ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 13 – ئابزىسى

Elbesri13

شۇنداقلا ئۇلار يەنە ئاللاھ نىڭ ئىلمىنىمۇ مۇنازىرە تېمىسى قىلىشىدۇ ۋە دەيدۇكى: « ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ نىڭ بىلىشى بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ ». بۇ خىل چۈشەنچە مۇنداق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ: « ئاللاھ بەندىلىرىگە قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىش؛ تەرك قىلالمايدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىگەن ».

ھالبۇكى، ئاللاھ تۆۋەندىكى سۆزى ئارقىلىق ئۇلارنى يالغانغا چىقىرىدۇ: « ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۆزىگىدۇر » ( بەقەرە، 286 ). دەرۋەقە، ئاللاھ « كۇفۇرلۇقنىڭ » ئۇلارنىڭ ئۆز تاللىشى بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان. بىراق ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئىرادىلىرى سىرتىدىكى بوينىڭ ئېگىز – پاكار بولۇشى، چىراي شەكلى، رەڭگى – رويى قاتارلىق قەتئى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئاللاھ نىڭ بىلىشىگە ئوخشىتىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە شەيئىلەردۇر. چۈنكى ئېگىز – پاكار بولۇش، چىراي شەكىل ۋە رەڭگى – رويى قاتارلىقلار ئاللاھ نىڭ ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلەر بولۇپ، ئاللاھ قانۇنىيەتكە باغلاپ قويغان يارىتىش ھەرىكىتىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھېچكىم، بۇ خىل شەيئىلەرنى ئەركىن ئىرادىلىرى بىلەن تاللاش ۋە ئۆزگەرتىش كۈچ – قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەس. كۇفۇرلۇققا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھاۋايى- ھەۋەس، نەفسى – خاھىشى ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە ئەگىشىپ كۇفۇرلۇقنى تاللىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەم شۇنداقلا ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفۇرلۇقنى يامام كۆرگەن تەقدىردە، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئۆزلىرىنى ئىمان ۋە ئادالەت توغرىسىدا سىناش ئۈچۈن بەرگەن ( تاللاش ھوقۇقى )نى ئىشلىتىش كۈچىگە ئىگە ئىدى.

خىزىر تېشىۋەتكەن كېمىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ كېمە پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنغا ئەيىپ – نوقسانسىز ھالدا يېتىپ بارغان بولسا، پادىشاھنىڭ كېمىنى تارتىۋالىدىغانلىقىنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلەتتى. خىزىر ئۆلتۈرگەن ياش بالىمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا بويۇنتاۋلىق ۋە نانكورلۇق قىلىپ ئاسىي بولىدىغانلىقىنىمۇ ئاللاھ بىلەتتى. بىراق ئۇ ئوغۇلنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ شەررىدىن خاتىرجەم بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. خىزىرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان تامنى ئوڭشاپ قويىشىمۇ يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاش. ئاللاھ، ئەگەر خىزىر تامنى ئوڭشاپ قويمىسا، تامنىڭ ئاستىدىكى بايلىقنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىپ زايا بولۇپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. بىراق ئۇ تامنى ئوڭشىغاندا ھېلىقى ئىككى گۈدەك بالىنىڭ ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇ بايلىقنى چىقارغۇدەك بولغانغا قەدەر ئۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. خىزىر ( سالىھ بەندە ) مۇساغا مۇنداق دېدى: « بۇ ئىشلارنى ( يەنى يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىشنى ) ئۆز خاھىشىم بىلەن قىلغىنىم يوق » ( كەھىف، 82 ). چۈنكى ئاللاھ بۇنى ماڭا بىلدۈردى: « دەرگاھىمىزدىن بىر ئىلىم ئۆگىتىلگەن / بېرىلگەن بەندە… » ( كەھىف، 65 ).

شۇنىڭدەك ئاللاھ رەسۇلى بىلەن بىرگە سەپەرگە چىقمىغان مۇناپىقلارغا، يول مۇشەققىتىنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكى ئۈچۈن قېتىلمايدىغانلىقىنى ئاللاھ بىلەتتى. ئاللاھ يەنە شۇنىمۇ بىلەتتى:

ئەگەر ( ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى ) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىمەت ۋە ( يىراق بولمىغان ) ئوتتۇرھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ ( غەنىمەت ئېلىش مەقسىتىدە ) چىقاتتى، لېكىن بۇ ئۇلارغا يىراق بىلىندى.

ئۇلار قەسەم ئېچىپ: « ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق ئەلۋەتتە چىقاتتۇق » دەيدۇ.

ئۇلار ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىپ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ ( تەۋبە،42 ).

چۈنكى ئۇ مۇناپىقلار ئىرادىلىرىنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە سەپەرگە چىقىش تەرەپكە ئىشلەتكەن بولسا، چوقۇم سەپەرگە چىقالايتتى.