قۇرئان ۋە رامىزان 4

رەسۇلۇللاھنىڭ رامىزان توغرىسىدىكى ھەدىسلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇيدىغان بولساق، مۇنداق ئاجايىپ بىر نەتىجىگە ئېرىشىمىز: رامىزان، تەسىر قىلىش دائىرىسى مەلۇم بىر ماكان ۋەياكى مەلۇم بىر ئىنسانلار جەمىئىيتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان ئالەمشۇمۇل بىر ئىمكان.

رەسۇلۇللاھ « ئالەمشۇمۇل بىر ئىمكان » سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن ۋە تونۇشتۇرغان رامىزاننى، يەر يۈزىنىڭ ھەممە يېرىدە يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا يېڭىدىن تەربىيلىنىش سەپەرۋەرلىكىگە ئايلاندۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يۈرىكىمىز، ئۆز ئىنسانلىرىمىز ۋە ئۆز تۇپراقلىرىمىزدا  بولسىمۇ يېڭىدىن تەربىيلىنىش سەپەرۋەرلىكىگە ئايلاندۇرالمايۋاتىمىز.

ۋەتىنىمىزدىكى ئەجنەبىيلەر تەرىپىدىن رامىزانغا قارشى ھەر يىلى « پىسخىلوگىيىلىك ئۇرۇش » تاكتىكىلىرى قوللىنىلىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان سۈيىقەستلەر، رامىزان ئۆز ئىچىدە ساقلىغان تەڭدىشى يوق يۇشۇرۇن ئىمكانلارنى « يەرلىكلەردىن »  بەكراق « ئەجنەبىيلەر » نىڭ بىلىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نېمنى ئىپادىلەيدۇ؟

بۇ « يەرلىكلەر » ئىچىدىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ، رامىزاننىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىمكانلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ئىمكانلار پەقەت ئەقىدىۋىي ۋە دىنىي تەرەپ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇلارغا رامىزان ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەرنىمۇ قوشسىڭىز بولىدۇ. رامىزان ئېلىپ كەلگەن ئىمكانلارنى، پەقەتلا يارىدار ئىمانلارنىڭ ۋە خارابىگە ئايلانغان يۈرەكلەرنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئەمەس، ئەخلاقىي گۇمراھلىققا مۇپتىلا بولغان ئىجتىمائىي، ئىقتسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىش مۇمكىن.

بۇنىڭ ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان شەرت، شارقىراپ ئىتىلىپ چىقىۋاتقان رامىزان بۇلىقىنى، قۇرئان شەكىللەندۈرگەن ئېقىنغا يۈزلەندۈرۈپ ئۇنى ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇش. چۈنكى رامىزاندىكى يوشۇرۇن ئىمكانلاردىن، قۇرئانسىز ھالدا تولۇق پايدىلانغىلى بولمايدۇ.

ۋەھىي، ئاللاھ – ئىنسان ئارىسىدىكى دىيالوگىنىڭ ئاللاھ تىن ئىنسانغا يۈزلەنگەن قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا: ئىسلام، ئاللاھ قا تەسلىمىيەتنىڭ ھاياتقا ئايلانغان شەكلى. بۇ تەسلىمىيەت، بۇ دۇنيادا سىلىم ( تىنىچلىق )، ئاخىرەتتە سالامەتلىكنى ( مەڭگۈلۈك بەخىتنى ) ئېلىپ كېلىدىغان بىر تەسلىمىيەت بولۇپ، ئۇ، ئىنسان ئېڭىنىڭ ئەڭ تاۋلانغان ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان « مەسئۇلىيەت ئېڭى »، يەنى تەقۋا زېمىنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ئىنساننىڭ شەيئىلەرگە، ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئاللاھ قا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئىنسانىي ھالدا ئەمىلىيلەشتۈرگەن ئەڭ نېگىزلىك تەربىيلەش ھەرىكىتىدۇر. بۇ تەربىيلىنىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى، ئالدى بىلەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ بولىدۇ. يەنى بۇ ئىنساندىن ئاللاھ قا تۇتاشقان بىر ئاڭ سەپىرىدۇر. بۇ سەپەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ئاللاھ قا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەنە شۇ نوقتىدا تەربىيلىنىش ھەرىكىتى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە، ئاللاھ تىن ئىنسانغا يۈزلەنگەن يولنى بويلاپ تاماملىنىدۇ. تەربىيلىنىش سەپىرى، يېڭى مىراج ۋە نۇزۇل…
بۇ ئۆرلەش ۋە چۈشۈش، قۇرئاننىڭ ئىنسان – ئاللاھ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگەندە ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان ئۇقۇملاردىن بىرى بولغان « زىكىر » نىڭمۇ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدۇ. « قېنى، مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتەي » (2:152) بۇ قوش يۆنىلىشلىك ئەسلەش / زىكىر، بىر قوش يۆنىلىشلىك مىسلىسىز تەربىيلىنىش سەپىرىدىن ئىبارەتتۇر.
تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۆرلىگەن دۇئادۇر.
يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئاققان ئىجابەتتۇر.
ئىنساندىن ئاللاھ قا يۈكسەلگىنى ئۇبۇدىيەتتۇر.
ئاللاھ تىن ئىنسانغا لەيلەپ چۈشكىنى رۇبۇبىيەتتۇر.
ئىنساندىن ئاللاھ قا يۈكسەلگىنى سوئالدۇر.
ئاللاھ تىن ئىنسانغا چۈشكىنى جاۋاپتۇر.
ئىنساندىن ئاللاھ قا ئۆرلىگىنى ئاڭدۇر.
ئاللاھ تىن ئىنسانغا نازىل بولغىنى ۋەھىيدۇر.
ئىنساندىن ئاللاھ قا ئۆرلىگىنى كۆپلۈكتۇر.
ئاللاھ تىن ئىنسانغا چۈشكىنى بولسا ۋەھدەت / بىرلىكتۇر.

دېمەك، ۋەھىي ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقىسىتىگە ماس تەربىيلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىلاھىي بىر تەربىيە لاھىيىسىدۇر. ماڭىدىغان / جانلىق ئايەت بولغان ئىنسان، ئىنساننىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەتمۇ بىر ئىلاھى تەربىيىنىڭ مەھسۇلى. بۇ ئىلاھىي لاھىيەنىڭ ئوبىيكتى بولغان ئىنسان، ۋەھىينىڭ يېتەكچىلىكىدە ھايات بىناسىنىڭ مېمارى بولىدۇ. بۇنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن تەبىئەتتىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ئىنسان ئىلاھىي خىتاپنىڭ ئەسەرى، ھاياتنى شەكىللەندۈرگۈچىسىدۇر.

ۋەھىينى ئېلىش مەسئۇلىيىتى ئىنسانغا بېرىلگەن. ئاللاھ ئىنسان بىلەن سۆزلەشتى، ئادەم بالىلىرىنىڭ تارىخى ئاللاھ – ئىنسان دىيالۇگىدىن تەركىپ تاپقان. ئىنسان ئاللاھ نىڭ بەندىسى، يەر يۈزىنىڭ ئىگىسى قىلىنغان.

رامىزان، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تىن، ئالەملەرگە رەھمەت بولغان ھەزىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق، پۈتۈن ئالەملەرگە / ئىنسانىيەتكە كەلگەن ۋەھىينىڭ ئىچكى دۇنيامىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتىدىن بەرپا قىلىش مەۋسۈمى ئەمەسمۇ؟