فەجر سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايىتىگە ئاساسەن « فەجر » ئىسمى بىلەن ئاتالغان:

« فەجر – قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ چىققان سەھەر شاھىت بولسۇن! » ( 1 ).

فەجر كەلىمىسى ئەسلىدە پېئىل بولۇپ، « يېرىپ چىقىش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ياخشى بولغان « فەجر »، شەر بولغان « فۇجۇر » كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سەھەر كېچىنى؛ بۇلاق سۈيى يەرنى يېرىپ چىققانلىقى ئۈچۈن « فەجر » دەپ ئاتىلىدۇ. گۇناھ ئىنساننىڭ كىشىلىكىنى يېرىپ، ئۇنى يارا قىلغانلىقى ئۈچۈن « فۇجۇر » دەپ ئاتىلىدۇ. جاھىلىيەت ئۇرۇشلىرى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن « فىجار » دەپ ئاتالغان.

فەجرنىڭ مەنىسى ئىچىدە « بارلىق سەھەرلەر » ياكى « ئۇ مەلۇم سەھەر » ۋەياكى « مەجۇدىيەتنى تۇنجى سەھىرى » دېگەندەك مەنىلەرمۇ بار. بىرىنچى ئايەتتىكى فەجر، مەنا جەھەتتىن يوقلۇق قاراڭغۇلۇقىنى يېرىپ، مەۋجۇدلۇق تاڭ سەھىرىگە چىقىشنى بىلدۈرىدۇ. فەجر سۈرىسىمۇ ئىنفىتار ۋە فەلەق سۈرىسىگە ئوخشاش « بولۇش »نى ئىپادىلىگەن ئىسىملاردىن بىرى. سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان دەسلەپكى سۈرىلەردىن بىرى. دەسلەپكى مەزگىلگە ئائىت نۇزۇل تەرتىپلىرىدە لەيل سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. بۇنىڭغا ئېتىراز قىلغۇدەك قولىمىزدا بىر ئاساس يوق. سۈرە يۈزەكى قاراشتا بىر قېتىمدا نازىل بولمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن فاسىلا ھەرىپلىرىنىڭ كۆپلىكى ( سەككىز ھەرىپ ) ۋە مەككە – مەدىنە مەكتىۋىنىڭ 15 ۋە 16 – ئايەتلەرنى تۆت ئايەت دەپ قارىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغاندا، سۈرىنىڭ ئىككى پەرقلىق زاماندا نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراش پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. سۈرە رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نازىل بولغان بولسا كېرەك.

بۇ سۈرە ئىنساننىڭ ئىمكانلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان.

1 – 5 – ئايەتكىچە ئالاھىدە ۋاقىتلارغا قەسەم قىلىش ئارقىلىق، بۇ قەسەمنىڭ مەقسىتى تەكىتلەنگەن.

وَالْفَجْرِ (1) وَلَيَالٍ عَشْرٍ (2) وَالشَّفْعِ وَالْوَتْرِ (3) وَاللَّيْلِ إِذَا يَسْرِ (4) هَلْ فِي ذَلِكَ قَسَمٌ لِذِي حِجْرٍ (5)

« قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ چىققان سەھەر شاھىت بولسۇن! ئۇ ئون كېچە شاھىت بولسۇن! جۇپ ۋە يالغۇز شاھىت بولسۇن! سەھەرگە قاراپ ئىلگىرلىگەن كېچە شاھىت بولسۇن!

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىشەنچلىك بىر شاھىتلىق يوقمۇ؟  » ( 1 – 5 ).

 

6 – 14 – ئايەتلەردە، بارلىق مۇھاتابلىرىغا قەدىمكى دەۋردە ياشغان قەۋملەرنىڭ ئېزىپ كېتىشى مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاد، سەمۇد ۋە پىرئەۋىن قەۋملىرىنىڭ ھالاكىتى ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

ئاد ۋە سەمۇد قۇرئاندا 22 جايدا بىرلىكتە ياكى ئارقىمۇ – ئارقا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق، خاتا ۋە ئەيىپنى ئۆزىنىڭ ۋەھىيگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئىزدىمەي، مەسىلىنى ئىنشائات ماتېرىياللىرىدا دەپ قارىغان ۋە ئۇنى ئۆزگەرتكەن بىر قەۋمنى، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ ۋە ئىبرەت ئېلىنمىسا تارىخ تەكرارلىنىدۇ. قۇرئان ۋەھىينىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يەر ئالغان ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرى، بۇ سۈرىدە قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن. ئۇلارنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرسى، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ناتوغرا مال – مۈلك چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان مال – دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ۋە يىغىش ھېرسى ئىدى:

فَأَمَّا الْإِنْسَانُ إِذَا مَا ابْتَلَاهُ رَبُّهُ فَأَكْرَمَهُ وَنَعَّمَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَكْرَمَنِ (15) وَأَمَّا إِذَا مَا ابْتَلَاهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَهَانَنِ (16) كَلَّا بَل لَا تُكْرِمُونَ الْيَتِيمَ (17) وَلَا تَحَاضُّونَ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ (18) وَتَأْكُلُونَ التُّرَاثَ أَكْلًا لَمًّا (19) وَتُحِبُّونَ الْمَالَ حُبًّا جَمًّا (20)

رەببى قاچان ئىنساننى سىناپ ئۇنى ئەزىز قىلسا ۋە نېئمەتلەرگە غەرق قىلسا، ئۇ ( ئاللاھ نىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ): « رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى » دەيدۇ.

رەببى قاچان ئىنساننى ( يوقلۇق / قېيىنچىلىق ) بىلەن ئېمتىھان قىلىپ كۈنىنى ئېغىرلاشتۇرسا، ئۇ: « رەببىم مېنى خار قىلدى » دەيدۇ.

ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر. بىر – بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىپ قىلمايسىلەر. ئەجىرسىز كەلگەننى ھالال – ھارام دەپ ئايرىماستىن ئاچكۆزلۈك بىلەن يەيسىلەر. ھەتتا مال – مۈلكنى ( ھېرىسلىق بىلەن ) ناھايىتى ياخشى كۆرىسىلەر ( 15 – 20 ).

21 – 26 – ئايەتلەر، مۇشۇنداق قىلغۇچىلارغا، بۇ دۇنيادىكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئاخىرەتتە كۈتۈپ تۇرغان دەھشەتلىك ئازاپتىن خەۋەر بەرمەكتە.

27 – 30 – ئايەتلەر، دۇنيا، مال – مۈلۈككە بېرىلىپ كەتمىگەن، ئۇلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالماي، ئۇلارنى سەرپ قىلالىغان، ئاللاھ ۋەدە قىلغان جەننەت بىلەن ئۆزىنى بەختىيار قىلالىغان كامىل ۋە مۇتتەقى كىشىلەرگە خىتاپ قىلماقتا.

يَا أَيَّتُهَا النَّفْسُ الْمُطْمَئِنَّةُ (27) ارْجِعِي إِلَى رَبِّكِ رَاضِيَةً مَرْضِيَّةً (28) فَادْخُلِي فِي عِبَادِي (29) وَادْخُلِي جَنَّتِي (30)

« ئى ( ئاللاھ بىلەن ) قانائەت ھاسىل قىلغان ئىنسان! سەن رەببىڭدىن مەمنۇن، رەببىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن » ( 27 – 30 ).

رەببىمىز بىزنى چەكسىز سائادەتكە نائىل بولغانلار قاتارىدىن ئەيلىگەي!