قەلەم سۈرىسى

 

سۈرە ئىسمىنى 1 – ئايەتتىن ئالغان بولۇپ، بەزى رايۇنلاردا « نۇن » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.

« نۇن. قەلەم ۋە ئۇلار يازغان نەسىلەر بىلەن قەسەمكى! » ( 1 ).

سۈرە ھىجرى 4 – ئەسىرگىچە « نۇن ۋەلقەلەم » دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرلا ئىسىم بىلەن ئاتىلىشقا باشلانغان. بەزى جايلاردا « نۇن » ئىسمى بىلەن، يەنە بەزى جايلاردا « قەلەم » ئىسمى بىلەن ئاتاش ئومۇمىيلاشقان.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان « قەلەم » بىلىم ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىنىڭ ئىسمىنى « بىلىم ۋاستىلىرى » دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئاللاھ نىڭ قەلەم بىلەن قەسەم قىلىشى، پەقەت بىلىم ۋاستىلىرىنىڭ قىممىتىنىلا كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە مەزكۇر ۋاستىلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شاھىتلىق قىلىدىغانلىقىغا بىشارەت قىلىدۇ.

سۈرە، مەككىدە دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى. سۈرىنىڭ 17 – 52 – ئايەتلەر ئارىسىدىكى بۆلەك، ئالدىنقى بۆلەكتىن بىر مەزگىلدىن كېيىن نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. لېكىن سۈرىنىڭ تون رېتىمى ۋە مەزمۇنىنىڭ بىر پۈتۈنلىكى نەزەرگە ئېلىنغاندا بۇ ئېھتىماللىق ئاجىزلىشىدۇ. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش تەرتىپىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ نۇزۇل تەرتىۋىدە 2 – ئورۇنغا، يەنى ئالاق سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان نۇزۇل تەرتىۋىدە ئالاق – مۇززەممىل؛ ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە ئالاق – زۇھا سۈرىلىرىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. سۈرىنىڭ مەزمۇنى بۇ تىزىلىشنى تۆت نوقتىدىن قوللىمايدۇ:

  1. مۇشرىكلارغا قارىتا جاۋاپ ۋە تەھىدىت خاراكتېرىغا ئىگە.
  2. ھەيۋە قىلىش / دىققىتىنى تارتىش رولى بولغان مۇقاتتائا ھەرىپى بىلەن باشلىغان تۇنجى سۈرە.
  3. ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارنىڭ « بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرى » سۆزى نەقىل قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزنى قىلىشى ئۈچۈن بۇ سۈرىدىن بۇرۇن ۋەھىي ئاخىرەت ھەققىدە توختالغان بولىشى كېرەك. ھالبۇكى 8 – ئايەتتىكى « رەببىگە قايتىش »نى نەزەرگە ئالمىساق، ئالاق سۈرىسىدە ئېنىق ھالدا ئاخىرەت ھەققىدە توختالمايدۇ.
  4. يۇقىرىدىكى ئۈچ نوقتا ئۈچۈن مۇشرىكلارىغا قارىتا ئوچۇق دەۋەت شەرت. بۇ دەل فەترەتى ۋەھىي ( ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى – رەسۇلۇللاھ شۇنداق دەپ ئويلاپ قالغان ) دىن كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. فەترەتى ۋەھىي ۋەقەسى – رەسۇلۇللاھقا ۋەھىيسىز قېلىشنىڭ نەقەدەر بۈيۈك مەھرۇمىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولغانىدى. بۇ سۈرىنىڭ ئۈچىنچى ئايىتىدىكى « ئىزچىللىق » بەلكىم بۇ ۋەقەنى ئىما قىلغان بولسا كېرەك. ھەزرىتى ئائىشە مەزكۇر سۈرىنى فەترەتى ۋەھىيدىن كېيىن نازىل بولغان دەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن بىز بۇ سۈرىنى ئىنشىراھ سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان 7 – سۈرە دەپ قارايمىز.

سۈرە مۇشرىك / ئىنكارچىلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا قاراتقان ئاغزاكى ئەزىيەتلىرىنى رەت قىلىش بىلەن باشلانغان.

مَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ

« رەببىڭنىڭ نېئمىتى سايىسىدا، سەن ھەرگىزمۇ جىن مۇسەللەت بولغان بىرسى ئەمەس » ( 2 ).

سۈرە ئاخىرىدا يەنە بۇ مەسىلىگە قايتقان ھالدا ئاخىرلاشقان ( 48 – 52 ). سۈرىنىڭ باشلىنىش ئايەتلىرى ئىلاھىي ئىلھام ۋە تەسەللىي خاراكېتىرىغا ئىگە.

رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:

وَإِنَّكَ لَعَلى خُلُقٍ عَظِيمٍ

« سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن » ( 4 ).

سۈرىنىڭ فەجر سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا، قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش جەريانىدا بايان قىلىنغان تۇنجى قىسسە، بۇ سۈرىدىكى « باغ ئىگىسى » قىسسىسى بولۇپ ( 17 – 32 )، يەمەن دىيارىغا خاس بولغان بۇ قىسسە ئارقىلىق مۇھاتابى ( خىتاپ قىلىنغۇچى )دا « نېئمەتتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش » ئېڭىنى / ئەخلاقىنى تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلماقتا ۋە مۇھاتابىغا « ئەي ئىنسان! ئاللاھ يوقتەك مۇئامىلىدە / چۈشەنچىدە بولما! » دېمەكتە.

وَلَا يَسْتَثْنُونَ

« لېكىن ئاللاھ نىڭ ھاياتقا مۇداخىل بولۇپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلغانىدى » ( 18 ).

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ نىڭ ھەر ۋاقىت ھاياتقا ئارلىشىپ، ئىنسان ئىرادىسىنىڭ تاللىشىغا قارىتا يېڭى يارىتىشتا بولىدىغانلىقى ئىما قىلىنماقتا.

بۇ سۈرە، نازىل بولۇش جەريانىدا ئاخىرەت ھەققىدە توختالغان تۇنجى سۈرە بولۇپ، ھەقىقەتكە قارىتا ئالدىنئالا چىقىرىۋالغان چۈشەنچىسى بىلەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغۇچىلارنى، مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە چاقىرماقتا ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلەرنى كۈتۈپ تۇرغان دەھشەتلىك ئاقىۋەتتىن خەۋەر بەرمەكتە ( 33 – 43 ).

44 – 47 – ئايەتلەردە، رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان «  ئۇلارنى ماڭا قويۇپ بەر » خىتابى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە رەسۇلۇللاھقا ( ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچىغا ) ئەمەس، ئاللاھ قا قارشى چىقىۋاتقانلىقى ئىما قىلىنغان.

48 – 50 – ئايەتلەردە، ھەزرىتى يۇنۇسنىڭ قەۋمىنى ئاللاھ قا چاقىرىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى، ئاللاھ نىڭ ئىجازىتىسىز تاشلاپ كېتىشى ئەسكەرتىلىپ، خىتاپ قىلىنغۇچىغا ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ئىما قىلىنىپ ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلدۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ھەزرىتى يۇنۇس سادىر قىلغان خاتالىقتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇپ « ھەرگىزمۇ چوڭ بېلىقنىڭ ساھىبىغا ئوخشاش بولمىغىن! » دەيدۇ:

فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَى وَهُوَ مَكْظُومٌ (48) لَوْلَا أَنْ تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِنْ رَبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ (49) فَاجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَجَعَلَهُ مِنَ الصَّالِحِينَ (50)

« رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. ھەرگىزمۇ چوڭ بېلىقنىڭ ساھىبىغا ئوخشاش بولمىغىن! ئۆز ۋاقتىدا ئۇ غەمكىن ھالدا رەببىگە ئىلتىجا قىلغانىدى.

ئەگەر رەببىڭنىڭ چەكسىز نېئمىتى ئۇنىڭ ئىلتىجاسىغا جاۋاپ بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇ خار قىلىنغان ھالدا بىر قاقاس دالىغا تاشلانغان بولاتتى. لېكىن رەببىڭ ئۇنى ( قايتىدىن ئەلچى بولۇشقا ) تاللىدى ۋە ئۇنى ياخشىلار قاتارىغا قوشتى » ( 48 – 50 ).

51 – 52 – ئايەتلەردە، كاپىرلار ( ئىنكار قىلغۇچى، ھەقىقەتنى يوشۇرغۇچىلارنىڭ ) ۋەھىيگە ۋە ئۇنى يەتكۈزگۈچىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بايان قىلىنىپ، بۇ ۋەزىپىگە تالىپ بولغۇچىنى ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلدۇرۇلغان ۋە قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتى بايان قىلىنغان.

وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ (51) وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ (52)

ئىنكار قىلغۇچىلار / كاپىرلار زىكىر ( قۇرئان )نى ئاڭلىغان چاغلىرىدا، خۇددى سېنى يېۋەتكۈدەك / يېقتىۋەتكۈدەك قارىسىمۇ، سېنى « شۈبھىسىز بىر مەجنۇن / جىن چاپلىشىپ قالغان » دېسىمۇ ( يەنىلا سەۋر قىل! ).

زىكىر ( قۇرئان ) تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتتۇر ( 51 – 52 ).