قەدر سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « قەدەر، قىممەت، ئۆلچەم » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان  « قەدر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنى ( قۇرئاننى )  قەدر – قىممەت كېچىسىدە نازىل قىلىشقا باشلىدۇق » ( 1 ).

قەدر –  بىر نەرسىنىڭ مىقدارىنى، قىممىتىنى ۋە نەتىجىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان قەدر، قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان مەزكۇر كېچىگە قوشقان قەدىر – قىممەتنى ئىما قىلماقتا. بۇ مەنا مەزكۇر سۈرىدە ناھايىتى روشەن ھالدا ئىپادىلەنگەن: « مىڭ ئايدىن ئارتۇق كېچە ». يەنى، « بىر ئۆمۈرگە تەڭ كېلىدىغان كېچە ».

بارلىق مۇسھاب، تەپسىر ۋە ھەدىسلەردە سۈرە، بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

سۈرە نۇبۇۋۋەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەككىدە نازىل بولغان.

سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە « ئەبەسە » سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. بۇ، سۈرىنىڭ ئەڭ بالدۇر دېگەندە رىسالەتنىڭ 4 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە سۈرە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بۇرۇن نازىل بولغان. خەتتابى، ساھابىلەرنىڭ سۈرىلەرنى تىزغاندا، قەدر سۈرىسىنى « ئالاق » سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزغانلىقىنى ئېيتقان ( سۇيۇتى، « ئىتكان »، III، 334 ). قولىمىزدىكى مۇسھابلاردىمۇ مۇشۇنداق تىزىلغان. خەتتابى، « ساھابە » كەلىمىسى بىلەن، مۇسھاب تەرتىپ ھەيئىتىنى تەشكىل قىلغان شەخسلەرنى ئىما قىلغان. بۇ، « ئۇنى بىز نازىل قىلدۇق » دىكى ئالماش بىلەن، « ئوقۇ! » ئەمرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكىتلىگەن قاراشتۇر. بىزنىڭچە مەزكۇر سۈرە لەيل ۋە فەجر سۈرىسى ئارىسىغا، يەنى 12 – ئورۇنغا تىزىلىشى كېرەك. چۈنكى لەيل ۋە فەجر سۈرىلىرى بىلەن قەدر سۈرىسى ئارىسىدا مەزمۇن پۈتۈنلىكى ۋە ئوچۇق – يېپىق ئىمالار مەۋجۇت.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، قۇرئان ۋەھىينىڭ قەدر – قىممىتى ھەققىدە بولۇپ، سۈرە بارلىق مۇھاتابىغا: « ئەي ئىنسان! قۇرئان / ۋەھىي نازىل بولۇشقا باشلىغان بىر كېچىنى بىر ئۆمۈرگە ( مىڭ ئاي تەخمىنەن 83 يىل تۆت ئايغا توغرا كەلمەكتە ) تەڭ ھۆرمەتكە ئىگە قىلدى. مانا بۇ ۋەھىي سېنىڭ ھاياتىغا نازىل بولۇپ، ئۆزىنى سەندە نامايەن قىلىشقا باشلىسا، سېنىڭ ئۆمرۈڭ قانچە ئۆمۈرگە تەڭ بولار؟ » دېمەكتە.

مەزكۇر سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان « كېچە » خاس ھالدا ۋەھىي نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچىنى ئىشارەت قىلماقتا.

إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ (1) وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ (2) لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ (3)

« شۈبھىسىز، بىز ئۇنى ( قۇرئاننى )  قەدر – قىممەت كېچىسىدە نازىل قىلىشقا باشلىدۇق. ئۇ قەدر – قىممەت كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ قەدر – قىممەت كېچىسى ( شەرەپ ۋە پەزىلەتتە ) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر » ( 1 – 3 ).

بۇ كېچە ئىما قىلغان يەنە بىر ھەقىقەت جاھالەتنىڭ زۇلمەتلىك كېچىسى بولۇپ، نۇرىنى ئاللاھ تىن ئالغان « قۇرئان تولۇن ئېيى » بۇ كېچىنى يورۇتقانىدى.

مەزكۇر سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى نەزەردە تۇتۇلغاندا، دۇنيا ھاياتىنىڭ بىر « كېچىگە » ئوخشىتىلغان بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. دۇنيا ھاياتىنى بىر كېچە دېسەك، ئاخىرەت بۇ كېچىنىڭ تاڭ سەھىرى. ئىنسان ئىلاھىي يېتەكچىلىك بولماي تۇرۇپ، بۇ ھايات سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ۋەھىي، ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن يول خەرىتىسى بولۇپ، ئىنسانغا توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. « ياقىن » دەپ تىلغا ئېلىنغان ئاخىرەت سۈبھىسى يېتىپ كەلگەندە، ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. لېكىن، دۇنيا ھاياتىدا ھەقىقەتكە كۆزىنى ئېتىۋالغانلار ئۈچۈن ھەقىقەتنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.

مانا بۇ ۋەھىي، دۇنيا كېچىسى ئاخىرلىشىپ تاڭ ئاتقىچە ئەبەدىي ھوزۇر، خاتىرجەملىك ۋە شادلىقنىڭ يېتەكچىسىدۇر، رېتسىپىدۇر.

تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ (4) سَلَامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِ (5)

« پەرىشتىلەر ۋەھىي بىلەن بىرگە ئۇ كېچىدە چۈشىدۇ، رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەرىپسىز بىر شادلىقنىڭ ( رېتسىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ ). بۇ ھالەت تاڭ ئاتقىچە داۋاملىشىدۇ » ( 4 – 5 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشىنىش ۋە ياشاش پەسلى ئاخىرلىشىپ، كۆرۈش ۋە ھوسۇلنى يىغىش پەسلى باشلىنىدۇ.

ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنيادا ھايات ئېكىنزارلىقىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەجىر قىلغان ۋە ھوسۇل زامانىدا ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بىلەن مول ھوسۇل ئالغۇچىلار قاتارىدىن قىلغاي! ( ئامىن!!! ).