« كۇپرىغا قارشى روزامنى بۇزسام، كاپارىتىم جەھەننەم بولسۇن! »
گويا سامادىن ئۇزانغان بىر قول، دۇنيانىڭ يېتىمى ئەڭ كۆپ، ئىگە – چاقىسىزلىرى ئەڭ تولا ئائىلىنىڭ بېشىنى سىلاپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، يارىلىرىنى تېڭىۋاتقاندەك…

رامىزان ئىقلىمى شۇ تۇپراقلارغا ئېلىپ كەلگەن ھاۋا دىماقلىرىڭىزغا ئۇرۇلۇۋاتامدۇ؟
تاشلار باغلىنىپ ئىتلار قۇيۇۋېتىلگەن بۇ ئەلدە، بىر ئاي بولسىمۇ شەيتانلار باغلىنىپ پەرىشتىلەر ئەركىن ھەرىكەت قىلىدۇ.

كىم بىلىدۇ، رامىزان بەلكىم رامىزاندىن رامىزانغا ئىشىكى قېقىلىدىغان قانچلىغان غېرىپلارغا؛ قورسقى ھەر رامىزاندا تويغۇدەك تاماق كۆرىدىغان سانسىز مىسكىنلەرگە؛ باش پاناھى يوق ئىگە – چاقىسىزلارغا باش – پاناھ بولىدۇ.
ئېيتىپ بېقىڭچۇ، ئەگەر رامىزان بىر كىشىنىڭ ئىسمى بولغان بولسا، قانچىلىك دۇئا ئالغان ۋە ياخشى كۆرۈلگەن بولاتتى؟ بۇ دۇئالار ۋە مۇھەببەتلەر ئۇنىڭغا جەننەت دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا يەتمەسمىدى؟ ئۇنداقتا، مانا پۇرسەت، رامىزان بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ پۈتۈنلىشىپ ئاخىرەتكە رامىزان بولۇش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە.

پاك – پاكىز بىر سەۋدانى، ئىچىدە بىر بوۋاقنى باققاندەك ئاسراپ چوڭ قىلغانلار ئۈچۈن، رامىزاننىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر. ئۇلار رامىزاننىڭ كۆپچىلىككە بولغان تەسىرىگە قارايدۇ، ئاللاھ نىڭ قەلىبلەرنى تەسەررۇپ قىلغۇچى كۈچىنى كۆرىدۇ ۋە ھاياتى بەدىلىگە يەنە بىر قېتىم قەسەم ئىچىشىدۇ.

مۇھەببەتنىڭ مودىسىنىڭ ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى، مودىدىن قالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشقا جاسارىتى ئاشىدۇ. بارلىق ساداقەتمەن ئاشىقلارغا خىتاپ قىلىپ: سەۋدايىڭىز، ھىجرانىڭىز ۋە ئىشقىڭىز مۇبارەك بولسۇن! دەيدۇ.

يېڭىشەھەرلىك ئاۋنى ئەپەندىم، ئۆزنىڭ ئۆلمەس مىسرالىرىدا مۇنداق دېمىگەنمىدى:

سانما تالەب – ئى دەۋلەت – ئى جاھ ئەتمەغە گەلدىك،

بىز ئالەمە بىر يار ئىچىن ئاھ ئەتمەغە كەلدىك.

يەشمىسى:

قالمىغىن ئويلاپ تاج – تەخت ئۈچۈن كەلدۇق،

بىز ئالەمگە بىر يار ئۈچۈن ئۇھ تارتقىلى كەلدۇق.

ئەي ئۇستازىم، بىز ئالەمگە بىر يار ئۈچۈن ئۇھ تارتقىلى كەلدۇق، ئەيۋاللاھ!

بۇ ئالەمگە « ساھىب بولۇش » ئۈچۈن كەلدۇق دەپ ئويلاپ قالغانلار كۈچنىڭ، پۇلنىڭ، ئايالنىڭ، ئېرىقنىڭ، ساپنىڭ، ساماننىڭ ئارقىسىدا بىر ئۆمۈر چېپىۋەرسۇن. بىز « شاھىت بولۇش » ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ئۇنۇتۇپ قالمايلى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ دۇنياغا بىر يار ئۈچۈن ئۇھ تارتقىلى كەلمىدۇقمۇ؟ ئۇھ تارتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا كۆرگەنلەر، بىزنى شىكايەتچى دەپ ئويلاپ قالمىسۇن! بىزنىڭ مەۋجۇت بولىشىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بۇ. جاپا تارتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلار، كەيپ – ساپا سۈرىۋاتىدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالغانلارمۇ خاتالىشىپ قالىدۇ. بۇ ئالەمگە بىر يار ئۈچۈن ئۇھ تارتقىلى كەلگەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنلەردىن بىرى بولغان، ھېلىقى ئەربىللى ئەسەد ئەپەندىم مۇنداق دېمىگەنمىدى:

گۆرەن سانېركى سەفادان سەما – ئى راھ ئەدەرەم،

دۆنەر – دۆنەر باقارام كۇي – ئى يارە ئاھ ئەدەرەم.

يەشمىسى:

كۆرگەنلەر دەيدۇكى كەيپتىن سامانى قىلدىم ئۆزۈمگە ھەمراھ،

پىقىراپ – پىقىراپ قارايمەن ئىشقىمنى يارغا داد ئەيلەيمەن.

ئەي دوستۇم! سەن پىقىراۋاتقانلارنى ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ خاتالىشىپ قالىسەن. بەزىلىرى ئىشنىڭ كەيپىگە قارايدۇ. ئەمما بىر يار ئۈچۈن ئۇھ تارتقانلار، يار يولىغا قاراپ « ئۇھ » تارتىپ پىقىرايدۇ.

بەزى بەدبەخىتلەرگە رامىزان ھېچ كەلمىدى. ئىسىت! بەزىلەرنىڭ بوسۇغىسىغىچە كەلدى، دېرىزىدىن ئۆي ئىچىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىشىكىنىمۇ قېقىپ قويماستىن قايتىپ كەتتى. بەزىلىرىنىڭ ئىشىكىنى قاقتى، لېكىن ئاچمىغانلىقى ئۈچۈن رامىزاندىن ئايرىلىپ قالدى. بەزىلىرىنىڭ يۈرەك خانىسىگە كىردى، كىرىپ سالغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى. چۈنكى ئۇ يەرنى رامىزاندىن ئىبارەت بىر ساماۋى مېھمانغا لايىق تەييار قىلىمىغانىدى. ئۇلار كېتىدىغان كۈنىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ. بەزىلىرىگە بىر كەلدى پىر كەلدى. كەلدى ۋە ھېچ كەتكۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، كەتمىدى. بىر ئايلىق ئۈچۈن كەلگەنىدى، ئەمما كەلگەن يېرىدە شۇ قەدەر ئىززەت – ھۆرمەت كۆردى، شۇنداق قىزغىن كۈتىۋېلىندى ۋە ياقتۇرۇپ قالدىكى، ئۆي ئىگىسى مېھماندىن، مېھمان ئۆي ئىگىسى ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

مانا بۇ ئاخىرىدىكى كىشىلەرنىڭ رامىزىنى مۇبارەك بولدى، ھاياتى رامىزان بولدى. شاھىت بولدى ۋە شاھىت تۇتتى. گۇناھ روزىسىنى ھېچ بوزۇپ قويمىدى. ئۇلار ھارامغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر داۋاملىشىدىغان روزىغا نىيەت قىلىدى. « كۇپرى ۋە شېرىككە قارشى تۇتقان روزامنى بوزسام، كەپارىتىم جەھەننەم بولسۇن! » دېيىشتى.

ئۇلار روزىنى تۇتتى، روزىمۇ ئۇلارنى تۇتتى. پەقەت روزا تۇتۇش بىلەنلا قالمىدى، ئۆزلىرىنىمۇ تۇتتى. يەنى ئۆزلىرىنى يۈتتۈرۈپ قويمىدى، كىشىلىكىنى دوغا تىكمىدى، ئىززەت – ھۆرمىتىدىن ۋاز كەچمىدى. ئۇلار روزىنىڭ بېشىنى تىك تۇتتى، روزىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىنى تىك تۇتتى.