شەخسىيىتىمىز ۋە جەمىيىتىمىزنى شەكىللەندۈرگۈچى كۈچ – رامىزان

 رامىزان مەدەنىيىتىمىزنى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىللاردىن بىرى دەپ بىلىمەن. رامىزان روزىسىنىڭ ھاياتنىڭ ۋە توپلۇمنىڭ قىل تومۇرلىرىغىچە سىڭىپ كېتىدىغان بىر خىسلىتى بار. ئۇ كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ھاياتنى ئوربىتىسىدا ئايلاندۇرىدۇ. يەپ – ئىچىشتىن ئىبارەت ئەڭ نۇرمال بەشەرى ئىھتىياجىمىزنى بىر مەزگىل تەرتىپكە سالغان رامىزاننىڭ، ھاياتىمىزنىڭ باشقا ساھەلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى ناھايىتى نۇرمال ئەھۋال.

بۇ مۇبارەك ئاينىڭ مۇسۇلمان جەمىيىتىدە قالدۇرغان ئىزى شۇنچە چوڭقۇر بولۇپ، توپلۇمدىكى دىنغا يىراقتىن قارايدىغان، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسگە كىرىپ قېلىشىتىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ. رامىزان ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا بىر شەكىلدە كىرىدۇ. بەزىلەرگە تومۇرلىرىدىن كىرسە، بەزىلەرگە ئاشقازىنىدىن كىرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا كىرىدۇ ۋە « مەن كەلدىم! » دەپ ئۆزىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

كۇپرى ساھىپلىرى ئۇنىڭ بۇ چوڭقۇر تەسىرىدىن تولىمۇ بىئارام بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ « رامىزاندا شەيتانلارغا كىشەن سېلىنىدۇ » دېگەنىدى. دېمەككى، شەيتان بىلەن شېرىك ئىش قىلغانلار، داھىسىنىڭ باغلانغانلىقىدىن بىئارام بولىدۇ. شەيتانلار باغلانغان بىر يەردە پەرىشتىلەرنىڭ ئىشلىرى ئاسان بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بەلكىم، رامىزاننى ھەركىم ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان ئاساسى سەۋەپمۇ مۇشۇ بولسا كېرەك.

رامىزان پەقەتلا مەدەنىيىتىمىزنى شەكىللەندۈرگۈچى بىر ئامىل بولۇپلا قالماستىن، مۇسۇلماننىڭ شەخسىيىتىنى بەرپا قىلغۇچى ئامىللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رامىزاننىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى قانچىلىك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى، شەخىسنىڭ رامىزان بىلەن قۇرغان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا باغلىق.

رامىزان بىلەن يۈزەكى مۇناسىۋەت قىلغانلارغا نىسبەتەن، رامىزاننىڭ كىشىلىك بەرپا قىلغۇچىلىك رولى ئەلۋەتتە يۈزەكى، يەنى پوست قىسمىدا قالغان بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئۈچۈن رامىزاننىڭ تەسىرى ئاجىزى بولۇپ، كىشىنىڭ پوستىنى تېشىپ شەخسىيىتىگە يېتىپ بارالمايدۇ.

بۇنى بۇرۇن مەكتۇپقا ئوخشىتىپ يېشىپ بەرگەنىدىم. ئىبادەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھ قا ئەۋەتكەن مەكتۇبغا ئوخشايدۇ. ئىبادەتلەرنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئادا قىلغانلار، خۇددى ئىبادەتنىڭ روھىنى / ئەسلى ماھىيىتىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ۋە ئىبادەتنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئاللاھ قا ئىچىدە مەكتۇپ يوق كونۋېرىت ئەۋەتكەنلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يوقتىن ياخشى. ئەمما بۇ ئەستايىدىل بولمىغانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى. ياخشىلىق قىلغان بىرىدىن سالام خەت تاپشۇرۋالدىڭىز دەيلى، كونۋېرتنىڭ ئىچىدە سالام خەت يوق، قۇرۇق بولسا، بۇنى قانداق چۈشىنىسىز؟

ئىبادەتلەر بىلەن يۈزەكى ئەمەس، بەلكى نېگىزىدىن مۇناسىۋەت قۇرغانلار، كونۋېرتنىڭ ئىچىنى تولدۇرغان بولىدۇ. رامىزان بىلەن يۈزەكى شەكىلدە ئەمەس، بەلكى ماھىيىتىنى چۈشەنگەن ئاساستا مۇناسىۋەت قۇرۇش، رامىزاننىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى بولغان ۋەھىي بىلەن جان تومۇرىدىن ئالاقە قۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. چۈنكى رامىزان قۇرئان دۇنياغا كەلگەن ئاي.

قۇرئان توغۇلغان ئاينىڭ روزا تۇتۇش ئارقىلىق تەبرىكلىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىي ئەمەس. روزا، روھنىڭ غىزالاندۇرۇلىشى ئۈچۈن بەدەننىڭ ئاچ قويۇلىشى بولۇپ، بۇ تەپەككۇر دۇنياسىنى، ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلىپكە مەملىكىتىگە باشلاش ئۈچۈن، شەھۋانى ھېس – تۇيغۇلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتقۇزۇش دېگەنلىكتۇر. مەنىۋىي ئىنساننى ئالدىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ماددىي ئىنسان ( بەشەر )نى ئارقا تەرەپكە ئېلىش كېرەك.

رامىزاننى قۇرئان ئېيى دەپ بىلىپ، تەسەۋۋۇر، ئەقىل، شەخسىيەتنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاياتنى قۇرئان بىلەن يېڭىدىن بەرپا قىلىش؛ رامىزان بىلەن يۈزەكى ئەمەس، نېگىزىدىن ئالاقىدە قۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ۋەھىي، ھايات بەرپا قىلغۇچى ئىلاھى بىر تەربىيە لاھىيەسىدۇر. بۇ ئوخشىتىشىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئېيتساق، قۇرئان ئاللاھ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن بىر مەكتۇپ. ئادەم باللىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادىتىنىڭ فورمىلاسى بۇ مەكتۇپقا پۈتۈلگەن.
ئاللاھ تىن ئۆزىگە كەلگەن مەكتۇپقا يۈزەكى مۇئامىلە قىلغانلار بىلەن، چىن دىلىدىن مۇئامىلە قىلغۇچىلار ئوخشاش بولامدۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئاللاھ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن مەكتۇپنى يۈزەكى ھالدا ئوقۇغانلار بىلەن، ئىچ – ئىچىدىن چۈشۈنۈپ ئوقۇغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟ ۋەياكى سالام خەتنىڭ پەقەت كونۋېرتىغىلا قاراپ، ئىچىدىكى مەكتۇپقا، يەنى مەكتۇپتا نېمە دېيىلگەنلىكىگە قىزىقمايدىغان كىشىنىڭ ۋەھىيگە بولغان ئىخلاسى قانچىلىك بولار؟

بۇلاردىن شۇ خۇلاسىگە كېلىمىز: ئەگەر ئىنساننىڭ ھايات بەرپا قىلغۇچى ئىلاھى لاھىيە بولغان ۋەھىي بىلەن بولغان ئالاقىسى يۈزەكى بولسا، ئىبادەتلىرىمۇ يۈزەكى شەكىلدە داۋام قىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تىن كەلگەن مەكتۇپ بولغان ۋەھىينىڭ كونۋېرتىغىلا قاراش، بەندىنىڭ ئاللاھ قا ئەۋەتكەن مەكتۇبى بولغان ئىبادەتلەرنىمۇ ئىچى قۇرۇق شەكىلدە ئادا قىلغانلىق بولىدۇ.

بۇنى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشىمىز ئېنىق: رامىزاننى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبى بولغان ۋەھىي بىلەن چىن يۈرەكتىن ئىچقۇيۇن – تاشقۇيۇن بولغان ھالدا زىچ مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش.

ۋەھىينىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى كۈچىگە ئۆزىڭىزنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر زامان ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بەدەننىڭ ئورنىنى، ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلىبكە، ئىرادىگە ۋە روھقا بېرىش.

رامىزاننىڭ مەقسىدىنىڭ بۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ، رامىزانغا زاۋاللىققا يۈز تۇتىۋاتقان قاۋاقخانا ناخشىچىسى سەتەڭلەرنىڭ نەزەر نوقتىسىدىن قارىماسلىق لازىم ( كۆڭۈل ئىچىش پۇرسىتى دەپ قارىماسلىق لازىم ). رامىزانغا نەزەر نوقتىسىدىن قارىغانلار، ئۇ يەردىن « باراڭ ئاستى » ئالەملەرنى كۆرىدۇ. بۇ خۇددى ئاللاھ قا يوللاش ئۈچۈن يازغان سالام خېتىمىزنى، ناخشىچى سەتەڭنىڭ كىندىكىگە قىسىپ قويغاندەكلام بىر ئىش.

مۇسۇلمان شەخسىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىل بولغان رامىزاننىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى رولىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش، ئۇنىڭ قۇرئان ئېيى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ۋەيران بولغان مۇسۇلمانچە ئېڭىمىز يېڭىدىن بەرپا قىلىنىپ ۋە قايتىدىن شەكىللەنمىسە، ۋەيران قىلىنغان جىسمانى جوغراپىيىمىز قايتىدىن بىنا ۋە بەرپا بولمايدۇ. ئۇقۇملار توغرا مەنىسىگە ئىگە بولالمىسا، ئەمىلى ھەرىكەتلەرمۇ توغرا بولمايدۇ.