قارىئە سۈرىسى

 

سۈرە ئالدىنقى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان « دەھشەتلىك پارتىلاش، پاجىئە » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قارىئە » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئاھ ئۇ دەھشەتلىك پارتىلاش! ( ئى خىتاپ قىلىنغۇچى ) ئۇ دەھشەتلىك پارتىلاشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ( ئەگەر بىلسەڭ ئىدىڭ )! توغرا، سەن ئۇ دەھشەتلىك پارتىلاشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلەلەيسەن؟ » ( 1 –  3 ).

قۇرئاندا پەيدا بولۇش ۋە بۇزۇلۇپ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئۆزى بىلەن ياكى بىرەر ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاتالغان سۈرىلەرنىڭ سانى 14 بولۇپ، ئۇلار دۇخان، جاسىيە، ۋاقىئە، ھاققا، قىيامەت، نەبە، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، فەجر، زەلزەلە، فەلەق ۋە قارىئە سۈرىسىدىن ئىبارەتتۇر.

بارلىق مۇسھابلاردا، تەپسىرلەردە ۋە ھەدىس كىتاپلىرىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان نۇزۇل تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇرەيش – قىيامەت سۈرىسى ئارىسىغا يەرلەشتۈرۈلگەن. لېكىن قىيامەت سۈرىسىنىڭ بۇ سۈرىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىشى توغرا بولمىسا كېرەك. چۈنكى قىيامەت سۈرىسى بۇ سۈرىدىن ئەڭ ئاز بىر يىل كېيىن نازىل بولغان بولسا كېرەك. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد ئىنسان سۈرىسىنى قىيامەت سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزغان. بۇ سۈرىنىڭ ئەڭ مۇناسىپ يېرى قۇرەيش – فەلەق سۈرىسىنىڭ ئارىسىدۇر. سۈرە دەۋەتنىڭ 3 – يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىنى رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ شاھىتى.

ھەر يولۇچىنىڭ بىر يولى، ھەر يولنىڭ بىر چىكى بولىدۇ. دۇنيادىكى ئىنسان يولۇچى بولغان يەردە، دۇنيامۇ يولۇچى بولمامدۇ؟ ئۇمۇ بىر يولۇچى، ئۇنىڭمۇ بىر ئاخىرقى نوقتىسى بار. لېكىن، دۇنيانىڭ ئاخىرقى چىكى ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس. چۈنكى، دۇنيا ھاياتى ھاياتنىڭ ۋۇجۇدىغا ئوخشايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ بىر روھى بولغاندەك، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭمۇ بىر روھى بار. ئۇ روھ ئاخىرەت بولۇپ، ئاخىرەتسىز دۇنيا ھاياتى، روھسىز بىر مېيىتقا ئوخشايدۇ. سۈرە مانا بۇ روھ ھەققىدە ئىمالىق شەكىلدە توختىلىدۇ. يەنى، ئاخىرەت – قايتىدىن تىرىلىش ۋە ھېساپ ئېلىنىدىغان كۈندىن ئىبارەت ھەقىقەت ئۈستىدە توختىلىدۇ… بىزگە ئاللاھ تىن غەيرى خەۋەر بېرەلمەيدىغان ئاخىرقى سائەت ۋە قىيامەت ھەققىدە بىۋاستە ھالدا ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. يەنى، بۇ سۈرىدە ئىنسانلار پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدىغان؛ بىزگە قوزۇقتەك قېقىلغان، مىدىرلىماس دەپ بىلىنىدىغان تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدىغان بىر ۋاقىتنىڭ دەھشىتىدىن خەۋەر بەرمەكتە.

يَوْمَ يَكُونُ النَّاسُ كَالْفَرَاشِ الْمَبْثُوثِ (4) وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ الْمَنْفُوشِ (5)

« ئۇ كۈنى ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ. تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ » ( 4 –  5 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كېلىدۇ. ئىنساندىن كەمچىلىكسىز بولۇشنى كۈتكىلى بولمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، كەمچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن كۈتىۋاتقان نەرسە، ياخشىلىقى يامانلىقىدىن تېخىمۇ ئېغىر توختايدىغان بىر ھايات كەچۈرۈشى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ:

فَأَمَّا مَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ (6) فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ (7) وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ (8) فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ (9)

« ياخشىلىقى ئېغىر توختىغان كىشىگە كەلسەك، ئۇ ئۆزىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ئىچىدە كۆرىدۇ. ياخشىلىقى يەڭگىل توختىغان كىشىگە كەلسەك، ئۇ ئۆزىنى تېگى يوق بىر ھاڭنىڭ ئىچىدە كۆرىدۇ » ( 6 – 9 ).

قۇرئاندىكى تىلغا ئېلىنغان قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەھنىلەرنىڭ مۇنداق ئۈچ ئوخشاشلىقى بار:

بىرىنچى: قاتتىق شىددەتلىك ۋە دەھشەتلىك.

ئىككىنجى: ناھايىتى زىل ۋە سىكۇنتلىق ( بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقاندا تۇيۇقسىز، سىكۇنت كېچىكمەستىن رىئاللىققا ئايلىنىدۇ ).

ئۈچىنچى: ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى ئەمەس، يۈز بېرىش جەريانىدا بولىدىغان ۋەقەلەر تەكىتلىنىدۇ.

( بۇ ئۈچ نوقتا ئۈچۈن ئۆرنەك سۈپىتىدە ئىنشىقاق سۈرىسىگە قاراڭ ).

بۇلاردىن شۇ خۇلاسىنى چىقىرىش مۇمكىن:

بىرىنچى: قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەتتىكى ۋەقە – ھادىسىلەر ئالدىن بەلگىلەنگەن پرىنسىپ بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

ئىككىنجى: بۇلارنىڭ روياپقا چىقىشى سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە مۇھتاج بولمىغىدەك شەكىلدە ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن.

ئۈچىنچى: قىيامەت تۇيۇقسىز، بىشارەت بەرمەستىن ( باغتەتەن ) مەيدانغا كېلىدۇ.

  1. بۇ باسقۇچنىڭ باشلىنىشىدا ئىنساندىن ئىبارەت ئىرادىلىك مەخلۇقلارنىڭ قىلغان قىلمىشلىرى رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ قىلمىشى بىلەن ئاخىرقى سائەت ئارىسىدا سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. يەنى، ئى ئىنسان! شۇ كائىنات ئىچىدىكىلەر مەۋجۇدىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. دۇنيانىڭ چەت بىر يېرىدە مەيدانغا كەلگەن زۇلۇم، كائىناتنىڭ بىپايان بىر ئۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.