فەلەق سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « يېرىپ چىقارغۇچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « فەلەق » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ( ئى مۇھاتاب! )، ( يوقلۇق ) قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ مەۋجۇدلۇق ( يورۇقلۇق )قا چىقارغان سەھەرنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن، دېگىن » ( 1 ).

فەلەق ئىسمى، بارلىق مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان « يارىتىلىش ۋە بۇزۇلۇش » قانۇنىيىتىدىن « يارىتىلىش » قانۇنىيىتىنى ئىما قىلغان بولۇپ، بۇ ئىنفىتارغا ئوخشاش بىر « يېڭىدىن پەيدا بولۇش »نى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، فەلەق « فەجر »غا ئوخشاش دەسلەپكى يارىتىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ يوقلۇق كېچىسىگە خاتىمە بەرگەن مەۋجۇدلۇق ئۇرۇقىنىڭ بىخ تارتىشىدۇر.

بارلىق مۇسھابلاردا ۋە تەپسىرلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. رەسۇلۇللاھتىن نەقىل قىلىنغان بىر سەھىھ ھەدىستە، بۇ سۈرە « بىرىنچى ئايەت » بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىدىكى تىل ئۇسلۇبى ۋە مەزمۇنى بۇنى تەستىقلايدۇ. ئىبن ئابباستىن ئەبۇ سالىھ ئارقىلىق كەلگەن بىر رىۋايەتتە، سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان دەپ كۆرسىتىلگەن. قۇرەيب يەنە ئوخشاش مەنبەدىن بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان بىر رىۋايەتنى نەقىل قىلىدۇ. ئىبن ئابباسنىڭ قۇلى ۋە تالىبى بولغان ئىكرىمە، ئاتا بىن ئەبى راھا ۋە ھەسەن ئەلبەسرى سۈرىنى مەككىدە نازىل بولغان دەيدۇ.

مەدىنىدە بىر يەھۇدىينىڭ ئاللاھ رەسۇلىغا قارىتا سېھىر ئىشلەتمەكچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ رىۋايەت سۈرىنىڭ نازىل بولغان جايى ھەققىدىكى ناتوغرا چۈشەنچىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئەگەر چوقۇم بىر نازىل بولۇش سەۋەبى بار دەپ قارىساق، بۇ مۇشرىكلارنىڭ رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئېيتقان « سىلەر سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر » ( ئىسرا، 47 ) دېگەندەك تۆھمەتكە ئوخشايدىغان بىرەر سەۋەپ بار بولسا كېرەك. قۇرئان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان بۇ خىل تۆھمەتلەرنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلماقتا.

ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان نۇزۇل تەرتىۋىدە فىل – ناس سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. ئىبن ئابباسقا نىسبەت قىلىنغان نۇزۇل تەرتىۋىدە سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىدا ئاخىرىدىن سانىغاندا 2 – سۈرە، يەنى 113 – سۈرە قىلىپ تىزىلغان. بۇ تىزىلىشنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رىۋايەتتىن باشقا ئىزاھاتى يوق.

ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە رىسالەتنىڭ 3 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ مەزگىل سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدۇ. جاھىلىيەت كېچىسىنى يېرىپ چىققان قۇرئان تاڭ سەھىرىدىن خوش بىشارەتتىن خەۋەر بەرگەن بۇ سۈرىنى، غەيىپتىن بىر خەۋەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.

فەلەق سۈرىسى، دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش خىتاپ قىلىنغۇچىدا بەلگىلىك ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرىنىڭ بۇيرۇق تەكرارى ( قۇل –  ئېيتقىنكى ) بىلەن باشلىنىشى، « ئى مۇھاتاب سېنى تەربىيەلەيمەن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھاتابنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇ سۈرە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلىنمەيدىغان نەرسە تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنىشىغا قارشى ئالاھىدە بىر مۇداپىئە ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى، « رەببىڭگە سېغىن ». بۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلارنىڭ جاھىلىيەتنىڭ « يامانلىق تەڭرىسى » چۈشەنچىسى بىلەن ئېڭىدا يەرلەشتۈرگەن شەيتان ۋە جىن تەسەۋۋرۇىنى رەت قىلغانلىقتۇر. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر سۈرە ئىجاد قىلىنغان ۋە ئىجاد قىلغۇچىنى ئەسىر ئېلىۋالغان قورقۇلىرىنى تەربىيلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

سۈرە، كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلگىلى بولمايدىغان مەۋجۇدىيەتلەردىن قورقۇشنىڭ، ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناىسىۋىتىدىكى ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. سۈرە، ئاللاھ نىڭ كۆرۈندىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان، بىلگىلى بولىدىغان ۋە بىلگىلى بولمايدىغان بارلىق مەخلۇقلارنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە مۇھاتابىنى، بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەپ رەببىگە سېغىنىشقا بۇيرىماقتا:

قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ (1) مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ (2)

« ( ئى خىتاپ قىلىنغۇچى! )، ( يوقلۇق ) قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ مەۋجۇدلۇق ( يورۇقلۇق )قا چىقارغان سەھەرنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن، ئۇ ياراتقان بارلىق شەيئىلەرنىڭ شەررىدىن ئۇنىڭغا سېغىنىمەن، دېگىن » ( 1 – 2 ).

سۈرە، كۆرگىلى بولمايدىغان ۋە بىلىنمەس مەخلۇقلار ئالدىدا، ئاللاھ تىن غەيرىگە سېغىنىشنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى، مۇشرىكلەر جىنلارغا سېغىناتتى ( سۈرە جىن، 6 ).

سۈرە، ئىمان ئېيتقان كىشىگە ئاللاھ قا سېغىنىشنى ئۆگەتمەكتە ۋە تەنبىھلىمەكتە. ئىنسان نېمە ئۈچۈن رەببىگە سېغىنىدۇ؟ ئىنسان پەقەت جىن ۋە شەيتانغا ئوخشاش كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلگىلى بولمايدىغانلار دۇنياسى سەۋەپ بولغان ۋەھىمىدىن كېلىپ چىققان قورقۇلار سەۋەبىدىنلا  ئەمەس، « جاھالەت قاراڭغۇلىقى » دەك ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ئەھۋالدىمۇ « رەببىگە سېغىنىدۇ ». قەلبنىڭ ئەقىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئىنسانلارنى « بىلىمنىڭ ئورنىغا قورقۇغا؛ مۇۋاپىق بولغان نەرسىگە ئەمەس، مەخسۇس بولغانغا؛ مەنانىڭ ئورنىغا ھاياجانغا چاقىرغان دەم سالغۇچىلار »غا ئوخشايدىغان ساختىپەزلەردىن ۋە « ھەسەتخورنىڭ ھەسىتى » گە ئوخشاش يامان تۇيغۇلاردىن پاناھلىق تىلەپ رەببىگە سېغىنىدۇ. يەنى:

وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ (3) وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ (4) وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ (5)

«  ( ئەقىل –  ئىرادىنى ) باستۇرغان ۋاقىتنىڭ، زەھەرلىك – زۇلمەتلىك بىر ( جاھالەت ) قاراڭغۇلۇقىنىڭ شەررىدىن ۋە تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرنىڭ شەررىدىن ۋە ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن ( ئاللاھ قا ) سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن » ( 3 –  5 ).

ئاللاھ مۇئمىن ئۈچۈن بىردىنبىر ساغلام پاناھلىق مەركىزىدۇر.

قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ (1) مَلِكِ النَّاسِ (2) إِلَهِ النَّاسِ (3) مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ (4) الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ (5) مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ (6)