ئەي رامىزان، كەل بىزنى تۇت!

 

زامانىۋىي شەھەرلەر، ئاچلىقتىن ئۆلگەن روھلار قەبرىستانلىقىغا ئوخشايدۇ. كېلىشكەن ۋۇجۇتلار ئۆلگەن روھلارنى ئېلىپ يۈرگەن تاۋۇتقا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، قۇرئان بۇلار ئۈچۈن « كېيندۈرۈلگەن ئۇستىخان » ئىپادىسىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ، ئىنساننىڭ « ئىنسان » تەرىپى ئارقىغا ئېلىنىپ، « بەشەر ( ئىلاھىي روھ پۈۋلىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى ) » تەرىپى ئالدىغا چىققان ۋاقتىدۇر.

روھ ئۈچۈن، « ئۆلۈم » بىر ئوخشىتىش. روھلار ئۆلمەيدۇ. چۈنكى ئۆلۈم دېگەن نەرسە، شەكىل ئۆزگەرتىش، خالاس. ئۆلۈم يوقۇلۇش ئەمەس، بەلكى يېتىپ بېرىشتۇر.  بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، روھنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سۆز قىلىش، خۇددى روھىنى يوقۇتۇپ قويغان جانسىز بىر بەدەنگە ئوخشاش، ھاياتنىڭ مېيىتقا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھنىڭ يۆتكىلىشى ھەققىدە توختالغانلىق ئىبارەتتۇر. پەقەت يۆتكىلىشتىن ئەمەس، « ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش » ھەققىدە توختالغانلىقتۇر.

ئاچلىقتىن ئۆلگىدەك دەرىجىدە روھنى ئاچ ۋە سۇسىز قالدۇرۇش، ئەسلىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىق باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە. جىسمىي ئۆلىۋېلىشنىڭ نەتىجىسى جەسەتنى مازارغا كۆمۈش، مەنىۋىي ئۆلىۋېلىشنىڭ نەتىجىسى روھنى ۋۇجۇتقا دەپنە قىلىش بولىدۇ. روھقا مازار بولغان بىر ۋۇجۇتنىڭ ئاشخانا، ياتاق / قونالغۇ، ئىشخانا ۋە ھاجەتخانا ئارىسىدا قاتىراشتىن باشقا قىلىدىغان بىر ئىشى يوق. بۇنداق بىر كىشىنىڭ ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، ئوخشاش بىر دۇنيادا ياشاۋاتقان باشقا جانلىقلاردىمۇ بولىدىغان تەبىئىي ھاياتتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق بىر ھاياتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ، پەقەت دۇنيا بىلەن چەكلىنىپ قالغان. روھنىڭ مېيىتى، يەنە بىر يۈزى بولمىغان بىر تەرەپلىمە پانىي دۇنيالىق ھايات چۈشەنچىسى بىلەن ۋۇجۇت تاۋۇتىدا مازارغا ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بولمىسا، بىر ئىنسان ۋۇجۇدىنى روھىنىڭ مازارى قىلىشقا قانداقمۇ رازى بولىدۇ دەيسىز؟

ئىنسان پەقەت روھىي ئاچلىقنى بىلىپ يېتىدىغان ئۆزلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، بۇ قورقۇنچلىق ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمىغانلار روھلىرىنىڭمۇ ئېچىرقايدىغانلىقىنى، چاڭقايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. قوساقنىڭ ئاچقانلىقىنى ئېنزملار مېڭىگە خەۋەر قىلىدۇ ۋە كىشىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، غىزالىنىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېنزملار بىر خىل ئىچ « رەسۇل – ئەلچى »دۇر. ئۇلار بولمىسا، ئىنسان قورسقىنىڭ ئاچقانلىقىدىن خەۋەردار بولالمايدۇ.

ئاللاھ نىڭ رەسۇللىرى بولماي تۇرۇپ، ئىنسان روھىنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەردار بولالمايدۇ. ئۇلار بىر جەھەتتە، روھ ئېنزمى رولىنى ئويناپ، ئىنسانغا روھنىڭ ئېچىرقاپ ۋە چاڭقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىنساننى روھنىڭ غىزاسىغا يۈزلەندۈرىدۇ. ئىنساننى، روھنى ياراتقان ۋە ئۇنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقۇچى ئاللاھ تەييارلىغان « ساماۋىي دوستىخان »غا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ دوستىخان ۋەھىيدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئادەم بالىلىرى، نېمىنى يېسە ئۆزىگە ھايات بەخش ئېتىدىغانلىقىنى، نېمىنى يېسە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇ دوستىخانغا قاراپ ئۆگىنىدۇ. مەۋجۇدىيەت، ھايات ۋە ئۆزىنى ئۇ دوستىخان ئارقىلىق ئوقۇيدۇ. ئۇ دوستىخانغا قاراپ، ئۇ دوستىخاننىڭ ساھىبخانى ۋە ئۆزى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. روھ ۋە ئۇنىڭ شەكىللىرى بولغان ئەقىل، ئىرادە، ئاڭ، ئىدراك ۋە چۈشۈنۈش قابىلىيىتىنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلىدىغانلىقىنى، قانداق ئاسراپ پەرۋىش قىلىدىغانلىقىنى ئۇ دوستىخاندىن ئۆگىنىدۇ.

رامىزان ساماۋىي دوستىخانلارنىڭ تاجى بولغان قۇرئان ۋەھىينىڭ، ئۆزىدە نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئايلار سۇلتانى بولدى. ۋەھىي تۇغۇلغان ئاينىڭ روزا تۇتۇش ئارقىلىق مۇبارەكلەشنىڭ ھېكمىتى، روھلارنىڭ ئېچىرقايدىغانلىقى، ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىدى.

روھنىڭ ئاچلىقىنى ھېس قىلغۇچى، ھاياتنىڭ، ئىنساننىڭ، ھەتتا ئۆزىنىڭ مېيىتقا ئايلىنىپ قېلىشىغا رازى بولمايدۇ.

ئىنسان ئاچ روھىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىشەنچلىك مەنبە ئىزدەيدۇ. بۇ ئىزدىنىش ئۇنى ئىچكى دۇنياسىغا يۆزلەندۈرۈپ، قەلىب ئىشكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. پۈتۈن مەسىلە دەل مۇشۇ. زامانىۋىي ھايات، جىمى ئامىللىرى بىلەن ئىنساننى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن. ئۇ مەھلىيا قىلغۇچى جەلىپ قىلارلىقى بىلەن ئىنسانغا ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۆزىنى ئۇنۇتقان ئىنسانلار ئۆزىنى تۇتالماي قالىدۇ. ئۆزىنى تۇتالمىغان كىشىنىڭ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىشى مۇقەررەر.

روزا تۇتۇش بۇ سەۋەپتىن ئۆزىنى تۇتقانلىقتۇر. ئىنسان قانداق بىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ھەممىسى ئۆزىنى تۇتالمىغانلىقىتىن بولماقتا. ئىنسان تىزگىنلىيەلمىگەن تىلى، قولى، نەپسى، ھاۋايى – ھەۋىسى، ئاچچىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ئۆزى تەرەپتە تۇرغانلىق بولۇپ، ئۆزىنى تۇتىۋالغۇچىنى ئاللاھ نىڭمۇ تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم. ئۆزىنى باشقۇرالمىغان كىشىنى، ئاللاھ نېمە ئۈچۈن تىزگىنلىسۇن؟ ئۆزىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۆزىگە يۈزلەنگەن كىشى، ئىچكى دۇنياسىدا تۇنجى ئۇچرىتىدىغان زات، ئۆزىگە جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھ تۇر. بۇنى بىلىپ يەتكەن ۋاقىتتا، فىترىتىدىكى بەندە بولۇش ئىھتىياجىنىڭ ھەقىقىي ئادىرىسىنى تاپقان بولىدۇ. بۇ ئىنساننى بەندىگە ۋە نەپسىگە قۇل بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

شۇڭا ئىسلام ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى پاناھگاھىدۇر. چۈنكى ئىنساننى كامىل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كۈچى ئىسلامدا مەۋجۇت. ئىنساننىڭ تىرىك مېيىتقا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى پەقەت ئىسلام ئالالايدۇ. كاپىرلار خالىمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ بىر كۆز يۈمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت.  ئىسلام مەۋجۇت بولغان مۇددەتچە، ھاياتقا بولغان ئۈمىد ھەر دائىم مەۋجۇت بولىدۇ. ھاياتنى ئىچىدىن مۇداپىئە قىلىدىغانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ئىسلام دۇنياسىغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنى تېرورىست قىلىپ كۆرسەتكەن جاھانگىر كۈچلەر، ئىسلامنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە سۆز قىلىشماقتا. بۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدىغان يۈزسىزلىك. ئىنسانلارنىڭ روھىغا تاجاۋۇز قىلغانلارنىڭ، ئىسلامنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇشتىن ئېغىز ئېچىش ھەققى يوق. ئۇلار ئىنساننى تىرىك مېيىتقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئەنئەنىنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. قۇتقۇزماقچى بولغان بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇشى كېرەك. ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن روزا تۇتقان بىر مۇسۇلمان مەۋجۇت بولغان مۇددەتچە، ئىسلامنىڭ روھى ياشايدۇ، ئۆلمەيدۇ.