ئاللاھ نىڭ المشيئة ( مەئىشەت – خالاش )ى بەندىنىڭ ئىرادىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

 

ئاللاھ نىڭ « خالىشى » – مەئىشەت دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئاندا ئاللاھ قا قارىتىلغان ھالدا ئىشلىتىلگەن لَوْ شَاء رَبُّكَ ( لەۋ شائە رەببۇكە – ئەگەر رەببىڭ خالىغان بولسا )، إِن يَشَأْ ( ئىن يەشەئ – ئۇ خالىسا )، إِن شَاء اَللّٰه ( ئىنشا ئاللاھ – ئاللاھ خالىسا ) … ئوخشاش ئىپادىلەر بۇنىڭ قاتارىدىن. ئەمما مەئىشەت ئىپادىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى « ھۆددىگە ئالغان، ئەمەلگە ئېشىشى ئېنىق بولغان » بىر ئىش ياكى نەرسىنى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ « خالىسا شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا » دائىر ئېھتىماللىقى بولغان ئىش / نەرسىنى بىلدۈرىدۇ. ھەتتا مەئىشەت پېئىلى « لەۋ – ئەگەر » ياردەمچى سۆز بىلەن كەلسە، ئىبن ئابباسقا كۆرە، تىلغا ئېلىنغان ئۇ « تىلەك / خالاش »نىڭ ھېچ ۋۇجۇدقا چىقمىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاللاھ نىڭ مەئىشەتى بەندىنىڭ ئىرادىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنى ئاللاھ نىڭ ئىرادىلىك مەۋجۇدىيەت بولغان ئىنسان بىلەن، ئىرادىسىز مەۋجۇدىيەت بولغان مەخلۇقات ئۈستىدىكى تەجەللىسى ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ ئۈزۈم شاخلىرى بىلەن، ئەھسەنى تەقۋىم ئۈستىدە ياراتقان ئىنساننى ئوخشاش بىر قاتارغا قويمايدۇ. ئاللاھ نىڭ بەندىلەر ئۈچۈن خالىغان نەرسىلىرى بار. ئەمما ئۇ نەرسىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى، بەندىنىڭ ئۇ نەرسىنى ئۆزى ئۈچۈن خالىشىغا مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئاللاھ بەندىنىڭ ھىدايىتىنى خالايدۇ. لېكىن بەندە ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەتنى ئارزۇ قىلمىسا ۋە بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە، ئاللاھ نىڭ ئۇنىڭغا ھىدايەت قىلىش مۇرادى ئەمەلگە ئاشمىغان بىر « ئىرادە » ھالىتىدە قالىدۇ. بەندىنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن، بەندە ئۇنىڭغا لايىق بولىشى كېرەك.

تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ ھەقىقەتنى جاكارلىماقتا:

« كىمكى ئاخىرەت ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى زوقىنى بىر مىقدار ئاشۇرۇپ بېرىمىز. كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىڭدىن بىر مىقدار بېرىمىز. لېكىن ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوق » ( شۇرا، 20 ).

« كىمكى بۇ دۇنيادا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆتكۈنچى ئارزۇلىرىنى تاللىسا، خالىغىنىمىزنى ئۇنىڭغا خالىغىنىمىزچە بېرىمىز. ئاندىن ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە جەھەننەمنى ئايرىيمىز، جەھەننەمدە ئۇ خارلانغان ۋە تەرىپىمىزدىن ئۇنتۇلغان بىرسى بولىدۇ » ( ئىسرا، 18 ).

« ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. سىلەرمۇ مېنىڭ چاقىرىقىمغا ئىجابەت قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىمان ئېيتىپ ئىشەنچ قىلىڭلاركى، توغرا يولغا ئېرىشكەيسىلەر » ( بەقەرە، 186 ).

بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ نىڭ مەئىشەتى، بەندىنىڭ ئەمەل – ھەرىكىتىگە ۋە تەلىپىگە بىنائەن ۋۇجۇدقا چىققان. يەنى، ئاللاھ بەندىگە بەرگەن ئىرادە بىلەن ئۇنىڭ تىلىشىنى خالىغان. بەندىنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسلىلەردە ئاللاھ نىڭ ئۇ بەندە ئۈچۈن بىر نەرسىنى خالىشى، بەندىنىڭ ئاللاھ خالىغان ئۇ نەرسىنى تەلەپ قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بۇ ۋۇجۇدقا چىقمىسا، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئىرادە قانۇنىيىتىنىڭ تەقەززاسى بوينىچە ئۇ نەرسە ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.