مەسەد / تەببەت سۈرىسى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قۇرۇپ كەتتى ( غەزەپكە ئۇچرىدى ) » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تەببەت » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى ( پۈتۈن كۈچى ) قۇرۇپ كەتسۇن، ئەمەلدە قۇرۇپ كەتتى! » ( 1 ).

تەببەن، ئەرەپچىدە بىر لەنەتلەش ئىپادىسى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سافا تېغىدا قەۋمىنى تەۋھىدكە چاقىرغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ ئەبۇ لەھەب قارشى چىققان ۋە رەسۇلۇللاھقا « تەببەن » دېگەن.  قۇرئان ئەبۇ لەھەبنىڭ بۇ بەددۇئاسىنى ئۆزىگە قايتۇرغان.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنغان. تىرمىزىدىمۇ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بەزى مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە سۈرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەلىمىسى بولغان « مەسەد » بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمان ۋە ئىبن ئابباسنىڭ نۇزۇل تەرتىۋىدە فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىنلا 6 – ۋە 7 – قاتارغا تىزىلغان. بۇ ئەھۋالدا سۈرىنىڭ نازىل بولۇش تارىخى دەۋەتنىڭ 1 – يىلىنىڭ ئادىنقى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. يەنە ئىبن ئابباستىن كەلگەن بۇخارى ۋە مۇسلىم قاتارلىق بىر قانچە مەنبەدە نەقىل قىلىنغان نۇزۇل سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر سۈرە ئەڭ بالدۇر دېگەندە دەۋەتنىڭ 6 – ياكى 7 – يىلىدا نازىل بولغان ۋە 47 – ئورۇندىكى شۇئەرا سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىدۇ. لېكىن، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىى تەببەت سۈرىسىنىڭ نازىل بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىل « قەۋمىڭنى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇر » ( شۇئەرا، 214 )  ئايىتى بىلەن باشلايدۇ.

بىرىنچى قاراشقا قارىساق، نازىل بولۇش ۋاقتى بەك بالدۇر. چۈنكى، ئەبۇ لەھەب رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ۋە مەزكۇر سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى بولۇپ، بۇ سۈرە تاغا بىلەن جىيەن ئارىسدىكى يىرىكلىشىپ ئۈزىلەي دەپ قالغان زىل مۇناسىۋەتنى بىراقلا ئۈزۈپ تاشلىغان. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشى ئۈچۈن بەلگىلىك زامان ئۆتكەن بولىشى ۋە بىر قىسىم ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولىشى كېرەك. بۇ سەۋەپتىن نازىل بولۇش ۋاقتىنى دەۋەتنىڭ 1 – يىلى دېگىلى بولمايدۇ.

ئىككىنجى ئېھتىمال نەزەردە تۇتۇلغاندا، يەنى مەزكۇر سۈرە شۇئەرا سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا يەرلەشتۈرۈلگەندە بەك كېيىن بولۇپ كېتىدۇ. دەۋەت باشلانغان تۇنجى يىل نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىغا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان نازىل بولۇش ۋاقتى دەۋەتنىڭ 2 – يىلىغا، كافىرۇن سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كەلمەكتە.

كافىرۇن سۈرىسىدە، بازارلىق قىلىش ھاياتىغا سېڭىپ كەتكەن كاپىرلاردىن سۆز قىلىنغان. بۇ سۈرىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بازارلىق قىلىشقا ئەڭ خۇشتار تىپ بولغان بىر ئىسىم،  يەنى، ئەبۇ لەھەب كۇپۇرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلماقتا، يەنى ئەبۇ لەھەب:

تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ (1) مَا أَغْنَى عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ (2) سَيَصْلَى نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ (3)

« ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى ( پۈتۈن كۈچى ) قۇرۇپ كەتسۇن، ئەمەلدە قۇرۇپ كەتتى! ئۇنىڭغا مال – مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇ تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان لاۋۇلداپ تۇرىدىغان ئوتقا ( ئوتۇن ) بولىدۇ » ( 1 – 3 ).

رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئابدۇلئۇززا، سۈرىدە كىنايىلىك بىر شەكىلدە « لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنىڭ دادىسى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بىر سۈپەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان. نۇزۇل سەۋەبىدىكى رىۋايەتلەردىن بىرسىدە، بۇ شەخىسنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر بازارلىق قىلىش ۋەقەسى بايان قىلىنغان. ئەبۇ لەھەب رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: « مەن مۇسۇلمان بولسام، ماڭا نېمە ( مۇكاپات ) بار؟ »  دەپ سورايدۇ. رەسۇلۇللاھ « باشقىلارغا نېمە بولسا، ساڭىمۇ شۇ بار » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: « مېنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان دىن دىن بولامدۇ؟ » دېگەن. ئۇنىڭ مەنپەئەتپەرەستلىكى بەدىردىمۇ كۆرۈلگەنىدى. ئۇ جەڭ مەيدانىغا بېرىپ مەرتلەرچە جەڭ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئادەم ياللاپ ئەۋەتكەن.

قۇرئان ۋەھىي، رەسۇلۇللاھتىن باشقا شۇ دەۋردە ئۆتكەن ئىككى كىشىنىڭلا ئىسمىنى، يەنى ياخشىلاردىن بولغان ھەزرىتى زەيدنى ۋە ئەسكىلەردىن بولغان ئەبۇ لەھەبنى تىلغا ئالغان. ئەبۇ لەھەب بۇ سۈرىدە تارىخى بىر شەخس ئەمەس، ئىمانغا قارشى قارىغۇلارچە ئۇرۇش قىلغان ئىنكارچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپتىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئارقىلىق خىتاپ قىلىنغۇچىغا:

« ئەبۇ لەھەب ئۆلىدۇ، لېكىن ئەبۇ لەھەبلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ » دەيدۇ.