ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 11 ۋە 12 – ئابزىسى

elbesri 11 elbesri 12

ئۇلار ئاللاھ نىڭ شۇ كالامىنىمۇ مۇنازىرە تېمىسى قىلىشىدۇ: « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى، سەن ھەرگىزمۇ ( ئاللاھ نىڭ ھېكمىتىنى ) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن » ( ئەنئام، 35 )، بۇ ئەسلىدە مۇشرىكلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلىكىدىن غەمكىن بولغان رەسۇلۇللاھقا قارىتا ئاللاھ نىڭ كايىشى ئىدى. بۇ مەزمۇندا ئاللاھ مۇنداق دېگەن: « ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئۇلارنىڭ قۇرئاندىن ( ئىماندىن ) يۈز ئۆرىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىپ ئۆزەڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن » ( كەھف ،6 ). ئاللاھ ئەلچىسىگە قۇدرىتىنى بىلدۈرگەن، ئەگەر ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا ئىتائەت قىلدۇرماقچى بولسا ئەلۋەتتە بۇنىڭغا كۈچى يېتىدۇ، بۇنداق قىلىشتىن ھەرگىزمۇ ئاجىز كەلمەيدۇ. بىراق ئاللاھ ئۇلاردىن ئېمتىھان ئېلىشنى ۋە ھەركىمگە قىلغان ئەمىلگە يارىشا مۇئامىلە قىلىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن مۇنداق دېگەن: « ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟» ( يۇنۇس، 99 ).

بۇ توغرۇلۇق ئاللاھ نىڭ شۇ سۆزىنىمۇ مۇنازىرە تېمىسى قىلىشىدۇ: « شەك – شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخ ئۈچۈن ( يېقىلغۇ بولىشى ) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەن ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بولغان بىلەن ( ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى ) كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بولغان بىلەنمۇ ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ ) تىڭشىمايدۇ، ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتىدۇر، ئەنە شۇلار ئۆزىگە ياتلاشقانلاردۇر »  ( ئەئراف، 179 ). ئۇلار بۇ ئايەتنى مۇنداق چۈشىنىدۇ ۋە ئىزاھلايدۇ: ئاللاھ تا دەسلەپكى يارىتىشتىلا بىر تۈركۈمىنى جەھەننەملىك قىلغان. شۇڭا ئۇلار ئاللاھ نىڭ تەلىۋى بولغان ئىتائەتكە قادىر بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ( ئاللاھ ) يەنە بىر تۈركۈمنى جەننەتلىك قىلپ ياراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چەكلەنگەن / ھارام ئىشلارنى قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. بۇ خۇددى بويى پاكار يارىتىلغان ئادەمنىڭ بويىنى ئۇزارتىۋېلىشى، رەڭگى قارا يارىتىلغان كىشىنىڭ ئۆزىچە ئاق بولىۋېلىشى مۇمكىن بولمىغانغا ئوخشايدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭچە ئاللاھ، ( باشتىلا ئۇلارنى ھەم جەھەننەملىك قىلىپ پۈتىۋەتكەن، ھەمدە ) مۇئمىن بولمىدى دەپ ئۇلارنى ئازاپقا دۇچار قىلغان.

ئۇلار نوقسانسىز بولغان ئاللاھ نى ئەڭ بولمىغور سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشتى. ھالبۇكى، ئاللاھ جەھەننەمگە كىرگۈچىلەرنىڭ قىلغان ناچار قىلمىشلىرى ۋە شەك – شۈبھىلىرى سەۋەپلىك دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى ھەقىقىتىنى مۇنداق بايان قىلماقتا: « ئۇلار دىللىرى بولغان بىلەنمۇ ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بولسىمۇ كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بار ئەمما ئۇ ئارقىلىق ( ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ ) تىڭشىمايدۇ » ( ئەئراف، 179 ). بۇ ئايەت تۆۋەندىكى ئايەتكە ئوخشاپ كېتىدۇ:

« پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ( نىل دەرياسىدىن ) سۈزىۋالدى. نەتىجىدە، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىگە دۈشمەن ۋە خاپىلىق ( نىڭ مەنبەسى ) بولىدىغان ( بۇ بوۋاقنى ) بېقىۋالدى » ( قەسەس، 8 ).

ھالبۇكى ئۇلار مۇسانى ئۆزلىرى  ئۈچۈن كۆز نۇرى ( يەنى خۇشاللىق ) بولسۇن دەپ بېقىۋالغان ئىدى. بۇ خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ تۋۋەندىكى سۆزىدىكى ھەقىقەتكە ئوخشايدۇ:

« ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز ( ۋە ئەجىلىنى كىچىكتۈرىشىمىز ) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازاپقا دۇچار بولىدۇ » ( ئالىئىمران،178 ).

ئاللاھ بۇ ئارقىلىق: خەۋەر بەرگەن ھەقىقەت شۇدۇر  :ئۇلار ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىشنى تەرك قىلدى، شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا مۆھلەت بەردى، ئۇلارمۇ بۇ مۆھلەت ئىچىدە گۇناھلىرىنى كۆپەيتىۋالدى، دېمەكتە. ئاللاھ ئەرەپلەرگە تونۇشلۇق بولغان تىلدا سۆزلىگەن، ئەرەپ پەيلاسوپلىرىدىن بىرى مۇنداق دەيدۇ:

ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ بېقىپ چوڭ قىلىدۇ،

بۇ خۇددى خارابىگە ئايلىنىشى مۇقەررەر بولسىمۇ، ئىمارەت سېلىشقا ئوخشايدۇ.

( شائىر ) بالىلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ ئۆلۈم، سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە خارابىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ھالبۇكى بالىلار ئۆلسۇن دەپ ئەمەس، ياشىسۇن دەپ بېقىلىدۇ؛ ئۆي-ئىمارەتلەرمۇ خارابىگە ئايلانسۇن دەپ ئەمەس، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياسىلىدۇ. ئى مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! قۇرئان ئەرەپچىدۇر، ئاللاھ ئۇنى ئەرەپلەرگە ( ئەرەپ تىلدا ) نازىل قىلدى، ئۇلارغا مەنىسىنى چۈشۈنىدىغان ئۆزنىڭ تىلىدا خىتاپ قىلدى .