روزا تۇتۇشنىڭ كۈچى

 

روزا تۇتىدىغان قەۋمنىڭ روزا تۇتۇشتا قانداق چىڭ تۇرىدىغانلىقى، رامىزان ئىبادەتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئەڭ مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان يەرلەرگىچە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلەمسىز؟  قەلبى كور، قۇلىقى پاڭ، تىلى گەپكە كەلمەيدىغانلاردىن باشقىلار بۇنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ، ئاڭلايدۇ، رامىزان ۋە روزا تۇتىدىغان قەۋمنى تىلغا ئالىدۇ. پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا توپلىغان نەرسىلىرى ۋە دىندىن يىراقلاشقان دىنسىزلار يۇرتلىرىدا كەيىپ – ساپا سۈرۈپ يۈرگەن ئاز بىر قىسىم ئازغۇنلاردىن باشقا، ھەممە ئادەم رامىزان ئېيىدا بىر نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا بولىدۇ .

رامىزاندا ھەر بىر جامائەت ئۆزى بىلمىگەن ھالدا بىر نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ شۇ كىشىنىڭ ئىمانى، بىلىمى، چۈشەنچىلىرى، غەيرەت شىجائىتى ۋە نىيىتىگە باغلىق بىر ئىش بولۇپ، كىشىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئەڭ تەقۋا ئىنسانلاردىن رامىزاندا جامائەت بىلەن تەڭ دەرىجىدە ئىبادەتلەرگە قىزغىن بولغان، مۇنداقلا ئىبادەتكە قېتىلغان كشىلەرگىچە ھەممە ئادەم رامىزاننىڭ مۇبارەك « تۈگمىنى »گە سۇ توشۇيدۇ. رامىزان قىزغىنلىقى كۈچەيگەنچە جامائەت شۇنچە كۈچەيگەندەك بولىدۇ. چۈنكى رامىزان جامائەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مىللەتنى « يىلتىزى كۈچلۈك مىللەت »كە ئايلاندۇرىدۇ ۋە مىللەتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى كۈچەيگەنسىرى بەزىلەر گۇمان ۋە ۋەسۋەسىگە چۈشىدۇ.

شۇ ئېنىقكى، بەزىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئۆيلەرگە، كوچا – كويلارغا، شەھەرلەرگە ۋە پۈتۈن ۋەتەنگە ئېلىپ كەلگەن ئىلاھى پۇرىقىنى ياقتۇرمايدۇ. شەيتانلارنىڭ ( ئاللاھ تەرىپىدىن ) باغلىنىپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى بىئارام قىلىدۇ. شۇ بىئارامچىلىقىنى ئۇلارنىڭ يازغانلىرىدىن، قىلغان سۆزلىرىدىن، ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن، سۈكۈتلىرىدىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ كىشىلەر ئۈمىتسىز ئازغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى رامىزاننى بۇ ۋەتەندىن يوق قىلىش خىياللىرى، ھەر يىل مۇبارەك رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ ئازغۇن ۋە گۇمراھ بىر شەكىلدە قايتىپ كېلىدۇ. بىراق رامىزاندىن بۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاچچىقلانسىمۇ، زارلانسىمۇ ئۇلارنىڭ قاچالىشى مۇمكىن ئەمەس. خۇددى شائىر ئېيتقاندەك: « بىر شامكى تەڭرى ياققان، پۈۋلەپ ئۆچۈرۈلمەس!». ئۇلار رەڭگىنى بۇزىدۇ، شەكلىنى بۇزىدۇ، لېكىن ئاللاھ ياراتقاننى ھېچقاچان بۇزۇشقا ئىمكانى يوقتۇر!

مۇشۇ يېقىندا ئاڭلىغان بىر ھىكايە بار ئىدى، بەلكىم خەلقنىڭ روھى يىلتىزىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن ئەخمەقلەرگە بىر دەرس بوپ قالغۇسى.

خاكان ئاقبايراق بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتۇق تۇيۇقسىز بىر تېلېفۇن كەلدى، خاكان ماڭا ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. قارشى تەرەپكە « ھېلىقى بىز لېنتىدىن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئۇستازىمىز بارغۇ، مەن ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا » دېۋىدى، ئۇ تېلېفۇندىكى مەن تونىمىغان ئادەمدىن بىر سالام ئالدىم، ئەسلى ۋەقەلىكنى تېلېفۇننى قويغاندىن كېيىن خاكان ماڭا سۆزلەپ بەردى. ئوخشاش بىر قاماقخانىدا ياتقان ئىكەن. ئىسىمدە قېلىشىچە، تېلېفۇندىكى قارشى تەرەپ 15 يىلدەك كېسىلگەن بولۇپ، تېخى يېقىندا جازا مۇددىتى تۈگەپ قويۇپ بېرىلىپتىمىش.

مۆھتىرەم خاكاننىڭ تۈرمە كۈنلىرىنى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ تۈرمە كامىرلىرىنى ھەقىقى بىر مەدرىسكە ئايلاندۇرغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇ يەردە بىرىنچى ماددىسى قۇرئان تەپسىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇنتىزىم بولغان مائارىپ شەكىللەنگەن ئىدى. دەل شۇ مەزگىللەردە، كامىرغا كىرگەندە سوۋغا قىلىنغان بىزنىڭ تەپسىر لېنتىمىزنى باشتىن ئاخىرىغىچە كۆرۈپتۇ. ئۇ كامىردا قاچان تەپسىر ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاقلىقىنى تاقىسا، تېىلفۇندا ماڭا سالام يوللىغان بۇ زات « بىز بىلەن ھېچ كارىڭ يوق، ئۈنئالغۇ لىنتىسى ئاڭلايسەن » دەپ ئەيىپلەيدىكەن. خاكاننىڭ ئېيتىشىچە بىر كۈنى يەنە ئۈنئالغۇدا تەپسىر ئاڭلاۋاتقان ئىكەن، ئۇ كىشى يەنە ئەيىپلەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇلاقلىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا تاقاپتۇ ۋە مۇشۇنى ئاڭلاۋاتىمەن » دەپتۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇمۇ تەپسىر ئاڭلاشقا ھىرىسمەن بولۇپ قاپتۇ، بۇ دەل مۇشۇ ئادەمنىڭ ھىكايىسى ئىدى. يۈز بەرگەن شۇ ۋەقە سەۋەبىدىن بۇ كىشىگە يەنە بىر يېرىم يىل قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. جازاغا ئىتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، جازا قارارى ئۇنىڭغا قارشى ھالەتكە ئۆتۈپ، بىر يېرىم يىللىق جازادىن 15 يىللىق جازاغا ئۇزارتىلىپ ھاياتىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپتۇ. ئېتىرازدىن كېيىن 15 يىللىق جازانىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن كۈنى بىر قەندىل كۈنىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بىر مەزگىلدىن بۇيان ھاراق شاراپتىن مېھرىنى ئۈزۈپ تەۋبە قىلغان بۇ ئادەم، بۇ زۇلمەتلىك جازا قارارىنىڭ قايغۇسىدا ئەنقەرەدىكى مەيخانىلاردىن ھارامغا يەر ئىزدەپتۇ. نەگە بارسا شۇ يەردە « قەندىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تاقالدى »  دەپ يېزىلغانىكەن. ئاخىرى كوچىنىڭ پىنھان بىر يېرىدىن چىراقلىرى خىرە يانغان بىر ئوچۇق مەيخانا  تېپىپتۇ. قاۋاقخانىدا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوق بولۇپ، يېنىدا شۇ يەردىكى ھەمرا بولغۇچى خېنىملار بار ئىكەن. ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بىر ھايال ئۆتكەندىن كېيىن ھاراق كەلتۈرۈلۈپتۇ. خىزمەتكارلار بېشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:« سەن ئالەۋىمۇ؟ ». بۇ ئادەم: «  ياق » دەپتۇ. « ئۇنداقتا سەن غەيرى مۇسۇلمانمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ، بۇ ئادەم يەنە « ياق » جاۋابىنى بەرگەندە، بۇ خىزمەتچى ئۇنى « بۈگۈن قەندىل كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن، نېمىشقا ھاراق ئىچىسەن؟ » دەپ ئەيىپلەپ كېتىپتۇ. ئۇمۇ ئۆزىنى ئاقلاپ « لېكىن، سىلەرمۇ بۇ يەردە ھاراق سېتىۋېتىپسىلەرغۇ؟» دېگەن ئىكەن، خىزمەتكارنىڭ « ئەگەر سەن ئىچكىلى كەلمىسەڭ بىزمۇ ساتمايتتۇق » دېگەن جاۋابىنى ئاپتۇ. بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرىدا بۇ بىزنىڭ ئادەم شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردە ھاراقنىڭ پۇلىنى تۆلىۋىتىپ ھاراقنى ئىچەلمەي ئۇ يەردىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

شۇنداق، سىلەرگە دەپ بەرمەكچى بولغان ھىكايەم مۇشۇ شۇ.  ھىكايىمىز بىزگە بۇ ۋەتەندە كىشىلەرنى مەست قىلىپ، گۇناھقا كۆندۈرۈپ ئۇلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇشنى خىيال قىلغانلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ رامىزان ئۈچۈنمۇ شۇنداق.

ئۇلار قولىدىن كېلىشچە قارشىلىق ۋە جاھىللىق بىلەن ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلسىمۇ، بۇ ۋەتەننى، بۇ تۇپراقلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرىۋېتەلمەيدۇ.