ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى ( بىلىشىنى ) مۇنازىرە تېمىسى قىلىۋالىدۇ

 ھەسەن ئەلبەسرى مەكتۇبىدا، قەدەرچى / جەبىرچىلەر ئەڭ كۆپ سۈيئستىمال قىلىدىغان مەسلىلەرنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان « ئاللاھ نىڭ ئىلمى » تېمىسى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇ تېمىنىمۇ ئايەتلەرنى دەلىل كۆرسەتكەن ئاساستا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

ئۇ، قۇرئاننى ئاساس قىلىپ ئالدى بىلەن شۇ ئۇنىۋېرسال پرىنسىپقا كىشىنىڭ دىققەت – نەزرىنى ئاغدۇرىدۇ: « ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ » ( بەقەرە، 286 ). بىرسى چىقىپ « ئاللاھ نىڭ ئىلمى » بىلەن « ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى » قارمۇ – قارشى قىلىپ سوقۇشتۇرسا، ئەسلىدە بۇ ئىش دەل « ئىنسانغا تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشنى ئارتىپ قويغانلىق » بولىدۇ، بۇ ئىنسانغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا يەنە بىرى چىقىپ « ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقى » بىلەن « ئاللاھ نىڭ ئىلمى »نى قارمۇ – قارشى ئورۇنغا قويۇپ سوقۇشتۇرسا، بۇمۇ ئاللاھ قا بۆھتان چاپلىغانلىق بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن « نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ » دەپ سورالغاندا، « ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى » سەۋەپ كۆرسىتىپ « ئاللاھ بۇنى ئىلمى ئەزەلى بىلەن بىلەتتى » دېدى.

ئىمام ئەلبەسرى، ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى سۈيئىستىمال قىلغان بۇ قاتىلغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: « ئاللاھ سېنىڭ ئاچچىغىڭغا ئەسىر بولغان ۋاقتىڭدا ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىڭنى بىلەتتى »، بۇ توغرا. شۇنىڭدەك يەنە شۇ ئاللاھ سېنىڭ ئاچچىغىڭنى بېسىۋالغان ۋاقتىڭدا ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىڭنىمۇ بىلەتتى ». بۇمۇ ئالدىنقىسىغا ئوخشاش توغرا. ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ نىڭ ئىلمىدۇر.

ئەمدى قاتىلدىن  تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ:

  1. سەن جىنايەتنى سادىر قىلغان ۋاقتىڭدا « ئاللاھ نىڭ ئىلمى مۇشۇنداق بولغاندىكىن، مەنمۇ ئاللاھ نىڭ ئىلمىغا مۇناسىپ ھالدا ئىش تۇتۇپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلاي دېگۈدەك دەرىجىدە ئاللاھ نىڭ ئىلمىدىن خەۋرىدارمىدىڭ؟ بىر تەرەپتىن قاتىل بولىدىغانلىقىم راست، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىشكە لايىقمەن » دېمەكچىمۇ؟
  2. ئەگەر مۇشۇنداق دېمەكچى بولساڭ، ئۇنداقتا سادىر قىلغان جىنايىتىڭنى، ئۆزەڭ ماھىيتىنى بىلمىگەن « ئاللاھ نىڭ ئىلمى »گە ئارتىپ قويغان بولىسەن. ئەمما ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىگۇناھ جانغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئىدى. سەن بۇ چۈشەنچەڭ ئارقىلىق « ئاللاھ نىڭ ئەمىرى – پەرمانى » بىلەن « ئاللاھ نىڭ ئىلمى »نى قارمۇ – قارشى قىلىپ قويىۋاتقانلىغىڭنى ھېس قىلمايۋاتامسەن؟ ئاللاھ نىڭ ئەمىرى بىلەن ئاللاھ نىڭ ئىلمى قانداقمۇ بىر – بىرىگە زىت كەلسۇن؟ بۇ تەرەپنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
  3. بۇ خىل چۈشەنچە بىلەن ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى « بولدى – تۈگىدى ھالغا » چۈشۈرۈپ قويدۇڭ. ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى ئۆزەڭنىڭ كىچىككىنە دۇنيارىڭدا « بولدى – تۈگىدى ۋە شۇنداق يۈزبەرگەن » دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇش، ماھىيەتتە ئاللاھ نىمۇ ئۆزەڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىغانلىقىڭنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ نى ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈرگەن كىشى، ئۆزىنىڭ نەپسىنى ئىلاھلاشتۇرىدۇ. « ئاللاھ نىڭ ئىلمىگە ئىمان » نامى ئاستىدا، بۇنچىۋالا كۆپ ئىنكارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟
  4. ھۆر ئىرادەڭ ئارقىلىق ئۆزەڭ تاللاپ قىلغان ئىشىڭغا « ئاللاھ نىڭ ئىلمى »نى باھانە قىلدىڭ دەپمۇ تۇرايلى، ئۇنداقتا « ئاللاھ نىڭ ئامانىتى » بولغان ئىرادىنى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟ ئىرادە ئاللاھ نىڭ ئىنساننى ئىنسان قىلغان ئەڭ چوڭ ئامانىتىدۇر. سەن بىلمىگەن ھەمدە بىلىش ئىمكانىيتىڭمۇ بولمىغان، ساڭا ئائىتمۇ بولمىغان « ئاللاھ نىڭ ئىلمى »نى سۈيئىستىمال قىلىشنى؛ سەن بىلىدىغان، بىلەلەيدىغان ۋە ئىشلىتىلىشى ساڭا ئائىت بولغان « ئاللاھ نىڭ ئىرادە ئامانىتى »گە خىيانەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ دەپ ئويلامسەن؟
  5. ئى ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىلەن ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى قارمۇ – قارشى قىلىۋالغان ئىنسان! ئالدىڭدا ئىككى يول بار ئىدى. سەن بىرىنى تاللىدىڭ ۋە ئۇ يولدا ماڭدىڭ، ئاخىرىدا بۇ نەتىجىگە ئېرىشتىڭ. ئاللاھ نىڭ ئىلمىنىڭ بۇنىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنداقتا ئاللاھ ئامانەت قىلغان ئىرادە بىلەن يەنە بىر يولنى تاللىغان بولساڭ ۋە ئۇ يولدا ماڭغان بولساڭ ھەمدە بۇرۇن ئېرىشكەن نەتىجىدىن باشقىچە بىر نەتىجىگە ئېرىشكەن بولساڭ ئاللاھ ئۇنى بىلمەمتى؟ سەن مۇشۇنداق دېمەكچىمۇ؟ سەن ئاللاھ نىڭ چەكسىز، زاماننىڭ سىرتىدا، ماكاننىڭ تېشىدا بولغان مىسلىسىز ئىلمىنى، زامانغا، ماكانغا ۋە مەيدانغا كەلگەن ھادىسلەرگە مەھكۇم قىلىپ قويۇپ، ئەسلىدە ئاللاھ نىڭ ئىلمىگە ئىشەنگەندەك قىلىپ، ئاللاھ نىڭ ئىلمىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتامسەن؟

ئەقلىنى قۇرئان بىلەن شەكىللەندۈرگەن ھەر مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش، « ئاللاھ نىڭ ئىلمى » دېيىلگەندە، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئەقلىگە دەرھال « ئىنساننىڭ ئىرادە ھەرىكەتلىرى » كەلمەيتتى. « ئاللاھ نىڭ ئىلمى » دېيىلگەندە، ئەقلىگە ئەڭ باشتا ئىنساننىڭ ئىرادىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان قىلمىشلىرى كەلگەن كىشىنىڭ ئەقلى تەتۈر ئىشلەۋېتىپتۇ دېگەنلىكتۇر. ئەقلى تەتۈر ئىشلەيدىغان بىرسىدىن بىر مەسىلىنى توغرا شەكىلدە چۈشۈنۈش، توغرا شەكىلدە بىلىپ يېتىش، ھەتتا توغرا سوئال سورىشىنى تەمە قىلىش ھاماقەتلىكتۇر.

ئىنساننىڭ ئىرادىسى، ئاللاھ نىڭ كۇللى ئىرادىسىدىن بىر پارچىدۇر. پۈۋلەنگەن روھ ئارقىلىق ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن ئىرادە مەنسۇپ بولغان ئىلاھىي قانۇنلار بار. بۇ قانۇنلارنى ئاللاھ بەلگىلىگەن. ئىنسان ئىرادىسى « سۈننەتۇللاھ » دەپ ئاتالغان ئۆزگەرمەس ۋە بۇزۇلماس قانۇنلار ئاساسىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ قانۇنلارنىڭ يەنە بىر ئىسمى « ئەمىر »دۇر.

ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ نىڭ ئىلمى، ئىرادە مەنسۇپ بولغان ئىلاھى قانۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

« ئاللاھ نىڭ ئىلمى » مەسىلىسىنى « ئاللاھ نىڭ سۈننىتى » مەسىلىسىدىن خالىي ھالدا چۈشۈنۈش، ئاللاھ نى بىلمىگەنلىكى، ياخشى تونۇپ يەتمىگەنلىك ۋە چۈشەنمىگەنلىكتۇر. بۇنداق بىرسىگە ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى پايدا قىلمىغاندەك، ھەر قانداق نەرسە پايدا قىلمايدۇ.

ئىرادە مەنسۇپ بولغان قانۇنلارنىڭ ئاچقۇچى « تاللاش »تۇر. تاللاش، يەنى « ئىختىيار قىلىش »تۇر. ئىرادىنى ئامانەت قىلغان ئاللاھ، ئۇنى ئىشلەتكەن ھەر ئىنساننى جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ ئىنساننى ئىرادىگە مەھكۇم ۋە مەجبۇر قىلغان بولۇپ، ئىرادىنىڭ ئالدىدىكى تاللاشتىن ھەر قانداق بىرسىگە مەجبۇر قىلمىغان. ئىرادە، ئاللاھ ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلىگەن قەدەردۇر / تەقدىردۇر. ئىرادىنى ئىنسانغا قەدەر قىلغان ئاللاھ نىڭ، ئىرادە بەرگەندىن كېيىن، ئىنسانغا بەرگەن ئىرادىنىڭ ئالدىدىكى ھەر قانداق تاللاشتىن بىرسىگە ئىنساننى مەجبۇر ۋە مەھكۇم قىلىشى، ئوڭ قولى بىلەن بەرگەننى، سول قولى بىلەن ئېلىۋالغانلىقتۇر. بۇ، بىر تەرەپتىن سەن ئەركىن دەپ، يەنە بىر تەرەپتىن قولىنى پۇتىغا باغلاپ قويغانلىقتۇر. بۇ، ئاللاھ قا تۆھمەت قىلغانلىقتۇر. ئەگەر بۇنداق بولغان بولسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان مەسئۇل ئەمەس، مەجبۇر بولاتتى. ھالبۇكى، ئىنسان مەجبۇر بولغان ئىشتىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلغىلى بولمايدۇ. مەسئۇل قىلىنغان ئىشتا مەجبۇرىيەت بولمايدۇ.

ئاللاھ بىر تەرەپتىن ئىرادىگە تاللاش قابىلىيىتى بەرگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن توغرىنى تاللىيالىشى ئۈچۈن توغرا يولنى كۆرسەتكەن. ئەلچىلەر ۋە ۋەھىيلەر بۇ سەۋەپتىن ئەۋەتىلگەن. قۇرئان ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ مەقسەت بىلەن ئەۋەتىلگەن. مىڭلىغان ئايەت ئىنسان ئىرادىسىگە توغرىنى تاللاشنىڭ ئۈگىنىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانغا ئامانەت قىلغان ئىرادىنىڭ رولىنى، بەرگەن ئىرادىنى كېرەكسىز ھالغا كەلتۈرسە، بۇ، « قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش ۋە ئەلچىنىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ھېچقانداق بىر مەنىسى، ئەھمىيىتى يوق » دېگەنلىك بولىدۇ. ھەر مۇئمىن ھەر كۈنى نامازنىڭ ھەر رەكەتىدە تەكرارلىغان « بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن » دۇئاسىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغان، ھەر خىل دەۋەت پائالىيىتى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتىن ئىبارەت ئىلاھىي ئەمىرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ. بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا، ئادالەت ۋە زۇلۇم، شەپقەت ۋە ۋەھشەت، ئىتائەت ۋە ئىسيان، ئىمان ۋە ئىنكار، ياخشى ۋە يامان، توغرا ۋە خاتا، ھەق ۋە باتىلنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقى قالمايدۇ. بۇلارنىڭ پەرقى قالمىغاندا، مۇكاپات ۋە جازا، جەننەت ۋە جەھەننەم، نىجاتلىق ۋە ھالاكەتنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ھاشا ۋە كەللا ( تەۋبە ۋە ياق، ئۇنداق ئەمەس ). قايسى بىر مۇئمىن مۇشۇنداق دېيەلەيدۇ؟