يامانلىقنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلغان رىۋايەتلەرنىڭ ئارقا كۆرنىشى

 

يامانلىقنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنىشى قۇرئانغا ئەمەس، رىۋايەت ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغان. بۇ خىلدىكى قۇرئان تەستىقلىمايدىغان رىۋايەتلەرنىڭ مەنبەسى، ئىسرائىليات ۋە مەسىھىيات دەپ ئاتالغان ئەھلى كىتاپ ئەنئەنىلىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ خۇددى رەسۇلۇللاھ دېگەندەك قىلىپ، ئۇنىڭ ئېغىزى بىلەن نەقىل قىلىنىشى ئۇلارغا قارىتا تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

سۈيۈملۈك رەسۇلۇللاھنىڭ ئەقىدىسىنى بەرپا قىلغۇچى دەل قۇرئان ئىدى، ئۇنىڭ قۇرئان بايانلىرىغا زىت گەپ قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. قۇرئاننىڭ بۇ ھەقتىكى سەزگۈرلىكىگە زىت كېلىدىغان رىۋايەتلەرنى، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئاغزىغا كىم قويغان بولىشىدىن قەتئىنەزەر، چوقۇم رەت قىلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاننىڭ بۇ خىل سەزگۈرلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىمۇ بىر رىئاللىق. خۇددى تۆۋەندىكى ھەدىسكە ئوخشاش:

ئەلى بىن ئەبى تالىپتىن نەقىل قىلىنىشچە، رەسۇلۇللاھ نامازغا تۇرىدىغان ۋاقىتتا مۇنداق دەيتتى:

ھەر تۈرلۈك باتىلدىن يۈز ئۆرۈپ، بارلىقىم بىلەن ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلەندىم، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا ئىلاھلىقنى مۇناسىپ كۆرگەنلەردىن ئەمەسمەن. مېنىڭ سالاتىم( دۇئالىرىم )، ئىبادەتلىرىم، ھاياتىم ۋە ئۆلۈمىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر، ئۇنىڭ شىرىكى يوقتۇر. مەن مۇسۇلمان بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھىم ھۆكۈمران سەندۇرسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن رەببىمسەن، مەن بولسام سېنىڭ بەندەڭ، ئۆز ئۆزەمگە زۇلىم قىلدىم ۋە كەمچىلىكىم بولغان بىر بەندە ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلدىم، مېنى كەچۈرگىن. بۇيرۇقلىرىڭغا مەن تەييار، ياخشىلىق مۇتلەق سېنىڭ ئېلىكىڭدە، يامانلىق بولسا ساڭا نىسبەت قىلىنمايدۇ ( ۋەششەررۇ لەيسە ئىلەيك ) ( مۇسلىم، 771؛ ئەبۇ داۋۇد، 760؛ تىرمىزى، 3420؛ نەسائى، II، 130 ).

قوشۇمچە: مۇسلىمنىڭ شەرھىشۇناسى نەۋەۋى ھەدىسنىڭ مەنىسىگە رازى بولماي، ئۇنى شەرھىلەش كېرەك دەپ قارىغان. ئۇ، ھەدىسنى قۇرئانغا سالسا ئېتىراز قىلغۇدەك ئاساس يوقلىقىنى بىلىپلا قالماستىن، يەنە قۇرئان بىلەن بىرمۇ – بىر ماس كېلىدىغانلىقىنىمۇ بايقايتتى. بىراق ئۇ ھەدىسنى قۇرئانغا ئەمەس كالامغا سالغان. ئۆزىگە « ئەھلى ھەق مەزھىبى » دەپ نام بەرگەن كالامى ئېقىمنىڭ، يامانلىقنىڭمۇ خۇددى ياخشىلىققا ئوخشاش ئاللاھ تىن كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ، ھەدىسنىڭ مۇتلەق ھالدا شەرھىيلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇنىغۇ قىلارمىز، ئەمما قۇرئاننى قانداق تەۋئىل قىلىمىز؟

ئىبنى مەسئۇد ئۆز ئىجتىھادى بىلەن پەتىۋا بېرىشكە توغرا كەلگەندە مۇنداق دەيتتى: بۇنى ئۆزەمنىڭ چۈشەنچەمگە ئاساسەن دەۋاتىمەن، ئەگەر توغرا بولسا بۇ ئاللاھ تىندۇر، خاتا بولۇپ قالسا بۇ مەندىن ۋە شەيتاندىندۇر.

بۇنىڭغا ئوخشاش، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھوزۇرىدىكى كاتىپ، ئۆمەرنىڭ بىر كۆز قارشىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىغا ئىلاۋە قىلىپ « بۇ ئاللاھ نىڭ ئۆمەرگە كۆرسەتكەن يوليورۇقىدۇر » دەپ قوشۇپ قويىدۇ. بۇنىڭغا شاھىت بولغان ھەزرىتى ئۆمەر دەرھال ئېتىراز قىلىپ، مەزكۇر جۈملىنى « بۇ ئۆمەرنىڭ كۆز قارشىدۇر » دەپ ئۆزگەرتكەن. ئۇ كۆز قارشى خاتا بولۇپ قالسا، خاتالىقنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت قىلنىش خەتىرىگە دىققەت قىلغان. مانا بۇ، قۇرئان تەربىيلىگەن ساھابىنىڭ بۇ ھەقتىكى سەزگۈرلىگىنىڭ يەنە بىر مىسالىدۇر.
گەپنىڭ قىسقىسى:

  1. خەير، ئاللاھ نىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئەسمائى ھۇسناسىدۇر ( گۈزەل ئىسىملىرىدىندۇر ). شەر ئاللاھ نىڭ ئىسمىمۇ ئەمەس، سۈپىتىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا يارىتىشىنىڭ ئىسمىمۇ ئەمەس، ھەم ئىسمى بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. يامانلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئۇ شەيئىلەرنى يارىتىلىش مەقسىتىگە زىت رەۋىشتە ئىشلىتىلگەنلىكىدىن بارلىققا كېلىدۇ. يارىتىلىش مەقسىتى بۇيىچە ئىشلىتىلگەن ھەر قانداق شەيئىنىڭ مەۋجۇتلىقى خەيىردۇر.
  2. خەيىرنى زاتىغا ئىسىم قىلىپ تاللىغان ئاللاھ قا، شەرنى ھەرگىزمۇ سۈپەت، نىسبەت قىلغىلى ۋە قاراتقىلى بولمايدۇ.
  3. ئاللاھ ئونلارچە ئايەتتە خەيىرنى ئەمىر قىلىدۇ، ئەمما ھېچبىر يەردە شەرنى ئەمىر قىلمايدۇ. ئاللاھ كىتاۋىدا خەيىرگە چاقىرىدۇ ( ئالىئىمران، 104 )، بىراق شەرگە چاقىرمايدۇ.
  4. قۇرئاندا « بِيَدِكَ الْخَيْر – بىيەدىكەلخەير ( ياخشىلىق سەندىندۇر ) » دەپ ئايەت بار (ئالىئىمران، 26 )، لېكىن « بىيەدىكەششەرر ( يامانلىق سەندىن ) » دەپ بىرمۇ ئايەت يوق. ھالبۇكى « ياخشىلىق سەندىندۇر » دېگەن ئايەتتە ئاللاھ نىڭ خالىغىننى پەقەتلا « ئەزىز قىلىدىغانلىقى »لا ئەمەس، « خار قىلىدىغانلىقى »مۇ ئىپادىلەنگەن.

ۋەلھاسىلى كالام، كىشى ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ئىمانغا ئېرىشمەكچى بولسا، ئىماننى قۇرئانغا سېلىپ كۆرىشى لازىم. ئىمان مەسىلىسىدە، ئەلۋەتتە ئاللاھ نىڭ كىتابىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.