ۋەخپە مەدەنىيىتى

بۇ رامىزان ئىپتار ۋاقتىدا ۋەتەن كوچىسىدىن ئۆتتىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇ يەردە بولغان بولسىڭىز سىزمۇ ماڭا ئوخشاش سىزنى سۆيۈندۈرىدىغان « ئەسلى، خىزمەت دېگەن مانا » دېگۈدەك بىر ئىشنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. ئاقگۈن مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىڭىزدە، ئالدىرماي ئىلگىرلەۋاتقان قاتناش قىستاڭچىلىقىدا، رەتلىك كىيىنگەن، يۈز – كۆزلىرى پاكىز بەش – ئون يىگىتنىڭ ئۈستىدە « ئاقابە ۋەخپى خەيرلىك ئىپتار تىلەيدۇ! » دەپ يېزىلغان، ئالاھىدە ھازىرلانغان كىچىك خالتىلاردىكى ئىپتارلىقلارنى ماشىنىدىكى كىشىلەرگە تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

بۇ خالتىلارنىڭ ئىچىدە يەنە كىچىك خالتىلار بار بولۇپ، ئىچىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئورالغان پوغاچا ( بولكا تۈرى )، بىر نەچچە تال خورما ۋە ئىچىملىك بار. ئىپتار ۋاقتىدا ئىستانبۇلنىڭ قاتناش قىستاڭلىقىدا قالغان بىرسى ئۈچۈن، بۇ سوۋغىنىڭ قانداق ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى پەقەت ھەر كۈنى شۇ ئاۋارىچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشى بىلىدۇ.

ئاقئەۋ ( ئاقابە مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپى ) ھەر كۈنى 500 كىشىنىڭ قولىغا بۇ سوۋغىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ۋەخپە بۇ شەكىلدە پۈتۈن رامىزان ئېيىدا 15000 كىشىگە بۇ سوۋغىنى يەتكۈزۈشنى پىلانلاپتۇ .
بۇنىڭغا ئوخشاش خالىس ئىشلارنىڭ ئومۇمىيلىشىشىنى ۋە ۋەخپىلەرنىڭ ئەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان « خىزمىتى » قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئىسلام تارىخىدا پەقەت يولۇچىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان، ھەتتا پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يانچۇقلىرىغا قورۇلغان پۇرچاق سېلىپ قويۇش ئۈچۈن « پۇرچاق ۋەخپى » قۇرۇلغان ئىكەن. قىزىقارلىق بولغىنى، بۇ ئىشلار بۇ نوقتىدىلا توختاپ قالماي شۇنداق كېڭىيىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت يولۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، « كۆچمەن قۇشلار » ئۈچۈنمۇ ۋەخپىلەر قۇرۇلغان، يەر ۋە مەيدانلار ياسالغان.

ئىسلام مەدەنىيىتى ئەمىلىيەتتە بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە گۈزەللىكلىرى بىلەن « ۋەخپە مەدەنىيىتى » ئارقىلىق كۈنىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن. كۈنىمىز ئىسلام ۋەخپىچىلىكى ئۆتمۈشتىن بەك ئاز ئۆرنەك ئالدى. بەزىدە ۋەخپىلەر ئەسلى ۋەزىپىسىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ۋەخپە « ۋەخپە » بولماي، بىر پارتىيە، شىركەتلەر گۇرۇھى ئىگىلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ۋەخپە بىر نەرسىنىڭ ئاللاھ يولىدا ھېچقانداق مەنپەئەت كۆزلىمىگەن ھالدا خىزمەتكە ئاتىلىشى بولۇپ، ۋەخپىنىڭ ۋەخپە بولالىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى بۇ نىيەتتىن ئىبارەت. بۇ مەقسەتتە ئاللاھ يولىدا خەلققە خىزمەت قىلغانلار، ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئۇتقان، ئىنسان بەختىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلامنى ئىنسانلارغا، ئىنسانلارنى ئىسلامغا ئۇلاشتۇرغان.

بۇ تۈردىكى سەمىمىي نىيەت بىلەن ئىنسانلارغا ۋەخپە قىلىنغان شەيئىلەر ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى « ۋەخپە ئادىمى » تەربىيىلەپ چىقىشتۇر. ئەڭ قىممەتلىك ۋەخپە « ۋەخپە ئادەملىرى » بولۇپ، ئۇلار ماللىرىنى ئەمەس، پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھقا ۋەخپە ( ئاتايدۇ ) قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ بەخت ساقىيسىغا ئوخشاش، كۆڭلدىن كۆڭۈلگە بەخت – سائادەت يەتكۈزگۈچىلەردۇر. ھەدىيە بويۇملىرى تارقىتىلغان يەرلەردە ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇ كىشىلەر خىزمەت دېگەندە ئالدىغا چىقىپ، نېمەت زامانلىرىدا ئارقىدا تۇرىدۇ.

بۇلار تولۇق مەنىدىكى ئىشلەرچىقارغۇچىلار بولۇپ، بۇ ھەم سۈپەتلىك ھەم مول مىقداردىكى ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىش ھەرىكىتىدۇر. مانا بۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىسلام دىنى، ئەسىرگە ئېلىنغان غەيرى مۇسۇلمان تارىق زىياد، ئابدۇللاھ ئېلباتتال قاتارلىقلارنىڭ پۇشتىدىن قانچىلىغان پەتىھ قىلغۇچىلارنى، ئۆزىگە قارشى جەڭ قىلغانلارنىڭ پۇشتىدىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئوخشاش دىنى ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانىدى.

ھەزرىتى مەريەم بىر ۋەخپە ئىدى. ئانىسى خاننە ۋەخپە قىلغۇچى، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ۋەخپىنىڭ بىر مەھسۇلى، ھەزرىتى زەكەرىيا بولسا مانا بۇ ئەڭ گۈزەل باغنىڭ باغۋەنى ئىدى.

ئۇ ھالدا ئەقلى جايىدا بولغان ھەر ئىنساننىڭ ۋەزىپسى ياكى خاننەدەك ۋەخپە قىلغۇچىلاردىن بولۇش، ياكى مەريەمدەك ۋەخپە بولۇش ۋەياكى زەكەرىيادەك « باغۋەن » لەردىن بولۇش.

بۇلاردىن ھېچبىرىگە تەۋە بولالمىغانلارغا، بەڭۋاش بالىلاردەك باغدىكى مېۋىلىك دەرەخكە تاش ئېتىش قېپقالىدۇ، خالاس.