روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتۇڭ، روزىمۇ بېشىڭىزنى تىك تۇتسۇن

 

شەمسەددىن شامىنىڭ قامۇسى تۈركىنىڭ  « ئورۇچ ( روزا ) » ماددىسىدا مۇنداق مەلۇمات بار: « ئورۇچ – پارىسچە رۇزە سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، تۈركلەرنىڭ ` ر ` ۋە ` ل ` بىلەن باشلانغان سۆزلىرى بولمىغاچقا، بۇنداق سۆزلەرنىڭ بېشىغا دائىم كەلىمىنىڭ سوزۇق تاۋۇشىغا ماس ھالدا بىر تاۋۇش قوشۇلىدۇ، بۇ شۇنىڭ بىلەن ئورۇچ بولغان ( رۇسنى ئۇرۇس دەپ ئاتىغىنىدەك ) ».

ئورۇچ سۆزىنىڭ يىلتىزغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىدىكى مەلۇماتقا ئاساسەن، قەدىمكى تۈركلەردە روزىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىبادەتنىڭ ئىسلام ئارقىلىق باشتا پارسلارغا، ئاندىن بىزگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتالايمىز.

روزىنىڭ قۇرئاندىكى ئاتىلىشى ساۋم. ساۋم بۈيۈك ئەرەپ تىلى ئانسكىلوپېدىيسىدە بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، « تەرك ئېتىش ۋە بەرداشلىق بېرىش تۈسىنى ئالغان سەبىر » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ساۋم سۆزىنىڭ يىلتىز مەنىسىگە ئاساسەن، روزىنىڭ « تۇتۇش » ۋە « تاشلاش » تىن ئىبارەت بىر – بىرىگە زىت ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. روزىنىڭ مەقسىتىمۇ، بۇ مەنىنى ئىنسان ھاياتىدا ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش. يەنى « تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغانلارنى تۇتۇش » ۋە « تاشلاش زۆرۈر بولغان ۋە تەرك قىلىش پايدىلىق بولغانلارنى  تاشلاش ».

رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغان قۇرئان ئايىتىنىڭ بۇ پەرزنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ تۆۋەندىكىدەك ئاخىرلىشىشى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نەتىجە بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە: « لەئەللەكۇم تەتتەقۇن – ئۆزەڭلارنى ساقلىشىڭلار / قوغدىشىڭلار ئۈچۈن … ».

نەتىجىدە، پەقەت « ئۆزىنى ساقلىغانلار قوغدىلىپ قالىدۇ ». تەرك ئېتىشنى بىلگەنلەر بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. يوقاپ كەتمەيدىغان ۋە ياخشى نەرسىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى ۋە يامان خاراكتېرلىك نەرسىلەرنى تاشلاش شەرت. بەزىدە تۇتۇپ تۇرالايدىغان نەرسىڭىزنىڭ سانى، تاشلىۋېتەلەيدىغان نەرسىڭىزنىڭ سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. يەنى تاشلىۋەتمەي ئېرىشمەكچى بولۇش، خۇددى بەدەل تۆلىمەي قولغا كەلتۈرۈشكە ئوخشايدۇ. تۇتقان نەرسىڭىز مەقسىتىنى سىزدە نامايەندە قىلىپ – قىلالماسلىقى، سىزنىڭ نېمىلەردىن ۋاز كېچەلىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ساقلىنىشىڭىز، پەقەت ئاللاھ تىن قورققان ھالدا ئۆزىڭىزنى تارتقانلىقىڭىزنىڭ بىر مۇكاپاتى بولىدۇ.

بىز ئەقىدە قىلغان قىممەت / ھەقىقەتنىڭ بىزدە قانچىلىك ئىز قالدۇرغانلىقىنى ۋە ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزدىن بۇ سوئالنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك:

مىڭ قېتىم 28 – فېۋرال ۋەقەسى بولسا ( 1997 – يىلى 28 – فېۋرالدا تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىندا دىنى پائالىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشىنى چەكلەش  قارار قىلىنغان )، بىر رامىزان بۇ مىللەتتە قالدۇرغان بىر مەنىۋىي كەيپىياتنى يوقۇتالامدۇ؟

ئاتالمىش سەر خىللار دۆلەت كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان قىممەت / ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان، شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان يالغان ۋە سۈنىئىي ھەقىقەتلەر ئۈچۈن قانچە كىشى ئەقىدىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؟

جېنىدىن؟ مېلىدىن؟ يېمەك – ئىچمىكىدىن؟ ھەۋىسىدىن، نەپسىدىن؟ قايسىدىن ۋاز كېچەر؟

ئىسلامى قىممەت – قاراشلار بىلەن « مىڭ يىل داۋام قىلسىمۇ ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىدىغانلىقىنى » جار سالغانلار كۆرمىگەن ياكى كۆرۈشنى خالىمىغان ۋە يۈزىگە زەردە بىلەن ئۇرۇلغان تەستەكتەك تۇيۇلغان ھەقىقەت مانا بۇ. ئۇلار جەڭ ئېلان قىلغان ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھايات مىزانى بولغان ئىسلامنىڭ، بۈگۈنگىچە سوزۇلغان مىڭ يىلدىن بۇيان كۇپۇر ۋە شېرىك، تۇغيان ۋە ئىسيان، شەيتان ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەر خىل ۋە ھەر تۈرلۈك بولىشىغا قارىماي، كۈنىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىايدۇ.

رامىزان بىر ئىلاھىي كۈنتەرتىپ. ئۇ پۈتۈن يالغان كۈنتەرتىپلەرنىڭ، زۇلمەتنىڭ قاپ ئوتتۇرىغا چۈشكەن يالقۇندەك چۈشتى. ئەپسۇسكى، بۇ نۇرنىڭ كۆڭۈللەرگە نۇر، كۆزلەرگە شادلىق، پۇتقا دەرمان، يۈرەكلەرگە پەرمان بولغان نۇرىدىن، قەلىب كۆزى كور، قۇلىقى گاس، ئېغىزى تۇتۇلغانلار يەنە پايدىلىنالمايدۇ. ھەممىدىن بەك ئۇلارغا ئېچىنىش لازىم.

رامىزان روھنىڭ غىزالىنىشى ئۈچۈن ۋۇجۇت ئاچ قويۇلغان ئاي. ئون بىر ئاي يۈرەكتە قالدۇرغان كىر، داتلارنى تازىلاش ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ كۈتىنىشى مەزگىلى. رامىزان يۈرەكنىڭ ۋاخنىلىرىغا ئېسىلىپ، « ئۆز »گە قاراپ يۇقىرى ئۆرلەشنى ئارزۇ قىلغانلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت.

ئۈمىتلەر كۆچمەن قۇشلاردەك ئۇچۇپ كەتكەن، كېلەچەك باھارى غىيابىي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان، گۈل يۈزلۈك يارنىڭ خۇش پۇرقى قارا نىيەتلەر ئاتقان ئوقتا ئۆتمۈتۆشۈك بولۇپ كەتكەن، قىراۋ باسقان سەۋدالار يۇنۇسلاردەك ئۆلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قىرغاققا ئۇرغان، خىيانەت بورانلىرى بىغۇبار قەلىپلەرنى خارماندەك سورۇپ تاشلىغان، قوياشقا قارشى ھوۋلىغانلار تېرور ئەستۈرگەن بىر زامان ۋە ماكاندا، رامىزان پەقەت بىر ئەمەس، مىڭ ئىمكانغا ئايلىنىدۇ.

رامىزاننى « يەپ – ئىچىش مەرىكىسى »گە ئايلاندۇرۇش، بۇ ئىمكاننى نادانلارچە ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. رامىزاننى مەشرەپكە ئايلاندۇرۋالغانلار روزىنى ئورۇقلاشقا، ئىبادەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئىبادەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن ئىككىنجى خاتالىقى شۈبھىسىزكى « ئادەتنى ئىبادەت »كە ئايلاندۇرۇش بولىدۇ.

ئىجتىمائىي گۇمراھلىقتىن ۋە بۆھراندىن بىئارام بولغانلار، بۇ مەسلىلەرنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنىڭ ئورنىغا، ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئارزۇ قىلسا، خۇددى رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش، ئالدى بىلەن ئۆزى تونۇشىدىغان، بىلىشىدىغان بىر مۇھىتقا ھىجرەت قىلىشى كېرەك. رامىزان مۇشۇنداق بىر ھىجرەتنى ئارزۇ قىلغانلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر ھىرا بولىدۇ.

ئۆز كىملىكىنى يېڭىدىن يۇغۇرۇپ، قايتىدىن دۇنياغا كەلتۈرىدىغان بىر مەۋجۇدىيەت تولغىقىنىڭ گۈل يۈزلۈك مېۋىسىگە، پەقەت رامىزانلا ئەڭ ياخشى تۇغۇت ئانىسى بولالايدۇ.

روزا تۇتۇش بىلەنلا ئىش تۈگەپ قالمايدۇ، ئەسلى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتۇش بولۇپ، بۇ مەملىكەتتە ھارام يەپ ئۆزىنى بوداۋاتقان ھارامزادە ۋە ھاراملىقلارغا قارشى، ھالالنىڭ، ھەقنىڭ، ئادالەتنىڭ جان پىدا ھىمايىچىلىرى بولۇش ئارقىلىق روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتقىلى بولىدۇ.

بۇ مەملىكەتنى بۇلاڭچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلارغا تاپشۇرۇشنى، روزىنى پۈتۈنلەشتۈرىدىغان بىر تەرىپى دەپ ئىشەنگەن ۋاقتىمىزدا، روزىنىڭ بېشى تىك تۇتۇلغان بولىدۇ.

يۈرىكىڭىزنى باشقىلارغا ئاچقاندەك، داستىخېنىڭىزنى ۋە نېنىڭىزنى كەمبەغەللەرگە، يېتىم – يېسىرلارغا، ئۆي – چاقسىزلارغا، ئىشسىز ۋە كىرىم مەنبەسى يوقلارغا ئاچقان ۋاقتىڭىزدا روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتقان بولىسىز. ھەر كۈنى سوھۇر ۋە ئىپتاردا يېيشنى خىيال قىلغان خىلمۇ خىل نازۇ – نېمەتلەر ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەتنى، ئىمان ۋە ھۆرلۈك كۆرىشىگە ئاتلانغان كۆڭۈل جۇغراپىيمىزنىڭ ئاھالىسىگە ئايرىپ، غورىگۈل بىر داستىخانغا رازى بولغان ۋاقتىمىزدا روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتقان بولىمىز.

يەر يۈزىدە بىر بۇردا نانغا زار بولغان بارلىق كىشىلەرنى، مەزلۇملارنى، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى باغرىمىزغا بېسىپ، ئۇلارنى كۆڭۈل داستىخېنىمىزدا كۈتىۋالغان ۋاقتىمىزدا، قوسقىمىزنىڭ ئاچقانلىمىزنى ئۇنتۇيالىساق، روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتقان بولىمىز.

سىز روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتسىڭىز، ئەلۋەتتە، روزىمۇ سىزنىڭ بېشىڭىزنى تىك، قەددىڭىزنى رۇس تۇتىدۇ.

روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتقانلارنىڭ ۋە بېشىنى روزا بىلەن تىك تۇتقانلارنىڭ رامىزىنى بەرىكەتلىك بولسۇن.