image

رامىزان مەشرەپ ئەمەس

دىن ئىنسان ئۈچۈندۇر. ئىبادەتلەردىكى پايدا ئاللاھقا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن. چۈنكى ئىنساننىڭ دىنغا ئېھتىياجى بار بولۇپ، بۇ ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرغان ئاللاھتۇر.
ئاللاھ – ئىنسان مۇناسىۋىتىدە، ئىبادەت ئىنساندىن ئاللاھقا يېتىپ بارىدىغان بىر تۈر ئىدراكتۇر. مانا بۇ « تەقۋا » نىڭ دەل ئۆزى. ئىزۇتسۇ نىڭ دەل ئېنىقلىمىسى ۋە مۇھەممەد ئەسەد ھەم فەزلۇررەھمانغا ئوخشاش ئەسرىمىزدىكى مەشھۇر ئالىملارمۇ توغرا دەپ قارىغان «  تەقۋا – مەسئۇلىيەت ئېڭى » دېگەن سۆزى ناھايىتى ئورۇنلۇق.
بۇ بىر مىراج. ھەر مىراج بىر « روزا »نىڭ، يەنى « ئۇلۇغۋار بولۇش ۋە يۈكسىلىش »نىڭ ئەسىرىدۇر. ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئىنساننىڭ چۈشەنچىسى، ئىنسانلىق دۇنياسىنىڭ ئۇپۇقىغا يۈكسىلىدۇ. بۇ يۈكسىلىشنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ مۇكاپاتسىز قويمايدۇ. ئۇبۇدىييەت  بىلەن ئاللاھ قا يۈزلەنگەن بەندىگە، ئاللاھ مۇ رۇبۇبىييتى ۋە رەھمىتى بىلەن يۈزلىنىپ «نۇزۇل ( چۈشۈش ) » ( رەھمىتىنى چۈشۈرىدۇ ) بولىدۇ.
ئاللاھ تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھەر نۇزۇل، ئاللاھ نىڭ قوبۇل قىلىشىدۇر. ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە چۈشۈشى، نەبىلەردە ۋەھىي شەكلىدە نامايەن بولماقتا.
بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان قۇرئان ۋەھىي، دەل مۇشۇنداق بىر ئىلاھى رەھمەتنىڭ سەمەرىسىدۇر. « نۇزۇل » كەلىمىسى ئەرەپچىدە، « مېھمان شەرىپىگە سېلىنغان تۈرلىرى مول بولغان داستىخان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنانى ئىسىمىزدە ئوبدان تۇتىۋالساق، ۋەھىينىڭ نازىل بولىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.
شۇنداق، ۋەھىي ئاللاھتىن ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن بىر «مائىدە» (ئۈستىدە ئەڭ مول غىزا بولغان داستىخان)، يەنى ساماۋى داستخاندۇر. بۇ داستىخان ئىنسانغا ئىنسانىي تەرىپىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان غىزالار سۇنىدۇ. ئىنساننىڭ باشقا جانلىقلار بىلەن ئورتاق بولغان ھايۋانى تەرىپىنى ئەمەس، ئىنسانى تەرىپىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
ۋەھىي، ھايات بەخش ئەتكۈچى بىر ئىلاھىي تەربىيە لاھىيەسىدۇر. قۇرئان ۋەھىي خۇددى تۇنجى مۇھاتابى بولغان سۆيۈملۈك پرەسۇلۇللاھنىڭ تەسەۋۋۇرىنى، ئەقلىنى ۋە كىشىلىكىنى بەرپا قىلغانغا ئوخشاش، ئىنسان بولۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىپ، چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن كىشىدە، مىسلىسىز بىر ئەقىل ۋە كىشىلىك بەرپا قىلىدۇ. ئىنسان يەريۈزىدىكى مەۋجۇت بولۇش غايىسىنى، پەقەت ۋە پەقەت ۋەھىي بەرپا قىلغان ئاڭ – چۈشەنچە بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بۇ ئاڭغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇش مەنىسى ۋە مەقسىدى توغرۇلۇق سەمىمى بىر شەكىلدە ئويلىنىشى كېرەك.
ئىنساننىڭ مەقسەت – غايىسى بولىشى مۇمكىنمۇ؟ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئىنسان ئۆمرىنىڭ بىر پىرسەنتىگە توغرا كەلمەيدىغان ھەسەل ھەرىسىنىڭمۇ، ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىشتىن ئىبارەت بىر غايىسى بولىدۇ – يۇ، پۈتكۈل كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە شاھ ئەسىرى بولغان ئىنساننىڭ ھېچقانداق غايىسى بولماسمۇ؟
ئۆزىنى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرغان فىترەت، ئەقىل، ئىرادە ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى بىلەن ئىنسان ئەۋلادى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىلىدىغانلىقىنى، دۇنيا باغچىسىدا خالىغانچە ئوينايدىغانلىقىنى، بېرىلگەن بۇنچە ئىچكى ۋە تاشقى ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆز نەفسى – خاھىشى بويىنچە بۇزۇپ – چېچىپ، ۋەيران قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتامدۇ؟
ئىنساننىڭ يارىتلىش غايىسى، « يەر يۈزىدە بار بولۇش مەقسىدىگە لايىق بىر ھايات » بەرپا قىلىشتۇر. ۋەھىي بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇستىسى بولغان ئىنساننىڭ قوللانمىسى (ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى )، چىرتىيوژى. ئىنسان ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇق غايىسىنى توغرا ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋەھىينىڭ بەرپا قىلىشى ئۈچۈن ۋەھىيگە تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئۇنداق بولمىسىچۇ؟
ئۇنداق بولمىغاندا، دەل بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكىدەك ئىنسان يوق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى ئىنسان قىياپىتىگە كىرىۋالغان پەدازلىق ۋە نىقاپلىق كىشىلەر ئالىدۇ. سىياسى ۋە ئىقتىسادى كىرسىزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كەلتۈرۈپ چىقارغان « ئادەم كىرزىسى » تېخىمۇ بەتتەر ئېغىرلىشىدۇ. رىئاللىقنىڭ ئورنىنى يالغان، ھەقىقەتنىڭ يېرىنى كۆلەڭگە، بىباھا قىممەت قاراشنىڭ ئورنىنى باھا، ئەمگەكنىڭ ئورنىنى سىموۋۇل، ئادالەتنىڭ ئورنىنى بىخەتەرلىك تەشۋىشى، دۆلەتنىڭ ئورنىنى دىۋە، مىللەتنىڭ ئورنىنى جانىۋارلاشقان سىياسەتپەرەسلەر ئالىدۇ.
نەبىلەرنىڭ چاقىرىقىنى تىرىلدۈرۈشتىن باشقا بىر چىقىش يولىمىز يوق. بارچە نەبىلەرنىڭ چاقىرىقى، ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چاقىرىقى ئىدى. بۇ چاقىرىقتىن يۈز ئۆرۈش، ئەسلىدە ئىنساننىڭ ئىنسانىيەتكە قىلىدىغان ئەڭ چوڭ زۇلۇمى ۋە دۇنياۋىي ئەخلاقسىزلىق ئىدى. بۇ چاقىرىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ چاقىرىغىمۇ دەل نەبىلەرنىڭ چاقىرىقى ئىدى.

رامىزان، دەل مۇشۇ چاقىرىقنىڭ ساھىپى بولغان ۋەھىي توغۇلغان ئاي. بۇ توغۇلغان مەزگىلنىڭ روزى بىلەن تەبرىكلىنىشى، ئەسلىدە ۋەھىي چاقىرىقىنڭ روھى بىلەن مۇكەممەل شەكىلدە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. چۈنكى روزا، ئىنساننىڭ ئىنسانىي تەرىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھايۋانى تەرىپىگە « توختا » دېگەنلكتۇر. ئىنساننىڭ روھىنى بېيىتىپ، ئىچكى ھىسياتلىرىنى تېزگىنلىگەنلىكتۇر.
بۇ مەقسەتنىڭ ئەمىللىشىشى، يەريۈزىدە مەۋجۇت بولۇش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بىر ھاياتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئىنساننىڭ، يەنى « ئۇستا » نىڭ تەربىيەلىنىشى دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، رامىزان ھەم روزا ئىبادىتى ئارقىلىق، نەفىس ۋە روھ تەربىيەسىگە؛ ھەم ۋەھىي ئارقىلىق بىر تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىل تەربىيەسىگە ئايلىنىشى كېرەك. مانا بۇ شەكىلدە، ئىنسان يارىتىلىش غايىسنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.
ئىبادەتلەر، ئىنسان – ئاللاھ مۇناسىۋىتىدە، ئىنساننىڭ ئاللاھ قا ئەۋەتكەن بىر مەكتۇبىغا ئوخشايدۇ. ئىچى بوش كانۋېرت ئادرىسقا يېتىپ باردى دېگەن تەقدىردىمۇ، مەكتۇبنى تاپشۇرۋالغۇچى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغۇدەك بىر مەكتۇب بولمايدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئىچى بوش ئىبادەتلەر، يۇقىرىدىكىدەك ئىچى بوش بىر كونۋېرتقا ئوخشايدۇ. بۇ، ھېچ بولمىغاندا بىر سەمىمىيەتسىزلىك دەپ قارىلىدۇ ۋە مەقسىتىنى ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. رامىزاننى، قېنىدا مىكروپلار پەيدا بولغان، زاۋالىققا يۈز تۇتقان ئوسمانلى سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە، « تېرەكلەر ئارىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش » بىلەن، ئۇنىڭ كۈنىمىزدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولغان « ناخشا كېچىلىرى » بىلەن تەبرىكلەش، رامىزانغا قىلغان بىر ياخشىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتى ئۈستىدە مەشرەپ ئۆتكۈزگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقىرىدىكى چۈشەنچە، رامىزاننى تۇلۇمدەك سېمىرىپ كەتكەن بايلارنىڭ « ئورۇقلاش ئېيى »، يوقسۇل ۋە ۋىجىكلەرنىڭ « ئۆزىنى ياخشى كۈتۈش ئېيى » دەپ چۈشىنىۋېلىشىدىنمۇ خەتەرلىك.
نېمە ئۈچۈن ھەردائىم « قۇرئاننىڭ بەرپا قىلىشى » دەپ يۈرگىنىمىز ئەمدى چۈشۈنۈشلۈك بولدىمۇ؟ چۈنكى بۇ مەسىلە، « مەن موسۇلمان » دېگەن ۋە ئىخلاسىدا زەررىچىلىق شەك بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسلامىنى، ۋەھىينىڭ بەرپا قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.
نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى پائالىيەتنى قىلسىڭىز قىلىڭ، ئالدى بىلەن تەسەۋۋۇرىڭىز، ئەقلىڭىز ۋە كىشىلىكىڭىزنى ۋەھىينىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە بىر توغرا يول خەرىتىسى سىزدۇرۇڭ. ۋەھىينىڭ قولى بىلەن ئاساس سالدۇرۇڭ. دىنغا، دۇنياغا، ئىنسانغا، نەرسىلەرگە ئاللاھ « قارا » دېگەن يەردىن قارىشىڭىز پەقەت ۋە پەقەت بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك … مۇسۇلمانلىقىڭىزنىڭمۇ ئاللاھ ھوزۇرىدا ئىتىبارغا لايىق بولىشىمۇ دەل بۇنىڭغا باغلىق…
ئونىڭدىن كېيىنمۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن خالىسىڭىز سىياسەتچى بولۇڭ، خالىسىڭىز ئىقتىسادچى… خالىسىڭىز سەنەتچى بولۇڭ، خالىسىڭىز پۇتبولچى … ۋەياكى خالىسىڭىز ھاكىم ياكى پېرىزىدېنت بولۇڭ.

رامىزان يازمىلىرى
باتۇر قاراخانلې تەھرىرى