ئىنشىراھ سۈرىسى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « شەرھ » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. ئادەتتە ئىنشىراھ سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ:

« سېنىڭ كۆكسىڭنى ( ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن ) كەڭ / يورۇق قىلمىدۇقمۇ؟ » ( 1).

شەرھ كەلىمىسى « ئاچقان، يورۇتقان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئىجابىي ۋە سەلبىي مەنىدە بەش يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ھەممىسىدە ئىنساننىڭ كۆكرىكىگە قارىتىلغان. بۇ كەلىمە ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى مەككىدە نازىل بولغان. كۆكرەك كەلىمىسىنىڭ مەيلى بىرلىك شەكلى بولغان « سادر » ياكى كۆپلىك شەكلى بولغان « سۇدۇر » بولسۇن، ھېچقانداق بىر يەردە ئورگان مەنىسىدە ئىشلىتىلمىگەن. شەرھ، زۇمەر سۈرىسى 22، ئەنئام سۈرىسى 125 – ئايىتىدە « دىلىنى يورۇتۇش »  بىلەن نەتىجىلىنىش،  تاھا سۈرىسى 25 – ئايىتىدە « قولايلىق ۋە كېكەچلىكنى تۈزىتىش » بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن. سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەتتىكى دىلىنى راھەتلىتىشنىڭ قانداق ئەمەلىيلەشكەنلىكى، ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان.

سۈرە بىر قانچە تەپسىردە، بۇخارى ۋە تىرمىزىدە « سۇرەتۇ ئەلەم نەشراھ » دەپ ئاتالغان. بەزى تەپسىرلەردە « ئىنشىراھ سۈرىسى » دەپ ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە دەسلەپكى مەزگىللەردە نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى.

سۈرە نازىل بولۇش تەرتىۋى جەھەتتىن شۈبھىسىز زۇھا سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان بولۇپ، 6 – ئورۇنغا تىزىلىشى كېرەك. زۇھا ۋە ئىنشىراھ سۈرىسى بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىمام ئاتا ۋە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز بۇ ئىككى سۈرىنى بىر سۈرە دەپ قارىغان ۋە ئوقۇغاندا بۇ ئىككى سۈرىنى « بىسمىللاھ » بىلەن ئايرىماستىن ئۇلاپ ئوقۇغان ( رازى ). سۈرىنىڭ 1 – ئايىتى زۇھا سۈرىسىنىڭ 6 – ئايىتىنى ئىما قىلىدۇ.

بۇ ساھەدىكى بارلىق نوپۇزلۇق زاتلار بۇ ئىككى سۈرىنىڭ بىر – بىرىدىن مۇستەقىل ئىككى سۈرە ئىكەنلىكىدە ھەمپىكىر. لېكىن بۇ ئىككى سۈرە ئارقىمۇ – ئارقا نازىل قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ مەزكۇر سۈرىنى نامازدا زۇھا سۈرىسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇغان. بۇ، ئىككى سۈرىنىڭ بىر سۈرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بىر رەكەتتە ئىككى سۈرىنى ئوقۇشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

شەرھ سۈرىسى مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن زۇھا سۈرىسىگە ئوخشايدۇ. زۇھا، ئىنشىراھ سۈرىسىگە ئوخشاش بىر ئىلھام بەرگۈچى، روھنى كۆتۈرگۈچى سۈرە بولۇپ، كەۋسەر سۈرىسىمۇ بۇ كاتىگورىيىگە كىرىدۇ. بۇ نوقتا نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن سۈرىلەردىن بىرى. سۈرە، نۇبۇۋۋەتنىڭ تاغلاردىنمۇ ئېغىر يۈكى ئاستىدا قەددى پۈكۈلگەن نەبىگە تەسەللى ھەدىيەسى سۈپىتىدە نازىل بولغان. سۈرىنىڭ ئالدىنقى ئايەتلىرى، ئالەملەرگە رەھمەت بولۇشنىڭ ئالەمنىڭ يۈكىنى قەلبىدە ئېلىپ مېڭىش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى.

أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ (1) وَوَضَعْنَا عَنْكَ وِزْرَكَ (2) الَّذِي أَنْقَضَ ظَهْرَكَ (3) وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ (4)

« سېنىڭ كۆكسىڭنى ( ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن ) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟ بېلىڭنى ئىگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىمىدۇقمۇ؟ سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلمىدۇقمۇ؟ » ( 1 – 4 ).

5 – 6 – ئايەتلەر ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى خىتاپ قىلىنغۇچىسىغىچە ھەر كىشىنىڭ كۆكسىنى كېڭەيتىشكە يېتىدۇ:

فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا (5) إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا (6)

« ئەلۋەتتە، ھەر بىر قېيىنچىلىقتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار. ئەلۋەتتە ھەر بىر قېيىنچىلىقتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار » ( 5 – 6 ).

رىسالەت مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى بۇ سۈرىدىنمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان نەرسە يوق. بۇ يۈك شۇنداق ئېغىر بىر يۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى پەقەت ئاللاھ لا يەڭگىللىتەلەيدۇ. كىشىنىڭ يۈكىنى ئاللاھ يەڭگىللەتسە، ھەم كۆڭلى كۆكسى راھەتلەيدۇ، قەلب دۇنياسى يورۇيدۇ، يۈزى يورۇق بولىدۇ. ھەر كۈندۈز ئىككى كېچە ئارىسىدا بولىدۇ. كېچىدىن كېيىن ھامان تاڭ ئاتىدۇ.

ئىنساننىڭ كۆڭلى – كۆكسى راھەتلەپ، يۈكى يەڭگىللىگەن ۋاقىتتا بۇ نېئمەتنى بەخش ئەتكەن رەببىگە يۈزلىنىپ، نېمەتكە بولغان شۈكرىنى كۆپەيتىشى كېرەك. شۇندىلا نېمەتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

ئاخىرىقى ئايەتلەر قېيىنچىلىق مەزگىلىدە رەببىگە يالۋۇرغان، قېيىنچىلىق كۆتۈرۋېتىلگەندە، بۇ نېمەتكە كۆپنچە ۋاقىتتا تۇزكورلۇق قىلىدىغان ئىنسانغا (يۇنۇس 22 – 23 )، نېئمەت ھەققىنى قانداق ئادا قىلىش يولىنى كۆرسەتمەكتە.

فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ (7) وَإِلَى رَبِّكَ فَارْغَبْ (8)

« ئۇنداقتا، قېيىنچىلىقتىن خالىي بولغاندا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ رەببىڭگە يۈزلەنگىن ( نېئمەت بەرگۈچىنى ياد ئەت )! » ( 7 – 8 ).