قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۈگەتكۈچىنىڭ نامى بىلەن

 

ھەممىدىن بۇرۇن سۆز بار ئىدى. مۇشۇنداق باشلايدۇ يۇھاننا ئىنجىلى. ئەڭ باشتا سۆز بار ئىدى ۋە ھەر شەيئى « كەلىمە » بىلەن باشلىدى. پەيدا بولۇش « ۋۇجۇتقا كەل » ئەمرى بىلەن باشلىدى. پەۋقۇلئاددە بىر ھالنىڭ ئىپادىسى بولغان ئىسا ئەلەيھىسسالامنى « كەلىمە » دەپ ئاتاش ھەرگىزمۇ بىر تاسادىبىيلىق ئەمەس.

كەلىمە مۇھىم، يېزىش مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە كىشى  يازىدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە كىشى يەتكۈزۈلىشى زۆرۈر تۇرۇپ، يەتكۈزمىگەن ھەقىقەت سەۋەبىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئەسەر، يازغۇچىنىڭ ئەمەلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يېزىش بىر پۇرسەت بولۇپ، ھەر پۇرسەت بىر نېمەتتۇر. نېمەتنىڭ ھەققى شۈكۈر بىلەن ئادا قىلىنغاندا، ئۇ نېمەت بولىدۇ. ئەگەر شۈكرى ئادا قىلىنمىسا، ئۇنىڭ بەدىلى بېرىلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا نېمەت مۇسىبەتكە، بالاغا، پىتنىگە ئايلىنىدۇ. سۆز مۇھەببەتتۇر. شۇڭا ئانادولۇدا ئۈچ كىشىنىڭ بىر يەردە تۇرۇپ سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىسىڭىز، « مۇھەببەتلىشىۋاتىمىز ( سۆھبەتلىشىۋاتىمىز ) » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. سۆزدىن سۆيگۈنى، يازما ئەسەردىن مۇھەببەتنى چىقىرىۋەتكەن ۋاقتىڭىزدا، سىزگە قالىدىغىنى بىر دۆۋە ھەرپ، بىر يېشىك كەلگۈدەك سۆز ۋە بىر چاڭگال جۈملە خارابىسى بولىدۇ. سۆزلىرىمىز شامدىن ياسالغان بېزەكلەر بولۇپ، ئۇلارغا جان بەرگۈچى، قان بەرگۈچى مۇھەببەتتۇر. تەسىر كۈچىنى پەيدا قىلغۇچى رەببىمىزدۇر.

سۆز قەيەردىن چىققان بولسا، شۇ يەرگە بارىدۇ. ئېغىزنىڭ ئۇچىدىن چىققان سۆز، قۇلاقنىڭ بۇ تەرىپىدىن كىرىپ يەنە بىر تەرىپىدىن چىقىپ كېتىدۇ. يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە بېرىپ توختايدۇ. ھەر سۆز بىر نەرسە دېمەيدۇ. كۆر، گاس، تىلسىز سۆزلەرمۇ بار. ئاڭلايدىغان قۇلقى، كۆرىدىغان كۆزى بارلار ئۈچۈن، بەزى سۆزلەر ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى دەيدۇ، ئەلۋەتتە.

يېزىش بىر سەنئەتتۇر. ئاللاھ نىڭ – بەندىنىڭ، سۇنىڭ – ناننىڭ ھەققى بولغاندەك، يازما ئەسەرنىڭمۇ ھەققى بولىدۇ. ھەققىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ يېزىش، ئەسەرگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. ھەققى ئادا قىلىنغان ھالدا يېزىلغان بىر ئەسەر، ھەققىنى بېرىپ ئوقۇيدىغان كىتاپخان ئىزدەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئوقۇشمۇ بىر ماھارەت ۋە مەسئۇلىيەتتۇر…

ياخشى يېزىلغان بىر ئەسەرنىڭ مەقسىتى، مەلۇم بىر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ياكى كۈنتەرتىپتىكى خاتالىقنى ئۆزگەرتىشتۇر. ئاپتالنىڭ جاكارچىلىقىنى قىلىۋاتقان تاراتقۇلار پەيدا قىلغان يالغان كۈنتەرتىپنىڭ لېيىغان سۈيىگە ئەگىشىپ ئېقىش، بىر ئەسەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ئېغىر مۇسىبەت بولسا كېرەك. بۇ خىل ئاقىۋەتكە قالغان ئەسەرنىڭ جازاسى كۆپۈكتەك يوق بولۇشتۇر.

كۈنىمىزدە ئىككى كۈنتەرتىپ بار. بىرسى غەيۋەت دەپ ئاتىلىدىغان ئۆتكۈنچى، ئاددىي ۋە كىشىنى ئالدايدىغان كۈنتەرتىپلەر بولۇپ، بۇلارنى تاراتقۇلار پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىرسى بولسا، ئۇزۇن مۇددەت ئۇنتۇلمايدىغان، رەسمىي ۋە توغرا بولغان كۈنتەرتىپلەر بولۇپ، بۇ ئىككىنچى كۈنتەرتىپ ئىچىدە ئەڭ بەرىكەتلىك / مۇبارەك بولغانلىرى ئاللاھ بەلگىلىگەن مەسلىلەردۇر.

رامىزان ئاللاھ بەلگىلىگەن ئىلاھى كۈنتەرتىپ بولۇپ، كۈندىلىك ھايات قاينىمىدا ئېقىپ كېتىۋاتقان ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى، ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتى تەكىتلەنگەن، بەشەر تەرىپىنى ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلىغان بىر كۈنتەرتىپتۇر. بۇ ئىلاھى كۈنتەرتىپنىڭ مەقسىتى، ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر. روزا پەرز قىلغان ئايەتنىڭ « لەئەللەكۇم تەتتەقۇن » ئىبارىسى بىلەن ئاخىرلىشىشى بۇنى روشەن بىر شەكىلدە كۆرسەتمەكتە. بەدەن بەزىدە ئەقىل ئىشلىتىدىغان قەلبنىڭ ئۈستىگە يېپىلغان قېلىن بىر پەردىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. روزا، مانا بۇ قېلىن پەردە ئارىسىدىن ئىنساننىڭ ئىنسانى تەرىپىنىڭ، بەشەر تەرىپىدىن غالىپ كېلىشىگە ياردەم قىلىدىغان ئەمەل بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.

رامىزان ئىنسانغا ئەۋەتىلگەن بىر ئىلاھىي باغاق. ئىنساننى باشقا يەرگە ئەمەس، ئۆزىگە قايتىشقا چاقىرغان بىر تەكلىپنامە. بۇ مەنىدە، روزا ھەددىنى بىلىشكە تەۋسىيە قىلىنغان بىر چاقىرىقتۇر. روزا، ئىنسانغا ئاجىز، مۇھتاج بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش ھەرىكىتىدۇر. يەنى، ئىنساننى ئۆز ھۇدۇت ( چېگرا ) لىرىنى بايقاشقا چاقىرىش بولۇپ، ئۆز ھۇدۇدلىرىنى بىلگەن كىشى ھەددىنى بىلىدۇ، ھەددىنى بىلگەن كىشى پەرۋەردىگارىنى بىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن رامىزان، يۈرەك مەملىكىتىنى بىر يىل تاشلاپ قويغان ئىنسانغا، « ئىچىڭدىكى دۇنيا »نى بايقاش ئۈچۈن يولغا چىق پەرمانى بولۇپ، فىترەت جەھەتتىن ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن مىسلىسىز بىر كۈچ، يادرو كۈچ مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قەلىبكە ئىنساننىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇش چاقىرىقىدۇر. ئىنسان نەپسى دائىم ئۆزىدىن بەكرەك باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، باشقىلارغا قىزىقىشقا، باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئامراق كېلىدۇ. باشقىلارغا قارىتىلغان بۇ ھەددىدىن زىيادە قىزىقىش، كۆپىنچە ۋاقىتتە ئۆزىگە سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىنسانغا ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ روھىي ھالەتكە گىرىپتار بولغان كىشىنى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۆزىگە تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرمەي، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ھالدا كۆرىسىز.  ۋاي ئىسىت، دەپ قالىسىز. بىچارە ئۆزىگە تۇتاشقان ئوتتىن بىخەۋەر.

كىم بىلىدۇ، باشقىلار ھەققىدە بۇ پەۋقۇلئاددە كەمچىلىكنى بايقاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، ئوت سىزگىمۇ تۇتۇشۇپ كەتكەندۇ، بەلكىم.