رامىزان بىر پۇرسەت

« ئى مۇئمىنلەر! ( گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار / ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ھېس قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە ( يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ ( رامىزان روزىسى ) پەرز قىلىندى » ( بەقەرە، 183 ).

شۇنداق رامىزان ئەسلىدىنلا مۇبارەك ئىدى. مەن يەنىلا « رامىزانىڭىز مۇبارەك بولسۇن! » دەيمەن.

« خوش كەلدىڭ ئەي رامىزان ئېيى » دەيمەن، رامىزان دائىما خوش كېلىدۇ. لېكىن، كىشىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشى، ئۇنىڭ بەرىكىتىدىن ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە پايدىلىش بولۇپ، ئۇنى خوشال – خۇرام ھالدا كۈتىۋېلىش، ئۇنى خوش قىلىش ۋە خوش ھالدا ئۇزۇتۇشتۇر.

دائىم نەزرىمىزدىن ساقىت بولىدىغان بىر ھەقىقەت بار. ئىبادەتلەرنىڭ ئۆزىلا مەقسەت ئەمەس. ئەكسىچە، ھەر ئىبادەت يۈكسەك دەرىجىدىكى بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى. ئۇ مەقسەت نەزەردىن ساقىت بولغاندا، ئىبادەت ئادا بولمايدۇ ۋە مەقىسىتىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. روزا ئىبادىتىنىڭ مەقسىدى، بۇ ئىبادەتنى پەرىز قىلغان يۇقۇرىدىكى ئايەتتە ئوپ – ئوچۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۇرغۇزۇش…

بۇ، ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئۆزىنى تونۇشى ئۈچۈن ئىنسان دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىشى كېرەك. دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشتىن مەقسەت، ھەرگىزمۇ گۆشىدىن سۆڭىكىگىچە، چاچ – ساقاللىرىغىچە، بەدەن ئېغىرلىغى ۋە بوي ئۇزۇنلىقىغا، ئاشقازىنىغا ۋە تېنىگە ئېتىبار بېرىش دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى بۇلار، ئىنساننى « ئىنسان قىلغان » تەرەپلىرى ئەمەس.

ئۇنداقتا، ئۇ نېمە؟

ئەلۋەتتە، ۋەھىي « قەلب » دەپ ئاتىغان ئىچكى دۇنياغا، تۇيغۇغا، چۈشەنچىمىزگە، ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلبىمىزگە يۈزلىنشتۇر! دىققەت ئېتىبارىنى ئىچكى دۇنياغا قاراتقان ئىنسان، ئۆزىنى تونۇشقا باشلايدۇ. ئۆزىنى، يەنى ئاللاھ ئالدىدىكى ئاجىزلىقى ۋە مۇھتاجلىقىنى، دۇنيا مەئىشەتلىرى ئالدىدىكى شانۇ – شەرەپ ۋە ئۈستۈنلىكنى تونۇشقا باشلايدۇ.

بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىنسان، « مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزغان » ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئۈچ بويۇتلۇق ( يۆنىلىشلىك ) ئاڭدۇر. ئاللاھ قا، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا قارىتا شەكىللەنگەن ئاڭ. ئاچ – يالىڭاچلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، يوقسۇللارغا، يېتىملەرگە، ئىگە – چاقىسىزلارغا، قېيىنچىلىقتا قالغانلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ھەر ئىنسان روزا ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ.

رامىزاننى مەشرەپكە ئايلاندۇرىۋالغانلار، يەنى رامىزاننى ئورۇقلارنىڭ سېمىرىۋېلىش، سېمىزلارنىڭ يېمەي – ئىچمەي ئورۇقلىۋېلىش ئېيى دەپ قارىغانلار، بۇ مەقسەتنى قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالسۇن؟

بۇ خىل كۆز – قاراشقا ئىگە بولغانلارغا نىسبەتەن، رامىزان دېگەندە ئۇلارنىڭ ئەقلىگە تۇنجى بولۇپ ئىستانبۇلدىكى غەرىپچە ناخشىچى سەتەڭلەر ئىجراسىدىكى « تېرەكلەر ئارىسى تاماششا » كېلىدۇ.

ئوسمانلىنى تىرىلدىرىمىز دەپ ئىستانبۇلنىڭ « ئىسلامبول ( ئىسلامى مول ) » تەرىپىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىستانبۇلنىڭ « پېررا » ( قاۋاقخانا ) تەرىپىنى تىرىلدۈرۈشكە تىرىشىش، سول تەرىپىدىن ئويغىنىشقا ئوخشايدۇ.

پەقەت ئۇنچىلىكلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز ئېتىقادىغا « فىرانسىزلىشىش ( ياتلىشىش ) » بولۇپ، ھەتتا ئەيشى – ئىشرەتنى دىننىڭ پارچىسى دەپ قالغانلىق بولىدۇ.

ئىپتار چېدىرلىرىنى قۇرۇش نېمە دېگەن ياخشى ئىش. ئىستانبۇلنىڭ « ئىسلامبول » تەرىپىنى ئەسلىتىدىغان مانا مۇشۇنداق ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەردۇر.
خەلق ھۆكۈمەتلىرىمىز نېمىشقا پەقەت چېدىرغا كېلىدىغان كىشىلەرنىلا ئويلاپ، دەل ئىفتار ۋاقتىدا قاتناش قىستاڭچىلىقىدا قالغانلارنى ئويلىمايدىغاندۇ؟ ئۇلارغا بەك ئالىي بولمىسىمۇ، پەقەت ئېغز ئاچقىدەك ( ئىفتار قىلغۇدەك ) بىر خورما، كىچىك بىر قۇتا سۇ، كىچىك بىر توقاچتىن تەركىپ تاپقان ئاددى بىر تاماق تىزىملىكى يېتەرلىك بولاتتى.

ئەگەر ئۆرنەك تەلەپ قىلىدىغان بولسا، بىر قانچە يىلدىن بېرى بۇ ئىشنى ۋەتەن كوچىسىدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئاقابە ۋەقفىدىن ئالسا بولىدۇ. ھەتتا ياردەم قىلسىمۇ بولىدۇ. دەل ئىفتار ۋاقتىدا قاتناشتا قىسىتىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن سۇنۇلغان ئىفتارلىق ئېكراملىرىنى ئالغان ۋاقىتتا، كۆزلىرىنىڭ قانداق نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايسىز. ئۇلارنىڭ ئورنىدا سىز بولۇپ قالسىڭىز، سىزنىڭمۇ كۆزلىرىڭىزىدىن نۇر چاقنىماسمۇ؟

ئەلۋەتتە، قارنمىزغا قىلىنغان ئېكرام، رامىزاننىڭ ئەڭ كىچىك تەرەپلىرىدىن بىرى. رامىزاننىڭ بۇنىڭدىن باشقا چوڭ ھەدىيەسى بار. ئەقلىمىزگە ۋە قەلبىمىزگە سۇنۇلغان ھەدىيە. ئۇ، كىشىلەرگە قۇرئان ھەدىيە قىلىش بولۇپ، كىشىلەرنى ۋەھىينىڭ داستىخنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن يۈرەكلىرىنى ۋە مېڭىسىنى قۇرئان بىلەن تويغۇزۇش.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، رامىزان بىر پۇرسەت. كىرلەنگەنلەرنى پاكلايدىغان؛ بۇزۇلغانلارنى، ئۇپراپ كەتكەنلەرنى ئوڭشايدىغان؛ يېقىلغانلارنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدىغان؛ تەسبھ تانىسىدەك چېچلىپ كەتكەنلەرنى يىغىپ بىر گەۋدە قىلىدىغان؛ يۈتتۈرۈپ قويغاننى تېپىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.