ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 14 – ئابزىسى

elbesri 14

ئۇلار يەنە ئاللاھ نىڭ بۇ كالامىنىمۇ مۇنازىرە قىلىشىدۇ:

« ( ئى ئىنسان! ) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق ئاللاھ تىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ( قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ) ئۆزەڭدىندۇر » ( نىسا، 79 ).

ئېيتقىنكى، « بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تىن! ». لېكىن بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى چۈشەنمەيدۇ؟ ( نىسا، 78 ).

ئۇلار بۇ ئايەتلەرنى ئۆزىنىڭ نەزىرىيىسىگە مۇۋاپىق دەپ، ( ياخشىلىقنى ) ئىتائەت، ( يامانلىقنى ) ئىسيان دەپ تەپسىر قىلىدۇ ۋە ئىنكار، ئازغۇنلۇق، زۇلۇم، ھەقسىزلىق، تۆھمەت ۋە بارلىق يامانلىقلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىدۇ. ئەمما ئايەتنىڭ ( دېمەكچى ) بولغىنى بۇ ئەمەس. بۇ ئەسلىدە مۇنداق:

مۇناپىقلار، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان باياشاتچىلىق، سالامەتلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نېئمەتلەر يەتكەندە، « بۇ ئاللاھ تىن » دەيتتى. لېكىن ئۆزلىرىگە بىرەر قەھەتچىلىك، كېسەللىك، مال – مۈلۈك ياكى پەرزەنتلىرىدىن كېمىيىپ كېتىش قاتارلىق مۇسىبەتلەر يەتكەندە، « بۇ مۇھەممەد سەۋەبىدىن بولدى » دەيتتى. جانابى ئاللاھ ( ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ) مۇنداق دېدى:

ئېيتقىنكى، « بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تىن! » ( نىسا، 78 ). يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭ يارىتىشىدۇر، ( سىنىقىدۇر ).

ئۇلار يەنە، نۇھ قىسسەسىدىكى شۇ ئايەتنىمۇ مۇنازىرە تېمىسى قىلىۋالىدۇ:

« مەن سىلەرنىڭ پايداڭلارغا نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر » ( ھۇد، 34 ).

ئۇلار بۇ ئايەتنى جاھالىتى سەۋەبىدىن مۇنداق ئىزاھلايدۇ: « نۇھ، قەۋمىنىڭ ئىچىدە 950 يىل ياشىدى. ئۇلارنى ئاللاھ قا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى. نۇھ ئۇلارنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سېلىپ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ، ئۇلارغا پايدىلىق بولۇپ – بولمىغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەۋىتىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا يول قويامدۇ – قويمامدۇ، بۇنىمۇ بىلمەيتتى ».

ھالبۇكى، مەسىلە ھەرگىزمۇ ئۇلار ئىزاھلىغاندەك ئەمەس. ئەسلى مۇنداق:

نۇھ قەۋمى ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھ قا دەۋەت قىلدى. ئاخىرىدا ئۇلار بۇ كۆرەشتە مەغلۇپ بولۇپ نۇھقا مۇنداق دېدى: « ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرىلىشىپ خېلى ھەددىڭدىن ئاشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈپ باققىن » دېدى ( ھۇد، 32 ).

نۇھ ئۇلارغا: « ئۇنى پەقەت ئاللاھ خالىسىلا چۈشۈرەلەيدۇ، ئۇ چاغدا سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر » دېدى ( ھۇد، 33 ).

يەنى، ئەگەر ئازاپ چۈشۈپ قالسا، ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.

« ( ئۇ چاغدا ) مەن سىلەرنىڭ پايداڭلارغا نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر » ( ھۇد، 34 ). يەنى، ئازاپ يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا… نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئازاپ ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق بىر پايدىسىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى ھالاك قىلىنغان ئۈممەتلەر ئىچىدە جانابى ئاللاھ مۇنداق دېمەكتە:

« بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا بىر پايدىسى بولمىدى، بۇ ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولى / سۈننىتىدۇر، بۇ چاغدا ئىنكار قىلىشنى ئۆزىگە خاراكتېر قىلىۋالغانلار زىيان تارتقۇچى بولدى » ( غافىر / مۇئمىن، 85 ).

بۇ ئاللاھ نىڭ سۈننىتى ۋە قانۇنىدۇر، ئازاپ يېتىپ كەلگەندە قىلىنغان تەۋبە قوبۇل بولمايدۇ.

ئاللاھ نىڭ بۇ ئايىتىگە كەلسەك: « مەن سىلەرنىڭ پايداڭلارغا نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر » ( ھۇد، 34 )، بۇنىڭغا ئاساسەن « ئەل غاي » كەلىمىسى ئارقىلىق « ئازاپ » ئىما قىلىنغان. خۇددى تۆۋەندىكى ئايەتتىكىگە ئوخشاش:

« ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق بىر نەسىل كەلدىكى، ئۇلار ئىبادەتلەرنى تەرك ئەتتى ۋە نەپسى  خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى. بۇ سەۋەپتىن ئۇلار كېلەچەكتە قاتتىق جازالىنىدۇ » ( مەريەم، 59 ). [ يەنى، « قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرەپچىدە بەزىدە پالانچى بۈگۈن غاييغا چۈشتى » دېيىلىدۇ. بۇ « باشلىق پالانچىنى قاتتىق دۇمبالىدى » ۋەياكى « بېرىلگەن قاتتىق جازا بىلەن ئېچىنارلىق بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ].