روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتۇش، روزا ئارقىلىق قەددىنى تىك تۇتۇشتۇر

 

رامىزان، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغانلارغا قارىماستىن بەرىكىتى، ئىنايىتى، ھىدايىتى ۋە مۇھەببىتى بىلەن يەنە كەلدى.

ھەر كىم ئۇنىڭدىن ئۆزىگە چۇشلۇق بىر ھەسسە ئالالىدى. ئۇ يوقسۇللارنىڭ داستىخىنىدا ئىسسىق بىر قاچا ئوماچ، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلايدىغان قول بولدى. گۇناھ ئاققان كوچىلارنى پاكلايدىغان رەھمەت يامغۇرى، مىسكىن كۆڭۈللەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئۈمىد، گۇناھكارلار  قاقىدىغان ھەق دەرۋازىسى بولدى.

مۇئمىنلەر روزىنىڭ پېشىنى ئاللاھ قا بەرگەن ۋەدىسىنى چىڭ تۇتقاندەك تۇتتى. خۇددى ئەقەبەدە ساھابىلەر بەيئەت قىلىش ئۈچۈن سۆيۈملۈك نەبىنىڭ قولىنى تۇتقاندەك چىڭ تۇتتى. ئۇلار رامىزاننى ئاللاھ قا بەرگەن ئەھدىسىنى يېڭىلاشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ بىلدى. رامىزان پۈتمەس – تۈگىمەس بىر پۇرسەت دەپ بىلدى.
روزىنى پەقەت ئاشقازانلىرىغا تۇتقۇزمىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى، قۇلاقلىرى، قوللىرى، ئاياقلىرى، تىللىرى، ئېغىزلىرى، كۆڭۈللىرى، ئەقىللىرىمۇ روزا تۇتتى.

رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى: روزىدا شەيتانلارغا كىشەن سېلىنىدۇ.

مۇئمىنلەر رامىزاندا كۆرۈندىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيتانلارنىڭ … شەخسى، كوللىكتىپ ۋە ئاممىۋى شەيتانلارنىڭ قانداق باغلىنىدىغانلىقىنى كۆردى.

رامىزاننىڭ مۇئمىننى قانداق ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى كۆردى. روزا بىلەن سىنالغان ئىرادىنىڭ، بۇ ئېمتىھاندىن يۈزى ئاق ھالدا چىققاندا، ئۇنىڭ ئەگكىلى بولمايدىغان پولاتتەك تاۋلانغان ئىرادىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

يەنە بەزىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن رامىزاندىن بىسمىللادىن قاچقان شەيتاندەك بىئارام بولغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن گەندە پۇرىقى ئالغان چىۋىندەك روزىدىن قاچقانلىقىنىمۇ بىلىپ يەتتى.

مۇئمىنلەر روزا ئارقىلىق ئىنسانىيەت ئارىسدا ئاققان ئىككى ئېقىندىن پاكىز بولغان ئېقىنغا كىردى. ئۆزى ئائىت بولغان ئىنسانىيەت كارۋىنىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەتلىرىگە مەنسۇپ بولۇشنىڭ؛ ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭ تۇش بولۇشنىڭ پەخرىگە ئىگە بولدى.

شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قۇرئان « رامىزان روزىسى ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى » دەيدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ، روزا ئىنسانىيەت بىلەن تەڭ دېمەتلىك، ۋەھىي ئەنئەنىسىنىڭ ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيىتى دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟

ھەئە، شۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا روزىدار ھەر مۇئمىن، تۇنجى ئىنساندىن بۈگۈنگىچە ئۆتكەن ئىنسانىيەت كارۋىنىغا قوشۇلغان بىر يولۇچى، ئەلۋەتتە. شۇڭا روزا بىر ئامانەت.

خۇددى ئۇنى بىر تۇغ، بىر بايراق دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ…

ھەر بىر مۇئمىن، بۇ ئامانەتكە ساداقەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بېشىنى تىك تۇتۇشى كېرەك. روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتالمىغانلار، روزىنى ئەسلى روھىغا مۇۋاپىق ھالدا تۇتالمىغان بولىدۇ. روزىنى پەرز قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ، رامىزاننىڭ قۇرئان تۇغۇلغانلىقىنىڭ تەنتەنىسى ئېيتماقتا:

« رامىزان شۇنداق بىر ئايدۇركى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېتەكچى بولغان، يولباشلىغۇچى ۋە ھەقنى باتىلدىن ئايرىش ئالاھىدىلىكى بىلەن، ھەقىقەتنىڭ ئوپ – ئوچۇق دەلىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان مانا بۇ ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىدى ».

بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، روزا تۇتۇش قۇرئاننى تۇتۇش، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى تۇتۇش دېگەنلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ قۇرئاننى ھاياتنىڭ ئىچىدە، كۈنتەرتىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇتۇش دېگەنلىك بولىدۇ.

 قۇرئان كۆرسەتكەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تۇتماستىن روزىنىڭ بېشىنى قانداقمۇ تىك تۇتقىلى بولسۇن؟

 ئۇ شۇنداق قۇرئانكى، رامىزان ئۇ نازىل بولغانلىقى ئۈچۈن مۇبارەك بولغان.

مۇئمىنلەر بېشىنى تىك تۇتۇشقا، بۈگۈن باشقا ۋاقىتلارغا قارىغاندا بەكمۇ مۇھتاج. چۈنكى بەزىلەر ئۇلارنى بوينى پۈكۈلگەن، قەددى ئىگىلگەن ھالدا كۆرۈشنى بەكمۇ خالايدۇ. شۇڭا، گەدىنىگە مېنىدۇ، ئىتتىرىدۇ ۋە دۈشكەلەيدۇ. مانا رامىزان تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت.

رامىزاننىڭ بېشىنى تىك تۇتقانلار! قىلچىلىك شۈبھىڭىز بولمىسۇن، روزىمۇ بېشىڭىزنى تىك، قەددىڭىزنى رۇس تۇتىدۇ.