ئايلار سۇلتانى كەلدى، لېكىن كۆڭۈل سارىيىم خانىۋەيران

wehy

رامىزاننى ئايلار سۇلتانى قىلغان، ۋەھىينىڭ ئۇ ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىشى ئىدى.

رامىزاننى قۇرئان ئېيى دەپ بىلىپ تەسەۋۋۇر، ئەقىل، شەخسىيەتنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ھاياتنى قۇرئان بىلەن يېڭىدىن بەرپا قىلىش، رامىزان بىلەن يۈزەكى ئەمەس، ماھىيەت جەھەتتىن ئالاقە ئورناتقانلىق بولىدۇ. چۈنكى، ۋەھىي- ئىنساننى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئىلاھىي تەربىيە لاھىيىسىدۇر. يۇقىرىدىكى ئوخشىتىشنى نەزەردە تۇتساق، قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن بىر مەكتۇپ. بۇ مەكتۇپتا ئادەم بالىلىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخىت – سائادىتىنىڭ فورمىلاسى يېزىلغان.

ئاللاھ تىن كەلگەن مەكتۇپقا يۈزەكى مۇئامىلە قىلغان كىشى بىلەن چىن دىلىدىن مۇئامىلە قىلغان كىشى تەڭ بولامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن مەكتۇبنى يۈزىدىن ئوقۇغان كىشى بىلەن تېگىدىن مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇغان كىشى ئوخشاش بولامدۇ؟ ۋەياكى ۋەھىينىڭ كونۋېرتىغا قاراش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ئىچىدىكى مەزمۇن بىلەن كارى بولمىغان كىشىنىڭ ۋەھىيگە تۇتقان مۇئامىلىسى سىزچە قايسى تۈرگە كىرىدىغاندۇ؟

خۇلاسە قىلساق، بېراۋ ئىنساننى مەقسىتىگە ماس ھالدا بەرپا قىلغۇچى ئىلاھى تەربىيە لاھىيىسى بولغان ۋەھىي بىلەن يۈزەكى شەكىلدە مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسا، ئۇنىڭ ئىبادەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ يۈزەكى ھالدا بولىدۇ، ماھىيىتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئاللاھ تىن كەلگەن مەكتۇبنىڭ كونۋېرتىغىلا ئەھمىيەت بەرگەن كىشىنىڭ مۇئامىلىسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ قا ئەۋەتىلگەن جاۋاپ خەتكە ئورنىدىكى ئىبادەتلىرىنىڭمۇ ئىچى بوش بولىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟

قىلىدىغان ئىش ناھايىتى ئېنىق. رامىزاننى بىر پۇرسەت دەپ قاراپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى بولغان ۋەھىي بىلەن ھەر جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز لازىم. ۋەھىينىڭ يېتەكلىشىگە ئۆزىمىزنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن، بەدەن ئەقىل يۈگۈزىدىغان قەلىپكە، ئىرادە ۋە روھقا ئورنىنى بوشۇتۇپ بېرىشى لازىم. روزىنىڭ مەقسىتىنىڭ دەل بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

مۇسۇلمان كىشىلىك خاراكتېرىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئامىللىرىدىن بىرى بولغان رامىزاننىڭ بۇ رولىنى قايتا تىرىلدۈرۈش، رامىزاننىڭ قۇرئان ئېيى بولغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋەيران قىلىنغان مۇسۇلمانچە دۇنيا قارىشىمىز قايتىدىن بەرپا قىلىنماستىن، گۇمران قىلىنغان بەشەرى جۇغراپىيىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايمىز. ئۇقۇملار توغرا مەنىگە ئىگە بولالمىسا، ئەمەللىرىمىزمۇ توغرا بولمايدۇ.

ئەگەر رامىزان كېلىپ ۋەھىي كەلمىسە، رامىزاننىڭ روھىنى ئۆلتۈرگەن بولىمىز.

سەۋەبى ئېنىق. ۋەھىي، ئايلار سۇلتانى مېھمان بولىدىغان قەلىب سارىيىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان، خارابىلىققا ئايلانغان جايلىرىنى ئوڭشايدىغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان چىۋەر ئۇستا. قەلبىمىزگە بۇ ئۇستىنىڭ قولى تەگمىسە، قەلب سارىيىمىزدا سۇلتاننى كۈتۈۋېلىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟

سۇلتان كېلىدۇ، خوش كېلىدۇ، لېكىن بىزنى خوش تاپالمايدۇ. ياكى بوش تاپىدۇ، ياكى ناخوش تاپىدۇ. بۇ، رامىزاندىن ئىبارەت تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاللاھ بىز ئىنسانلارغا رامىزاندىن ئىبارەت نېمەتنى / بايلىقنى بەرسە، قەدىرىگە يەتمەي ئۇنى  ھاپىلا – شاپىلا خەجلەپ تۈگىتىۋېتىمىز.

بۇ نوقتىدا، ئىبادەتلەرنى ئۆلۈك ۋە تىرىك ئىبادەت دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۆلۈك ئىبادەتلەر مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئۇ ئىنساننى مىندۈرۈپ ئاللاھ قا يېقىنلاشتۇرىدىغان بۇراق (ئىسرا كېچىسى رەسۇلۇللاھ مىنگەن تۇلپار ) ئەمەس، ئەكسىچە ئىنساننىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىلغان بىر يۈك بولۇپ قالىدۇ. ئىبادەتنىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىغاندا، ئىنسان ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالالمايدۇ. ئۇنىڭ تەمى يۈرەك دىماقلىرىغا يېتىپ بارمايدۇ. بېشىدىن چۆرۈپ تاشلىۋېتىشى كېرەك بولغان بىر نەرسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئايلار سۇلتانىنى، بالدرۇرراق قۇتۇلۇش زۆرۈر بولغان بىر نەرسە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشنىڭ، قانداق خەتەرگە باشلايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇنداق بىر ساراي ئىگىسىدىن ئىلاھى مېھمان قانداقمۇ رازى بولسۇن؟ بۇ سارايدا رامىزانمۇ بولمايدۇ. رامىزان ئۇ يۈرەكتە مەڭگۈلۈك بىر لەززەت قالدۇرماستىن چىقىپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئەكسىنى ئويلاپ بېقىڭ. ئەگەر سۇلتانغا لايىق شەكىلدە كۈتۈۋېلىنسا، ئۆي ئىگىسى مېھماننى خوشال / رازى قىلسا، بۇ ئېزىز مېھمانمۇ ئۆي ئىگىسىنى ئۇنىڭغا يارىشا خوشال قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ، ئېلىپ كەلگەن چەكسىز بەرىكەتتىن تېگىشلىك ھەققىنى بېرىدۇ. ئۇ بەرىكەت بىلەن چۆلگە ئايلانغان يۈرەكلەر كۆلگە ئايلىنىدۇ. ئۇ بەرىكەت بىلەن، ئېچىرقاپ جان تالىشىۋاتقان روھلار ھۇشىغا كېلىدۇ. ئۇ بەرىكەت بىلەن، ئىمان قولىمىز، پۇتىمىز، كۆزىمىز، قۇلىقىمىز ۋە تىلىمىزغا كېلىدۇ.