ئىمان ئەڭ بۈيۈك ئىمكاندۇر

مۇمكىن ئەمەس دەمسەن؟

بۇنداق دېسەڭ قانداق بولىدۇ دوستۇم؟ بۇنداق دېيىش ساڭا ياراشمايدۇ.

نېمىشقا خۇددى اللە يوقتەك گەپ قىلىسەن؟ بىلەمسەن، اللە يوقتەك گەپ قىلىش گۇناھتۇر.

اللە بار، اللەقا ئىمان بار. ئىمان بولسا ئىمكان بار. ( ھەر نەرسىگە قادىر ) اللە بار تۇرۇپ، مۇمكىن ئەمەس دېيىشكە قانداقمۇ تىلىڭ بارىدۇ؟! ياكى بولمىسا سەن قىلغان ئىشلىرىڭغا اللە نىڭ ياردەمىسىز كىرىشىۋاتامسەن؟!

بىسمىللاھ دېيىش – مەن بۇ ئىشنى ( اللە نىڭ نامى بىلەن )، اللە نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قىلىمەن دېگەنلىكتۇر.

بىسمىللاھ دېيىش – مەن بۇ ئىشقا ( اللە نىڭ نامى بىلەن كىرىشىمەن ) دېگەنلىكتۇر.

بىسمىللاھ دېيىش – مەن بۇ ئىشتا اللەتىن ياردەم سورايمەن دېگەنلىكتۇر.

بىسمىللاھ دېيىش – مەن بۇ ئىشنى ( اللە نىڭ نامى بىلەن ) اللەغا تاپشۇرىمەن دېگەنلىكتۇر.

مۇمكىن دېگىنىڭ نېمىكىن دوستۇم؟

ئەگەر ئىمكانى بولغانلار ( مال – دۇنياسىدىن ) تېخىمۇ كۆپ سەرىپ قىلسا ئىدى، اللە يولىدا ئەڭ كۆپ بەرگەنلەر ئەڭ بايلار بولاتتى. ئەتىراپىڭغا قاراپ باقساڭ ئەھۋالنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن… قالغىنى شۇكى، ئىنسان بولۇش، بىر ئىمكانى بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئەقىل باھاسىز ئىمكانىيەتتۇر، سالامەتلىك بىر ئىمكاندۇر، ئىمان بولسا مىڭ ئىمكاندۇر…

يەنە، اللە چەكسىز ئىمكان ( ساھىبى )دۇر، قۇرئان ئىمكاندۇر، پەيغەمبىرىمىز ( سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) ئىمكاندۇر، ناماز ئىمكاندۇر، روزا تۇتۇش ئىمكانىيەتتۇر… پۈتۈن بۇ ئىمكانىيەتلەردىن قانچىلىك پايدىلاندىڭ؟ مەسىلەن، اللە نى بارلىق ئىمكانىيەتنىڭ ساھىبى دەپ چۈشىنىپ باقتىڭمۇ؟

باللىرىڭ، ئائىلەڭ، ياشاۋاتقان زېمىنىڭ، تەۋە بولغان مەدەنىيەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشقان ۋاقتىڭدا، بوپتۇ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاشقان ۋاقىتتا اللە نىڭ ( رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى ) نىمۇ ئويلاپ باقتىڭمۇ؟

ھىجىرەت نىيەت قىلىنغان بولسا، سەۋرىنىڭ[1] ئېتەكلىرىدە يۈرمە، چوقىسىغا چىق. چوقىسىغا، يەنى كۈچۈم تۈگدى، « سەن ماڭا ياردەم قىل يا رەب! » نىدالىرى كۆتۈرۈلگەن پەللىگە چىق.

ئەگەر مەككىنىڭ ھەققىنى بەرگەن ۋە پۈتۈن ئىمكانلارنى تۈگەتكەن بولساڭ، يېڭى ئىمكانلارنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ يوللىرىغا قاراپ قەدەم باس. دۈشمەنلىرىڭ كۆپ بولىشى مۇمكىن، لېكىن قورقما، رەببىڭ (اللە) بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. ئەڭ بۈيۈك بولغان رەببىنىڭ ياردىمى پەقەت بەندىسىنىڭ كۈچى تۈگىگەن يەردە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ يەر دەل سەۋرنىڭ چوقىسىدۇر.

قېنى تىرىش ۋە ياماش، يۇقىرىغا، تېخىمۇ يۇقىرىغا، ئەڭ يۈكسەك نوقتىغا.

سەۋر چوققىسىدا نېمە بار؟

اللە ۋەدە قىلغان ياردەم بار.

نېمىشقا اللە ۋەدە قىلغان ياردىم ئۇ يەردە؟

چۈنكى ئۇ يەر بەندىنىڭ تاقىتى تۈگىگەن جاي، شۇنىڭ ئۈچۈن. ئىلاھى ياردەم، بەندىنىڭ « بەرداشلىق بېرەلمىدىم يا رەب! » دېگەن ۋاقتىدا بولىدۇ. بۇ سۈننەتۇللاھدۇر، بۇ اللە نىڭ ئۆزگەرمەس ئادىتى. پاراسەتلىك، سۈننەتۇللاھ ئالدىمغا كەلسۇن دەپ ساقلاش ئەمەس، ئۇنىڭغا ماسلىشىشتۇر. اللە نىڭ بىرلىك ھەرىكىتىنىڭ سىرىنى يېشىشتۇر، ئىلاھى ھەرىكەتنىڭ سىرىغا چۈكۈپ، نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىشتۇر…

ئەمسە، قانداق بولىدۇ بۇ ئىش؟

بۇ ئاسان دوستۇم، بەك ئاسان. بۇ فورمۇلانى ئۇنۇتما:

بۇرۇنقىلار نېمە بىلەن نىجاتلىققا ئېرىشكەن بولسا، كېيىنكىلەرمۇ ئوخشاش نەرسە بىلەن نىجات تاپىدۇ. دەۋر ئۆزگۈرىدۇ، زامان ئۆزگۈرىدۇ، ماكان ئۆزگۈرىدۇ، ئىمكان ئۆزگۈرىدۇ، ئورگان ئۆزگۈرىدۇ. پەقەت ئادەت ئۆزگەرمەيدۇ، ئەڭ ئەقەللىي ئاجىزلىقلىرى ۋە ياكى پەزىلەتلىرى بىلەن ئىنسان ئۆزگەرمەيدۇ.
دوستۇم، ئىنسان ( ئىنساننىڭ قىممىتىنى ) يادىدا ( چىڭ ) تۇتۇشى كېرەك، ھېچ بولمىسا كۇلۇب تۇتقانلاردەك ھاياجان ۋە سۆيگۈ بىلەن؛ ھېچ بولمىسا، شىشقال ئاتقانلاردەك ئۈمىد ۋە ئارزۇ بىلەن؛ ھېچ بولمىسا گېلىگىچە گۇناھلارغا پاتقانلاردەك جاسارە ۋە جۈرەت بىلەن چىڭ تۇتىشى كېرەك.

ئىنساننى ئەتىۋارلاش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش، تۈگەشكەن ئىنساننى قايتا يۆلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قەلبىگە ئېچىلغان ئىشىكنى تېپىپ قېقىپ بېقىش، ئېچىلمايدۇ دەپ ( ئۈمىد ئۈزۈپ ) ۋاز كەچمەسلىك؛ كۈنلەپ، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ ساقلاش كېرەك. ئىشىك ئېچىلسا ئەگەر، كەبىگە كىرگەندەك تولۇپ تاشقان ھاياجان بىلەن، سۆيگۈنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە كىرىش كېرەك!

قەلبكە، قەلبلەرگە تۇتاشقان يوللارنىڭ خەرىتە، كومپاسلىرىنىڭ ئورۇنىنى ۋەھيى، قۇرئان ئېلىشى لازىم. قۇرلاردىكى ئايەتلەرگە قۇرلاردىكىنى، ئۇرۇق بىلەن تۇپراقنى، گۆش بىلەن تىرناقنى، ئانا بىلەن ئەۋلاتنى، بۇلبۇل بىلەن ئەتىرگۈلنى ئۇچراشتۇرغاندەك ئۇچىراشتۇرۇش زۆرۈر. مانا بۇ، ئەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، ھەرىكەت، مېڭىشقا تېگىشلىك يولدۇر. خۇددى قۇرئان شائىرى ئاكىفنىڭ ئېيتقىنىدەك:

اللە غا يۆلەن، ئۇنىڭغا سېغىن ھېكمەتكە رام بول،
يول بولسا مۇشۇ يول، بىلمىدىم باشقا چىقار يول.
اللە غا يۆلەن، غايەڭگە، تەۋپىقىڭگە ئۇلىشارسەن،
گەر ئېسىلمىساڭ قۇرئانغا بەخىتسز بولارسەن.

روزا تۇتقىن دوستۇم، ( روزا تۇتساق ) ئۆزۈڭنى تۇتقان بولىسەن، چۈنكى روزا تۇتۇش ئۆزىنى تۇتۇشتۇر ( ئۆزىنى قىممەتكە ئىگە قىلغانلىقتۇر ). ئۆمرۈڭنى( ھاياتىڭنى ) رامىزان قىل دوستۇم، ھاياتى رامىزان بولغاننىڭ ئاخىرەتلىكى بايرام بولىدۇ.

‏*********************

  1. مەككىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى، رەسۇلۇللاھ ھىجرەتكە ئاتلانغاندا، ھەزرىتى ئەبۇ بەكر بىلەن بۇ تاغدىكى غاردا ئۈچ كۈن يوشۇرنۇپ تۇرغان.