ئىسمى « خەيىر – ياخشى » بولغان ئاللاھ تىن « شەر –  يامانلىق » ئەمەس، ياخشىلىق كېلىدۇ

 

ئىمام ئەلبەسرى قەدەرچىلەرنىڭ يامانلىقنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلغانلىقىنى، ھەمدە بۇ نەزىرىيىسى ئۈچۈن شۇ ئايەتنى « ( ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر ( يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر ) » ( نىسا، 78 )  دەلىل كەلتۈرۈپ، مەزكۇر ئايەتنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئاستىدا، ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ مەسىلىگە پارچىلاپ قاراش مەنتىقى ياتماقتا.

ئىمام، بۇ مەنتىقىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئايەتنىڭ داۋامىدىكى « ( ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق ( مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن ) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ( قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلى ) ئۆزەڭدىندۇر » ( نىسا، 79 ) دېگەن ئايەتكە كىشىنىڭ دىققەت نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ. ئەسلىدە جاھىلىيەت قالدۇقى بولغان ئەمەۋى قەدەرچىلىكىنىڭ سۈيئىستىمالىدىن نېسىۋىسىنى ئالغان نىسا سۈرىسى 78 – ئايىتىنى قۇتۇلدۇرۇشقا، نىسا سۈرىسى 79- ئايەتنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلاتتى. بىراق ئەلبەسرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە ئايەتنىڭ نازىل بولۇشغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر مەلۇماتنىمۇ نەقىل قىلغان. بۇ سەۋەبى نۇزۇل رىۋايىتى بۇ ئىككى ئايەتنىڭ ( 78 ۋە 79 ) ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقتەك كۆرۈنىدىغان مەسىلىنىمۇ تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىدۇ.

ئىمام ئەلبەسرى، يۇقىرىدىكى مەنتىقە بىلەن ھەزىرتى نۇھقا مۇناسىۋەتلىك سۇرە ھود 34 – ئايەتنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان مەسىلە ئۈستىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە كۆرۈلمىگەن بىر ئىلمىي ئۇسلۇب بىلەن بۇ ئايەتنىڭ بۇرمىلىنىشىنى، يەنە قۇرئان نوقتىسىدىن يولغا چىقىپ بىتچىت قىلىدۇ. قەدەرچى مۇخالىپلىرى ھود سۈرىسىنىڭ 34 – ئايىتىدىكى « يُغْوِيَكُمْ – يۇغۋىيەكۇم  ( ئۇ سىلەرنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئازدۇرىدۇ ) » ئىبارىسىنى، ئايەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىن يۇلۇپ ئېلىپ « ئىنساننى گۇمراھ قىلغان، ئازدۇرغان ئاللاھ تۇر » دېيىشكە ئۇرىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىبارىنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ، قايتا ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئالدىمىزغا « ئەگەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان بولسا ئىدى » دېگەن بۇ جۈملىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى تەئەججۈپ ئىچىدە كۆرىمىز. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئېھتىماللىقنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچىلار بىلەن ئىشلىتىلگەن ئىلاھى ئىرادە بىلەن ئالاقىدار ئايەتلەر ( بۇ يەردىكىگە ئوخشاش )، « ئاللاھ نىڭ بۇ ھەقتە شۇنداق قىلىشنى خالايدىغانلىقى »نى ئەمەس، دەل ئەكسىچە « خالىمايدىغانلىقىغا » دەلىل سۈپىتىدە كىتابىمىزنىڭ « ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى ھەممە ئادەم ئىمان ئېيتاتتى » دېگەن نېمە مەنانى بىلدۈرىدۇ؟ قىسمىدا مۇلاھىزە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن قايتا توختالمايمىز .

سوئال: ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ « ياخشىلىق ۋە يامانلىق » ھەققىدىكى كۆز قارشى قانداق؟

ئەلجاۋاپ: ئەلبەسرى ياخشىلىقنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنىدىغانلىقى، يامانلىقنىڭ بولسا ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۆزىمۇ بىر ئالىم بولغان تالىبى قەتادە، ئۇستازى ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:

ياخشىلىق قەدەردۇر، يامانلىق قەدەر ئەمەستۇر ( ئىبنى ھاجەر، تەزھىب، 2 / 270 ).
قەدەر رىسالىسى ماھىيەتتە باشتىن ئاخىر بۇ نەزىرىيىنى ھىمايە قىلىدىغان بىر تېكىست سۈپىتىدە ئالىمىزدا تۇرماقتا. ئىمام ئەلبەسرىنىڭ بۇ كۆز قارشىنى « كالام »غا ئەمەس، قۇرئانغا تەڭلەپ باققان ۋاقتىمىزدا، قۇرئان بۇ كۆز قاراشنى تەستىقلايدۇ.

سوئال: « سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر ( سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر » ( بەقەرە، 261 ) ئايىتىنى قانداق چۈشۈنىمىز؟

ئەلجاۋاپ: ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى سىزنىڭ ياقتۇرۇپ – ياقتۇرماسلىقىڭىز بەلگىلىمەيدۇ. سىزنىڭ بىر نەرسە ھەققىدە « ياخشى » ياكى « يامان » دېيىشىڭىز، ئۇ نەرسىنىڭ ماھىيتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ پەقەت سىزنىڭ مۇلاھىزەڭىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەندە ئايرۇپىلان بىلەن سەپەر قىلىمەن دەپ كېتىۋېتىپ، يۇلۇققان قاتناش ۋەقەسىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە « يامانلىق » دەيدۇ، ئۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئايرۇپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر قاتناش ۋەقەسىنى « ياخشىلىق » دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئاللاھ تىن ئۈگىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە ياكى يامانلىق دېگىنىڭلارغا، ئەگەر ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن بولسا، بۇ چاغدا سىلەردىن سادىر بولغان بىر مەسىلە بار دېگەن گەپ. سىز باھا بېرىشنى بىر ياقتا قويۇپ تۇرۇپ، ۋەقە – ھادىسىلەرگە قارايدىغان « نەزەر » دائىرىڭىزنى توغرىلاڭ! بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن نوقتىدىن ۋەقە – ھادىسىلەرگە قاراشنى ئۈگىنىڭ.

ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن يەر، ۋەھىيدىن باشقىسى ئەمەس.