يېقىنشىپ كېلىۋاتقان رامىزان  – بىر ئاڭ تۇرغۇزۇش پۇرسىتى

 

ئون بىر ئاينىڭ كىرلىرى ئۈستىمىزدە. بۇ كىر، قول- پۇتنىڭ كىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنى يۇيساڭ چىقىپ كېتىدۇ. بىز تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ كىر، يۈرەك، زېھىن، ئەقىل، ھەممىدىن بەك تەسەۋۋۇردا / چۈشەنچىدە پەيدا بولغان كىرىدۇر.

چۈشەنچىمىزنىڭ، ئېڭىمىزنىڭ كىرلشىپ كېتىشى، دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ ۋەھىمىلىك بىر كېسەللىكىدۇر. ئېڭى ۋە يۈرىكى كىرلەنگەن بىر ئىنسان، بۇ مەينەتچىلىكنى قولى تەگكەن ھەر نەرسىگە يۇقتۇرۇپ ئۈلگۈرىدۇ. سۆز، چۈشەنچە، تۇيغۇلارنى كىر قىلىدۇ. ناۋادا ئۇ كىرلەنگەن زېھىن بىلەن قۇرئان ئوقۇسا، زېھنىدىكى كىرنى ئۇنىڭغىمۇ يۇقتۇرۋېتىشى مۇمكىن. ئىبادەت قىلسا، تەمىنى تېتىيالمايدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تاماقنى ئەڭ پاسكىنا قاچىغا سالغاندىن پەرقسىز.

ئىدراك ۋە ئەقىل، قەلىپ ۋە تۇيغۇنىڭ بۇلغۇنىشى، كىرلەنگەن بىرەر ئورگانىمىزدەك ئوڭاي پاكلانمايدۇ. بۇنىڭغا « سۇدا ھەممە نەرسە پاكلنىدۇ » دەپ ئېيتالمايسىز. بۇ جىسمانىي كىرلىنىشكە قارىغاندا مىڭ ھەسسە ئېغىر بۇلغىنىشتۇر. بۇلغىنىش مەنىۋىي بولغاندا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ۋە ئەپچىل چارىسىمۇ مەنىۋىي بولشى كېرەك.

شۇڭا، بۇ ئىبادەتلەر ئىنساننى پاكلاش ئۈچۈن، ئۇنى ياراتقان ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. چۈنكى، ئۇ ئىنساننى ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ، ئىنساننى ئىنساننىڭ ئۆزىدىنمۇ ئوبدان بىلىدۇ. قۇرئان ئېيتقاندەك: ئۇ ياراتقانلىرىنى بىلمەي قالارمۇ؟

ئۇ ئىنساننى ئوبدان بىلگەچكە، ئۇنى مەنىۋىي كىر ۋە داتلىشىشتىن پاكلايدىغان رېتسىپنىمۇ، ئىنساننى ياراتقۇچى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يازىدۇ. ۋەھىي، بۇ رېتىسپلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئىلاھىي شىپاخانىدۇر.

ئىبادەتلەرنىڭ ئۆزى مەقسەت ئەمەس. ئۇلار ياراتقۇچى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئۇلۇغۋار مەقسەت – غايىلەر ئۈچۈن بىر ۋاستە. ھەر ئىبادەتنىڭ سەۋەبى، غايىسى ۋە ھېكمىتى بار. پەقەت بۇ سەۋەپ، غايە ۋە ھېكمەت بەزىدە ئۇ ئىبادەتكە بۇيرىغان ئايەتلەردە ناھايىتى روشەن قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولسا؛ يەنە بەزىدە چوڭقۇر تەپەككۇر ۋە بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈنۈش ئۇسلۇبى بىلەن يەكۈن چىقارغان ۋاقىتتىلا ئاندىن ئايان بولىدۇ.

روزا ئىبادىتىنىڭ مەقسىدى بىرىنچى تۈرگە تەۋە. روزا تۇتۇشنى بۇيرىغان ئايەتنىڭ ئۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: « ئەي ئىمان ئېيتقۇچىلار! روزا سىزدىن بۇرۇنقىلارغا پەرىز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى! ». بۇ ئىلاھىي تەلىماتنىڭ ئارقىسىدىن، روزا ئىبادىتىنىڭ ئىنساندا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان مەقسىدى روشەن ھالدا مۇنداق بايان قىلىنغان:

« لەئەللەكۇم تەتتەقۇن – ئۈمىت قىلىمىزكى! تەقۋالىققا ئېرىشكەيسىلەر… »

شۇنداق، روزىنىڭ مەقسىدى ئىنساندا « مەسئۇلىيەت ئېڭى » دېيىلگەن تەقۋالىقنى شەكىللەندۈرۈشتۇر.

كىمگە قارىتا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش؟

ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىغا قارىتىلغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى بەرپا قىلىش. چۈنكى ئىنسان، مەخلۇقاتنىڭ تاجى، ئاللاھ نىڭ شاھ ئەسىرى سۈپىتىدە مەلۇم بىر غايە – مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغان. ئاللاھ سىزدىن سورايدۇ: « بىز سىلەرنى مەقسەت – غايىسىز ياراتتى دەپ ئويلامسىلەر؟ ».

بۇ سەۋەپتىن، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ غايىسىنى سورىشى، ئىزدىشى ۋە تېپىۋېلىش مەجبۇرىيىتى بار. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مەسئۇلىيىتى.

ئىنسان ئۆزىگە بولغان مەسئۇلىيتىنى ئاڭقىرغاندىن كېيىن، ئاللاھ قا بولغان مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئاڭقىرالايدۇ. مانا بۇنى بىز « تەقۋا » دەپ ئاتايمىز.

بۇ چۈشەنچە ( ئاڭ ) مېڭىگە يەرلەشكەندىن كېيىن، ئىنسان باشقا ئىنسانلارغا، تەبىئەتكە ۋە شەيئىلەرگە بولغان مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئىدراك قىلالايدۇ.

بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، روزا تۇتۇش، ئىنساننىڭ ئۆز ئىچكى دۇنياسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئورۇقلاپ كەتكەن روھنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن روھنى تويغۇزۇش كېرەك. چۈنكى 11 ئاي بويىنچە بەدەنگە سېلىنغان مەبلەغ، روھ، ئەقىل ۋە ئاڭنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ئىدى. ئەمىلىيەتتە ئىنساننى ئىنسان قىلغان ئۇنىڭ گۆشى ۋە سۆڭىكى ئەمەس. ئىنساننى ئىنسان قىلغان قىممەتلەرنىڭ كۈچلەندۈرۈلىشى، ئوزۇقلىنىشى ۋە يۈكسىلىشىگە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم نوقتا.

ئىنسان، ئۆزىگە ئىنسانلىق سۈپەت بەخش ئەتكەن تەرەپلىرىنى ئوزۇقلاندۇرغان ۋاقىتتا، زۇلمەتتە قالغان كۆڭلى ئالىمىدە قوياش چىقىدۇ، ئەقلى يورۇيدۇ، ئىدراك ئالىمى يورۇشقا، كۆرمىگەن كۆڭۈل كۆزى كۆرۈشكە، كۆڭۈل قۇلىغى ئىشتىشكە، كۆڭۈل بۇرنى ھىدلاشقا باشلايدۇ.

بۇ مەنىۋىي تەرەققىيات، ئىنسان ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە ئىنسان ئىبادىتى ئارقىلىق رەببى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئىنسانغا خاس تەرىپىگە ئۇبۇدىيەت ( بەندە بولۇش ) جايلاشقان بولىدۇ. ئاللاھ قا خاس بولغان تەرىپى رۇبۇبىييەت (رەبلىك) بولىدۇ.
ئىنساندىن يۈكسەلگىنى دۇئا بولسا،
ئاللاھ تىن چۈشكىنى ئىجابەت بولىدۇ.
ئىنساندىن ئۆرلىگىنى سوئال بولسا،
ئاللاھ تىن چۈشكىنى جاۋاب بولىدۇ.

دەل جايىنى تاپالىغان ھەر بىر يۈكسىلىش « مىراج » بولىدۇ. تەبىئىيكى، بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتى « نۇزۇل ( چۈشۈش، نازىل بولۇش ) » دا يەر ئالىدۇ. مانا بۇ ۋەھىي، ئادەم باللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى سوئاللىرىغا ئاللاھ نىڭ بەرگەن جاۋابى ۋە ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا ھىدايىتىنى چۈشۈرگەنلىكىنىڭ بىر نەتىجىسى.

ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىي، مەككىدە ھىرا غارىدا بىر رامىزان كېچىسى نازىل بولۇشقا باشلىغان ئىدى. بىز مۇئمىنلەر ۋەھىينىڭ توغۇلغان ئېيى بولغان شۇ رامىزاننى « ئايلار سۇلتانى » دەپ بىلدۇق. چۈنكى ئۇ، « سۆزلەر سۇلتانى » بولغان ۋەھىينىڭ ئادەم باللىرىنىڭ زۇلمەت باسقان قاراڭغۇ ئۇپۇقىنى يورۇتقان مۇبارەك ئاي.

رامىزان ئەسلىدە قۇرئان ئېيى ۋە بۇ ئاي پۈتۈن شانۇ – شەۋكىتىنى ۋەھىيدىن ئالغان ئىدى.

رامىزان، قۇرئان بىلەن گىرەلىشىپ، پۈتۈنلىشىپ ئىچقۇيۇن – تاشقۇيۇن بولىدىغان ئاي بولىشى كېرەك. قۇرئان پەقەت قولىمىزدا ۋە تىلىمىزدىلا ئەمەس، يۈرىكىمىزدە، ئەقلىمىزدە، ھەممىدىن بەكرەك ھاياتىمىزدا ئورۇن ئېلىشى كېرەك.

قۇرئاننىڭ ھاياتىمىزدا ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن، تەسەۋۋۇرىمىز، ئەقلىمىز ۋە كىشىلىكىمىزنى قۇرئان بىلەن يېڭىدىن بەرپا قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەسلىدىلا ئۇلۇغ بولغان قۇرئانى كەرىمنى، يەنىمۇ ئۇلۇغۋار قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ساددىلىقنى تاشلاپ، قۇرئاننىڭ بىزنى ئۇلۇغۋار قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان ئىشنى قىلىشىمىز، ھېچ بولمىسا، بۇ رامىزاندا بولسىمۇ « ئەي رەببىم! مەن، ماڭا ئەۋەتكەن خوش بىشارىتىڭنى ھازىرغىچە ئېچىپ ئوقۇپ بىر نەرسە چۈشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭنى تىلەيمەن! » دەپ دۇئا قىلىشىمىز ۋە ۋەيران بولغان ئىچ دۇنيارمىزنى قۇرئان ۋەھىيسى ئارقىلىق يېڭىدىن بىنا قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ۋەھىينىڭ نۇرىغا مۇھتاج بولغان باشقا ئىنسانلار ۋە تۇپراقلاردا، پەرىشان ۋە سولغان ئىماننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسىمۇ قىلىشىمىز كېرەك.