ئاللاھ بەندىلىرىگە ئەمىر ۋە نەھىيگە رىئايە قىلىش كۈچى بەرگەن

 

ئىمام ئەلبەسرى، ئەمەۋى قەدەرچىلىرى سۈيئىستىمال قىلغان يەنە بىر ئايەتكە كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرغان. بۇ يەردىمۇ سۈيئىستىمالنىڭ ئاستىدا « پارچىغا ئېسلىش » زېھنىيىتى ياتماقتا. ئايەتكە « يۇلۇپ ئال – چاپلا » مەنتىقى بىلەن قارىغان سۈيئىستىمالچىلارنىڭ ھىلىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان بىردىنبىر ئىش، ئۆز چۈشەنچىسىگە ۋاستە قىلىۋالغان دەلىلنى ئەسلى ئورنىغا قويۇشتۇر. مەسىلەن:

« ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ ( يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ )، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋىتىدۇكى ( ئىمان ئېيتىش ) ئۇنىڭغا گۇيا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ » ( ئەنئام، 125 ).

قەدەرچى ئەقىل / زېھنىيەت ئايەتنىڭ بۇ پارچىسىغا ئاساسەن، ئۆز نەزىرىيىسىنى ئاساسقا ئىگە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « نېمە قىلىساڭ قىل! ھەممىسى بىكار! چۈنكى ئاللاھ بېراۋنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىشىنى خالىمىسا، سەن قانچىلىك ئەجىر قىلساڭمۇ ئۇ توغرا يولغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندىمۇ ئەھۋال شۇنداق. بۇنداق بولغانىكەن، ھىدايەت ۋە گۇمراھلىق پىشانىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن، ئىنساننىڭ تاللىشى بۇ يېزىلىپ كەتكەن تەقدىرنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ».

بىز بۇ زېھنىيەتنى بىر يەرلەردىن بىلىمىز. مەككە مۇشرىكلىرىمۇ دەل مۇشۇنداق دەيتتى: « ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، بىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق » ( ئەنئام، 148 ). بۇ چۈشەنچە يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەمەس. جاھىلىيەت ئەقلى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئايەتنىڭ جاھىلىيەت مۇشرىكلىرىنىڭ ئەقلىگە يېشىل چىراق ياقمىغانلىقىنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن، ئايەتتىن ئېلىنغان ئۈزۈندىنىڭ قالغان قىسمىنى ئوقۇپ باقايلى:

« مانا بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ، ئىنكاردا / كۇپۇردا چىڭ تۇرغانلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ » ( ئەنئام، 125 ).

قەدەرچى ئەقىلنىڭ ھىيلىسى مانا مۇشۇنداق ئاشكارە بولۇپ قالىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامى، گۇمراھ بولغان كىشى « ئاللاھ گۇمراھ قىلغانلىقى ئۈچۈن » ئەمەس، « كۇپۇردا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئازدى » دەۋاتىدۇ. ئايەت: « كىم ئاللاھ نىڭ رەھبەرلىكىگە كىرىشنى تاللىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا ئېچىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇ تاللىشىنى مۇكاپاتلايدۇ. كىم ئازغۇنلۇقنى تاللىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدۇ. كىمكى ئاللاھ نىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالسا، ئۇنىڭ كۆكسى تارىيىدۇ، ئەقلى قىسقىرايدۇ، نەزەر دائىرىسى كىچىكلەيدۇ، بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ » دەيدۇ.

ئىمام ئەلبەسرى، ئەنئام سۈرىسى 125 – ئايەتنى توغرا چۈشۈنۈش ئۈچۈن مائىدە سۈرىسى 16 – ئايەتنى تىلغا ئالغان:

« ئاللاھ شۇ كىتاپ ( يەنى قۇرئان ) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى ( ئاللاھ نىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى )غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بۇيىچە ئۇلارنى ( كۇفرى ) قاراڭغۇلىقىدىن ( ئىماننىڭ ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ »  ( مائىدە، 16 ).