ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 15 ۋە 16 – ئابزىسى

elbesri 15

elbesri 16

ئۇلار يەنە ئاللاھ نىڭ شۇ سۆزىنىمۇ مۇنازىرە تېمىسى قىلىشىدۇ: « ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ ( يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ )، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋىتىدۇكى ( ئىمان ئېيتىش ) ئۇنىڭغا گۇيا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازاپلايدۇ » ( ئەنئام، 125 ). ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە: « ئاللاھ كاپىرغا مۇشۇنداق قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنى يەنە ھېساپقا تارتىدۇ ». لېكىن، بۇ توغرا ئەمەس. ئاللاھ كىتاۋىدا تىلغا ئالغان « ئېچىش – شەرھ » ۋە « تارايتىش – دەيىق » كەلىمىلىرى ئىلاھى يولباشلامچىلىققا تەشۋىق قىلىش ۋە ئاللاھ نىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا قۇلاق سالماي ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى قامچىلاش ۋە ئۇنىڭدىن ياندۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بۇ سۆزنى، ئۆزىنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىت ئۈزدۈرۈش ۋە ئۇلارغا گۇناھنىڭ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېيتقىنى يوق. ئۇلار جاھالىتى تۈپەيلى، بۇ ئايەتنى مۇنداق شەرھىلىدى: « جانابى ئاللاھ، سالىھ ئەمەل قىلمغان بولسىمۇ بەزى بەندىلىرىنىڭ كۆكسىنى ( ئىسلامغا ) ئاچقان، بەزى بەندىلىرىنىڭ كۇفرى، پاسىقلىق ۋە زالالەت ئىچىدە بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆكسىنى تارايتىپ قايمۇقتۇرغان بولۇپ، ئۇلارغا تائەت – ئىبادەتتىن ئىبارەت مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشتا بىرەر چىقىش يولى يوق. ئۇلار جەھەننەمدە ئەبەدىي قېلىشقا مەھكۈمدۇر ».

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ ئۇنداق ئەمەس. ئەھۋال بۇ نادان ۋە خاتالاشقان كىشىلەر داۋا قىلغاندەك ئەمەس. بەندىلىرىگە بۇنداق قىلىشتىن پاك – مۇنەززەھ بولغان رەببىمىز ناھايىتى مېھرى – شەپقەتلىك ۋە ئىنتايىن ئادىل، ھەمدە ئۇلۇغ كەرەم ئىگىسىدۇر. ئۇ سۆزىدە « ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ( نىڭ ساۋابى ) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى ( نىڭ جازاسى )مۇ ئۆزىگىدۇر » ( بەقەرە، 286 ) دېگەن تۇرسا، قانداق بولۇپ بۇ كىشىلەر دېگەندەك قىلسۇن. ئاللاھ، ئىنسان كۆرەلەيدىغان – كۆرەلمەيدىغان بارلىق ئىرادىلىك مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بەندىلىك قىلسۇن، ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتقان. ئاللاھ بەندىلىرىگە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپراقىنى قىلالايدىغان ئاڭلاش، كۆرۈش، ئويلاش ۋە ھېس قىلىش قابىليىتىنى ئاتا قىلغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇلاردىن كىمكى ئۇنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلسا، بۇيرىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرسە، چەكلىگەنلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئىمكانىيتى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ كۆكسىنى ئاللاھ مۇكاپات سۈپىتىدە ئىسلامغا ئاچىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇيرۇلغان بارلىق ئىلاھى ئەمىر ۋە ھاراملارنى سادىر قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان بىرى بولغان تەقدىردىمۇ كۇفۇر، فىسقى – فۇجۇر ۋە گۇناھ – مەسىيەت قىلىشنى ( جازالاش تەھدىتى ئارقىلىق ) قىيىنلاشتۇرىدۇ.

مانا بۇ، چوڭ – كىچىك، ئابرويلۇق – ئابرويسىز كىم بولىشىدىن قەتىئينەزەر ئىتائەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەرتىۋىگە يەتكەن ھەر قانداق ئادەم توغرىسىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، كىمكى تەۋبە قىلىشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا كۈچى يېتىپ تۇرۇپ، بۇ دۇنيادا ئاللاھ بۇيرىغان ئەمىر – پەرمانلارغا ئەمەل قىلىشتىن بۇيۇنتاۋلىق قىلىپ، ئىنكار ۋە ئازغۇنلۇقتا چىڭ تۇرىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆكسىنى خۇددى ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك سىقىدۇ. بۇ، ئۆزلىرىگە دەۋەت يېتىپ بارغان ۋە تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇلغان تۇرۇغلۇق، كۇفۇر ۋە پاسىقلىقتا ۋايىغا يەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن ( ئۇلارغا قارىتا ) ئاللاھ نىڭ ھۆكمىدۇر.

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! جانابى ئاللاھ نىڭ كىتاۋىدا « ئېچىش » ۋە « تارايتىش »نى تىلغا ئېلىشنىڭ سەۋەبى، بەندىلىرىگە بىر رەھمەت ۋە بۇيرۇلغان ئەمەللەرگە تەشۋىق ( قىزىقتۇرۇش ) تىن ئىبارەت. جانابى ئاللاھ نىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى، بەندىلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان ئەمەللەرگە ئۇلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يول بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىنى خۇشاللىققا تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇنى، ئۇلار ئارزۇ – ئۈمىتلىرىنى ئاللاھ نىڭ رەھمەت ۋە لۇتپىدىن ئۈزۈپ، ئۈمىتسىزلىككە مۇپتىلا قىلىش ياكى ئىسلاھ بولىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئەپۇ -مەغفىرىتىدىن ۋە كەرىمىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلمىغان. بەلكى ئاللاھ كىتاۋىدا بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « ئاللاھ شۇ كىتاپ ( يەنى قۇرئان ) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى ( ئاللاھ نىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى )غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بۇيىچە ئۇلارنى ( كۇفرى ) قاراڭغۇلىقىدىن ( ئىماننىڭ ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ »  ( مائىدە، 16 ).

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە نېمە دەۋاتىدۇ؟ تەپەككۇر قىلغايسەن ۋە ئويلىنىپ كۆرگەيسەن:

« شەيتانغا ( ۋە بۇتلارغا ) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھ قا ( ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە ) قايتقانلارغا ( جەننەت بىلەن ) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا ( يەنى تەقۋادار بەندىللىرىمگە ) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ( ساغلام ) ئەقىل ئىگىللىرىدۇر » ( زۇمەر، 17 – 18).

يەنە ئاللاھ نىڭ بۇ بۇيرىقىغا قۇلاق سالغايسەن: « ئەگەر ئەھلى كىتاپ ( ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ) ئىمان ئېيتسا ۋە ( ئاللاھ چەكلىگەنلىرىدىن ) پەرھىز قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، نازۇ – نېئمەتلىك جەننەتلەرگە كىرگۈزەتتۇق، ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتاپلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياقلىرى ئاستىدىن كەلگەن بارلىق نېئمەتلەردىن پايدىلىناتتى » ( مائىدە، 65 – 66 ).

جانابى ئاللاھ ئېيتىدۇكى: « ( ئەلچىلەرنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە ( كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن ) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاسمان – زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق، لېكىن ئۇلار ( ئەلچىلەرنى ) ئىنكار قىلدى » ( ئەئراف، 96 ).