغان ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەزاسى – ئائىلە رەئىسى »نى بىلدۈرىدۇ. رابىب ۋە رابىبە، تەربىيىلەشكە ئالغان « ئۆگەي ئوغۇل ۋە ئۆگەي قىز »دېگەنلىك بولىدۇ. راببە، تەربىيلىشى ئۈچۈن پەرزەنت بېرىلگەن « ئۆگەي ئانا » نى كۆرسىتىدۇ.

كەلىمىنى ئوخشاش ئۇسلۇبتا مەنىسىنى كېڭەيتكەن ۋاقىتتا، « باشقۇرۇش،يىغىش، كۆپەيتىش » مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەڭ چوڭ باشقۇرىدۇ، باشقۇرغۇچى بىريەرگە جەم قىلىدۇ ۋە يىغىدۇ. ئەر – رىببە، ئون مىڭ كىشىلىك بىر جامائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەر – رابراب « ياۋايى بىر كالا توپىغا » ئىشلىتىلىدۇ. سۆز تومۇرىدا ئىككى با نىڭ بىر بىرىگە كىرىشىپ كىتىشى ( ر – ب – ب ) مەنىدىمۇ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە « بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە قوشۇلىشى » نى بىلدۈرىدۇ. باشتىكى كەلىمىنىڭ ھەرىكىسى كەسرا ( – ) بولۇپ بېشىنى ئەگسە،  بۇ مەنىدە ئۆز ئىپادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنىرىببى « رەببىگە بويۇن ئەگكەن »  دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر بىرىنچى كەلىمىنىڭ ھەرىكىسى داممە ( ’ ) بولۇپ بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، بۇ قېتىم « ئاز ۋە نادىر » بولغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئىھتىماللىقنى بىلدۈرىدىغان رۇببە باغلىغۇچىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

نەزەرىيىۋىي دائىرىدە رەب

راب / رەب تەربىيە قىلغۇچى

رەب ئىسمى ئاللاھ نىڭ تەڭداشسىز تەربىيسىنى ھەمدە مەخلۇقاتنى تەربىيسىگە جاۋاپ بەرگۈدەك شەكىلدە ياراتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى باشقۇرغۇچى، ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. رەب كەلىمىسىدە بىرسى كەلىمىنىڭ ئۆزىدىن، يەنە بىرىسى ئىشلىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىككى مۇبالىغە ئامىلى بار. كەلىمىدىكى « ب » ھەرىپىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن، يەنى ئۆزىدىكى مۇبالىغە ئامىلىدىن كېلىپ چىققان. كەلىمىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان مۇبالىغە ئامىلى،  سۈپەتداش بولغان بولسىمۇ ئىسمى فائىل ( مەزكۇر ئىشنى ئورۇنلىغۇچى ) شەكلىدە ئىشلىتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەپچىدە سۈپەتداشنىڭ ئىگە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى، ئىگىنىڭ ئۇ پېئىل ( ئىش –ھەرىكەت ) دىكى كامالىتىگە دالالەت قىلىدۇ. رەب ئىسمى بۇ سەۋەپتىن« ئەڭ »لەرمەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بەزى ئالىملار رەب ئىسمىنى سەييىد ( پىشىۋا، ئىگە)، مالىك ( خوجايىن، ئىگە )، مۇسلىھ ( ئىسلاھ قىلغۇچى )، مەبۇد ( ئىبادەت قىلىنغان)، مۇدەببىر ( باشقۇرغان ) ۋە باشقا ئىسىملارنىڭ مەنىداش سۆزى سۈپىتىدە قارىغان. شۇنداقتىمۇ بۇ، ھەر خىل مەنىداشلىق، « ئىسىملارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، مەنىنىڭ پەرقلىق بولىشىغا دالالەت قىلىدۇ » دېگەن قائىدىگە خىلاپ. تابارى ۋە قۇرتۇبىغا ئوخشاش بەزى مۇپەسسىرلەرمۇ رەب ئىسمىنى سەييىد، مالىك ۋە مۇسلىھ مەنىلىرىدە چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا قوشىۋەتكەن ( قۇرتۇبى، ئەل – ئەسنا، 1، 391 -392؛ تابارى، تەپسىر،1، 91-92؛ ئىسفاھانى، مۇفرەدات مۇناسىۋەتلىك بۆلۇم ). لېكىن، ئەسمائى ھۇسنادا مەنىداشلىق داۋاسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.

ئاللاھ پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئەمەس، ئاسمان – زېمىننىڭمۇ رەببى. لېكىن تاشنىڭ سەييىدى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاللاھ نىڭ مالىك ماھىيىتى رەب ئىسمىغا ئەمەس، ئەل –مەلىك ئىسمىغا نىسبەت قىلىنىدۇ. ئەگەر رەبب بىلەن مالىك ئارىسىدا زۆرۈرى بىر مەنا باغلىنىشى بولغان بولسا ئىدى، ناس سۈرىسىنىڭ بېشىدا « ئىنسانلارنىڭ رەببى » دېيىلگەندىن كېيىن، ئايرىم بىر ئىپادە بىلەن « ئىنسانلارنىڭ مالىكى ( ئىگىسى ) »دېيىلمەيتتى. مۇسلىھ قا كەلسەك، ئىسلاھ ھەققىدە توختۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنەرسىنى بۇزغۇچى، ئازدۇرغۇچى ھەققىدە توختىلىش لازىم. رەب بۇزۇلغاننى ئىسلاھ قىلىدۇ. ھەتتا « بۇزۇلۇشقا رۇخسەت قىلىشى، بۇ ئىسىمنىڭ تەجەللىسى ئۈچۈن » دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، رەبنى پەقەت « بۇزۇلغاننى ئىسلاھ قىلغۇچى » مەنىسىگە مەھكۇم قىلىپ قويغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ رۇبۇبىييىتى بۇزۇلمىغانلار ئۈچۈنمۇ تەجەللى قىلىدۇ. قىسقىچە، بۇ مەنالار پەقەت رەب ئىسمىنىڭ ئەسلى ئەمەس، قوشۇمچە مەنالىرى بولالايدۇ. رەب ئىسمىنىڭ ئەسلى مەنىسى « تەربىيە قىلغۇچى، پەرۋىش قىلغۇچى »بولىدۇ.

بۇ لوغەت دائىرىسىدە چىققان نەتىجىنىڭ، ئاللاھ نىڭ رۇبۇبىيىتى نوقتىسىدىن قۇرئاندىكى دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. تەربىيە ۋە پەرۋىش قىلىشنى ھۆددىسىگە ئالغۇچى، ئىھتىياجىنىمۇ قامدايدۇ (26:77،80؛  106:3،4).
  2. تەربىيلىگۈچى، تەربىيلەنگۈچىنى نازارەت قىلىپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ ( 4:1؛ 5:117 ).
  3. تەربىيلىگۈچى، تەربىيلەنگۈچىنىڭ خوجىسى ۋە سۆزى ئۆتكۈچىدۇر ( 42:10 ).
  4. تەربىيلىگۈچىنىڭ تەربىيلەنگۈچى ئۈستىدە ھەققى بولىدۇ ( 89:15،17 ).
  5. تەربىيلەنگۈچىدىن ئىتائەت ۋە بەندىلىك قىلىشىنى كۈتۈش ئۇنىڭ ھەققى ( 6:164 ).
  6. ھەر مەخلۇق ئاخىرىدا ئۆزىنى پەرۋىش قىلغۇچىنىڭ ھوزۇرىغا قايتىدۇ ( 6:38 ).ئىنسانلارنىڭ روھلىرىنى چاقىرغاندا، روھلارنىڭ بۇ دەۋەتكە ئاۋاز قوشۇپ « ۋاپا »قىلىشى ( تەۋەففى ) مۇ ئۇنىڭ رەب بولغانلىقىنىڭ تەجەللىسى.

ئاللاھ نىڭ رەب بولىشىنىڭ سىرى، ئاللاھ ئىسمىنىڭ ئۆز مەنىسىدە. ئۇ سىر « مېھرى – شەپقەت »( 11:90 ). ئاتا – ئانا پەرزەنتىنى تەربىيلەش ۋە بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بالا باققۇچى بالىنىڭ تەربىيسىنى بەلگىلىك ھەق بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەربىيسىنى شۇ ئىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەربىيسىنى، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بەندىنىڭ ئىمان ئېيتىشى ياكى ئىنكار قىلىشىغا، موللا ياكى ئوغرى بولىشىغا، ئىتائەت قىلغۇچى ياكى ئاسىي ئىكەنلىكىگە، ياخشى ياكى يامانلىقىغا، سادىق ياكى خىيانەتچى بولىشىغا قارىمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، رەب رۇبۇبىييىتىنى ئىنكار قىلىش، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە / ياخشى كۆرۈشىگە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ.

تەربىيەنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە خاراكتېرى

تەربىيە ئۆز ئىچىدىن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1) بىۋاستە تەربىيە

2) ۋاستىلىك تەربىيە

بىۋاستە تەربىيە، بىر ۋاستىگە ئىھتىياج تۇيماستىن ئېلىپ بېرىلغان تەربىيىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاستىلىق تەربىيە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئاللاھ نىڭ تەربىيسى ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاستىلىق تەربىيە ئۆز ئىچىدىن يەنە ئىككىگە ئايرىلىدۇ:

(1)ياخشى تەربىيە

(2)يامان تەربىيە

ھەر ۋاقىت ۋە ھەر شارائىتتا ئاللاھ نىڭ تەربىيسى ياخشى تەربىيە بولۇپ، ئىلاھىي تەربىيگە زىت بولغان ھەر قانداق تەربىيە تەربىيلەش ئەمەس، بەلكى تەربىيىسىز قىلىپ چىقىش بولىدۇ.

ياخشى تەربىيە ئاخىرلىشىپ قالمايدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، ئىنسان مۇكەممەل ئەمەس، پەقەت كامىل بولالايدۇ. كامال داۋام قىلىۋاتقان بىر جەرياننى بىلدۈرىدۇ. مۇكەممەل، ئاخىرلاشقان بىر جەرياننى بىلدۈرىدۇ. ئىنسان تەربىيسىدە ئاخىرلاشقان بىر باسقۇچتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقتىن، بۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى رەب ئىسمىنىڭ تەجەللىسى چەكلىك ئەمەس، ئەكسىچە چەكسىز. ئىلاھىي رۇبۇبىييەت، مەخلۇقات ئائىلىسىگە تەۋە بارلىق نەرسىلەرنىڭ بىر نوقتىدا توختاپ قىلىشىغا يول قويمايدۇ. رۇبۇبىييەت تەجەللىسىنىڭ بىر جەريان ئىكەنلىكى ۋە توختىتىش مۇمكىن ئەمەسلىك ىھەقىقىتى، پەقەت ئىنسان تەربىيىسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تاش ۋە زېمىننىڭ تەربىيسى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش.

ئىسلام بىناكارچىلىقى بۇ سەۋەپتىن بېكىنمە ۋە تاماملانغان بىر باسقۇچنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ مۇكەممەللىك بولىدۇ. ھالبۇكى، مۇكەممەللىك داۋاسى كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام بىناكارچىلىقىدا بىر ئىمارەت « سەمەت » بولمايدۇ. سەمەت، ئىچىگە بىر نەرسە كىرمەيدىغان ياكى ئىچىدىن بىر نەرسە چىقمايدىغان، قىلچىلىك كەم ياكى ئارتۇق يېرى بولمىغان، مۇكەممەل بولغان دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ ئاللاھ تۇر. ئوتتۇرا ئەسىر بىناكارچىلىقىنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام بىناكارچىلىقى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىلدىن شەكىلگە كىرگەن، يېڭىلىق قوشۇلغان ۋە ئوشۇق تەرىپى ئېلىپ تاشلانغان بىر ئەسەردۇر. ئائىلىگە يېڭى ئەزا قېتىلىدۇ، ئۆيگە بىر ئېغىز ھۇجرا قوشۇلىدۇ. ئائىلىدىن ئەزالار چىقىپ كېتىدۇ، بىنانىڭ بىرقىسمىدىن ۋاز كېچىلىدۇ.  ئىمارەت ياكى كېڭەيتىلىدۇ ياكى كىچىكلىتىلىدۇ. بۇ خۇددى ئىنسان ئۆمرىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن باسقۇچلارغا ئوخشايدۇ. بۇ تەربىينىڭ ئالدى چەكسىز ئېچىلغان ۋە نوختا قويغىلى بولمايدىغان بىر جەريان ئىكەنلىكى ھەقىقىتنى نامايەن قىلىدۇ.

ئىسلامنىڭ رەسىمگە سوغۇق قارىشىنىڭ سەۋەبىنى، رۇبۇبىييەت تەجەللىسىنىڭ بىر نوقتىدا توختاپ قالمايدىغانلىقى ھەقىقىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا چۈشۈنۈش كېرەك. رەسىم، ئىنساننىڭ شەيئىلەرگە ئىگە بولۇش خىرسىنىڭ بىر ئەسىرى بولغاندىن باشقا، شەيئىنى بىر نوقتىدا توختىتىپ قويغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا « سەمەت » مۇئامىلىسىنى قىلغانلىقى، ئىلاھىي رۇبۇبىييەت ھەقىقىتىگە زىت كەلمەكتە. ھالبۇكى رۇبۇبىييەتنىڭ تەجەللىسى ئىزچىل بولىدۇ. ئۇنى بىر يەردە ۋە بىر نوقتىدا توختىتىپ قويۇش داۋاسى، بىر يەردە رۇبۇبىييەت تەجەللىسىگە ئەينەك بولۇشتىن ۋاز كېچىش تەشەببۇسى بولۇپ، بۇ رەب بولغان ئاللاھ تىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.