« ئەگەر رەببىڭ خالىغان بولسا، ھەممە ئادەم ئىمان ئېيتاتتى » دېگەن نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟

 

جاھىليەت داشقىلى قەدەرچى ئەقىل « ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى » ئايىتىنى، ئالدىنقى بۆلۈمدە توختىلىپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش بىر ئۇسۇلدا سۈيئىستىمال قىلىپ، « ئاللاھ خالىغان كىشى ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھ خالىمىغان كىشى ئىمان ئېيتمايدۇ » دەپ چۈشۈنىدۇ. بۇ مەجرۇھ چۈشەنچىسىگە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئايەتلەرنى دەلىل كۆرسىتىدۇ.

ھالبۇكى « ئاللاھ خالىسا ئىدى » ئىبارىسى بىلەن باشلانغان ئايەتلەر، قەدەرچى ئەقىل ئىلگىرى سۈرگەننىڭ دەل ئەكسىچە مەنانى ئىپادىلەيدۇ. بىز تۆۋەندە قۇرئاندىكى ئاللاھ نىڭ خالىشىغا ئالاقىدار ئىشلىتىلگەن « مەشىئەت » پېئىللىرى قوللىنىلغان بەزى ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى:

« ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز، ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە – پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز »( سەبەئ، 9 ).

« ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆرۈپ چۈشۈنۈش قابىلىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئۇلار ( ھايۋانلارغا ئوخشاش پادا پىسخىكىسى بىلەن ) توغرا يولدىن ( چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ) بەسلىشەتتى » ( ياسىن، 66 ).

« ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتى مۇبەددەل ( يەنى مايمۇن، چوشقا ياكى تاش ) قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتى » ( ياسىن ،67 ).

« ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ( ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش ) ھەر قەۋمگە ( ھازىرمۇ ئايرىم ھالدا ) بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ( يەنى ئەلچى ) ئەۋەتەتتۇق » ( فۇرقان ،51 ).

گەرچە « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى » شەكلىدە كەلگەن ئايەتلەرنىڭ تېكىستىدە ئورۇن ئالمىغان بولسىمۇ، سۆزنىڭ تەقەززاسى بويىنچە جۈملىنىڭ داۋامىنىڭ بارلىقىنى بۇ ئايەتلەر روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سوئال: « ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى » ئايىتىدە لەبزى شەكىلدە ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان، جۈملىنىڭ ئورامىدا داۋام قىلغان جۈملە قايسى؟
ئەلجاۋاپ: « … بىراق ئاللاھ خالىمىدى » جۈملىسىدۇر.

شۇنداق، ئەگەر رەببىمىز خالىسا ئىدى، بۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئاسان ئىدى. بىراق رەببىمىز ئىرادە ۋە قۇدرىتىنى كەلسە – كەلمەس، خالىغانچە ئىشلىتىدىغان رەب ئەمەستۇر. ئەكسىچە « سۈننىتى »، « قانۇنى »، « پرىنسىپى » ۋە « سىستېمىسى » بار بولغان رەبتۇر.

سوئال: ئەگەر بۇنى خالىمىغان بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا نېمىنى خالىدى؟

ئەلجاۋاپ: ھىدايەت تېپىشنى ئارزۇ قىلغان / خالىغانغا بەندىگە ھىدايەت بېرىشنى خالىدى. ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىگىنى ئېچىپ ئىچىگە ئىماننى سېلىشنىڭ ئورنىغا، ھەممە كىشىگە بۇ توغرا يولنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بىر ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدان بەردى. بۇ ئاستقۇرۇلمىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەلچىلەر ۋە ۋەھىيلەرنى ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭ يول كۆرسىتىشى / ھىدايىتىدۇر. ئەگەر ئىنسان ئاللاھ كۆرسەتكەن يولغا ماڭسا، توغرا يولنى تاپالايدۇ. ئەكسىچە ئىش قىلسا ئاللاھ نىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئىرادە قىلغان تەقدىرىنى رەت قىلغان بولىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۆز تاللىشىنىڭ نەتىجىسىگە رازى بولۇشتىن باشقا چارىسى بولمايدۇ.

سوئال: ئايەتلەر بايان قىلغان بۇ ھەقىقەت ھەر قانداق بىر ساغلام ئەقىل ئىگىسى چۈشۈنەلەيدىغان دەرىجىدە ئېنىق تۇرسىمۇ، ئاللاھ نىڭ كالامىغا ئۇ مەقسەت قىلمىغان بىر شەيئىنى دېگۈزۈشكە ئۇرۇنغان بۇ قەدەرچى ئەقىلنىڭ قىلغان ئىشى يېڭىدىن شەكىللەنگەن بىر ئىشمۇ؟

ئەلجاۋاپ: ياق، بۇ يېڭى بىر نەرسە ئەمەس. بۇ خىل ئەقىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنى بىر يەردە ئوقۇغانلىقىمىز ئېسىمىزگە كېلىدۇ. يەنى، قۇرئان نەقىل قىلغان جاھىلىيەت مۇشىرىكلىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى:

ئۇلار: « مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايتتۇق » دېدى.

بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئاساسى / دەلىلى يوق. ئۇلار پەقەت پادىغا ئوخشاش ئىش قىلىدۇ. ( زۇخرۇف، 20 ).

مۇشرىكلار: « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا – بوۋىمىز شىرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ( ئاللاھ ھالال قىلغان ) ھېچنەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق » دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەرمۇ تاكى ( بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر ( ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى ) بۇ مەنتىق بىلەن ( يەنى مۇشىرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك ) ئىنكار قىلغان ئىدى ( ئەنئام، 148 ).

« سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە ئازاپنىڭ ئۇشتۇمتۇت يېتىپ كېلىشىدىن ئىلگىرى، سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار ».

ھەر قانداق ئادەم: « ئاللاھ نىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن ( ئاللاھ نىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى ) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم » دەپ پۇشايمان قىلپ قالماسلىغى ئۈچۈن ياكى « ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ( ھىدايەت تېپىپ ) ئەلۋەتتە مەسئۇلىيىتىنى بىلگەن ھالدا ئەمەل قىلغۇچىلاردىن بولغان بولاتتىم » دەپ قالماسلىق ئۈچۈن ياكى ئازاپنى كۆرگەن چاغدا: « كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا مۇمكىن بولسا ئىدى ( ئۇچاغدا ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىپ ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم » دەپ قالماسلىق ئۈچۈن ( رەببىگە بويسۇنسۇن / قۇرئانغا ئەگەشسۇن ) » ( زۇمەر، 55 – 58 ).

ئازغۇنلۇق، زالالەت زۇلۇمدۇر. « ئاللاھ ئىنساننى ئازدۇردى » دېيىش، ئەسلىدە ئاللاھ ئىنسانغا زۇلۇم قىلدى دېگەنلىكتۇر. بۇ بولسا ئاللاھ قا ئېغىر دەرىجىدە تۆھمەت قىلغانلىقتۇر. بۇ بوھتانغا يەنىلا ئاللاھ ئۆزى جاۋاپ بېرىدۇ:

« ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى » ( زۇخرۇف، 76 ).

« ئى ئىنسان ساڭا يەتكەن ھەر ياخشىلىق ( مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن ) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ( قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن )ئۆزەڭدىندۇر » ( نىسا، 79 ).

ئىمام ئەلبەسرى، قۇرئان بەرپا قىلغان يۇقۇرى مۇھاكىمە قابىلىيىتىگە ئىگە ئىدى. بۇ بۆلۈمدە ئەلبەسرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك يېتىشكەن بىر ئالىم ئىكەنلىگىگە شاھىت بولىدىغان بىر تىل تەھلىلى ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. بۇ ئۆرنەك ھىجىرى 1 – ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك بىر تابىئىن ئالىمنىڭ تەپسىر ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىش نوقتىسىدىنمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر.

ئەلبەسرى ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىدا « ئاللاھ ئەرەپلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا خىتاپ قىلىدى » دەپ ئەسكەرتىدۇ. بۇ ئەسكەرتىشنى ئابدۇلمەلىككە قاراتقانلىقىغا قارىغاندا، ئابدۇلمەلىكنىڭمۇ رىسالىنىڭ ئاساسىي نىشانى بولغان قەدەرچى نەزىرىيىنىڭ تەرەپتارى ئىكەنلىكى مەزمۇن جەھەتتىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇستاز بۇ يەردە قەدەرچى ئەقىل سۈيئىستىمال قىلغان ئايەتلەردىن بىرى بولغان ئەئراف سۈرىسى 179 – ئايەتنى تىلغا ئالىدۇ ( مۇلاھىزە قىلىدۇ ). چۈنكى قەدەرچىلەر بۇ ئايەتنىڭ باش قىسمىدىن بىر قىسقا جۈملىنى پارچىلىغۇچى مەنتىق بىلەن ئانا گەۋدىسىدىن يۇلۇپلا ئالىدۇ: « شەك – شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا ( يېقىلغۇ بولۇش ) ئۈچۈن ياراتتۇق ». قەدەرچى ئەقىل بۇ ئايەتنى، « ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جەھەننەملىك بولىشى ئۇلارنىڭ قازايى – قەدەرى » دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

بۇ چۈشەنچىنى تۇنجى بولۇپ رەت قىلغان ئايەت، يەنىلا سۈيئىستىمال قىلىنغان مەزكۇر ئايەتنىڭ كيىنكى قىسمى بولۇپ، مۇنداق دېيىلگەن: « ئۇلارنىڭ دىللىرى بولغان بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق ( ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى ) كۆرمەيدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغان بىلەنمۇ ( ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ ) تىڭشىمايدۇ، ئۇلار گۇيا پادىغا ئوخشايدۇ، ھەتتا ھايۋاندىمۇ بەتتەر گۇمراھلىقتىدۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر » ( ئەئراف، 179 ). ئۇلارنىڭ چۈشىنىدىغان دىللىرى ھەقنى چۈشەنمەيدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇ سەۋەپتىن ھايۋاندىنمۇ بەكرەك ئازغۇن ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئاقىۋەتتە جەھەننەمگە يول ئالغان.

ئىمام ئەلبەسرى « لەجەھەننەمە »دىكى « لام »غا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بۇ ئايەتنى سۈيئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئەرەپ تىلىنى بىلمەيدىغانلىقى ياكى بىلسىمۇ قەستەن بۇرمىلىغانلىقىنى ئىما قىلىدۇ. چۈنكى بۇ « لام » ئۇلار ئېيتقاندەك « تەئلىل / سەۋەپ »نى بىلدۈرىدىغان « لام » ئەمەس. بۇ  « لام » « ئاقىۋەت لامى – لامۇلئاقىبەھ » يەنى ئاقىۋەتنى، كەلگۈسىنى بىلدۈرىدىغان « لام » نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. ئايەتتىكى ئەمەلنىڭ ئىگىسىنى مەزكۇر قىلمىشلىرى سەۋەپلىك قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلبەسرى قەسەس سۈرىسىنىڭ 8 – ئايىتىدە ئورۇن ئالغان « لىيەكۈنە» دىكى « لام »نى ۋە ئالىئمران سۈرىسىنىڭ 178 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغا « لى يەزدادۇ »دىكى « لام »نى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇلارغا ئەرەپ شېئىرلىرىدىن بىر پاكىت ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاقىۋەتنى بىلدۇرىدىغان« لام »غا شېئىردىكى « لىل مەۋت » ۋە « لى خارابىد دەھرى » ئىبارىلىرىدىكى « لام »لارنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ.