ھېچكىم ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدا بەدبەخت ۋە سائادەتمەن دەپ ئايرىلمايدۇ

ھەقىقەتكە بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتىدە قارىيالماسلىق ئىللىتى …

دېمەككى قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئۆز مەنپەئەتىگە مۇناسىپ يېرىنى ئېلىپ، مەنپەئەتىگە زىت كېلىدىغان يېرىنى كۆرمەسلىك ئىللىتى، تا مەزكۇر رىسالە يېزىلغان ھىجرى 1 – ئەسىردىلا يۇقۇملۇق ۋاباغا ئايلانغان. ئىمام ئەلبەسرى، ھۇد سۈرىسى 105 – ئايەتنىڭ ئىپادىلىگەن مەزمۇنى ئارقىلىق قەدەرچىلەرنى مات قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى قانداق سۈيئىستمال قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇلار مۇددىئا ۋە قاراشلىرىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن « پارچە »، پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئىچىگە قويۇلغاندا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا ئىشلەيدىغان دەلىلگە ئايلىنىدۇ. ھەقىقەتنى پارچىلاپ مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ مەنتىق، تەدۋىن دەۋرىدىن باشلاپ، ئۆز نەزىرىيىسىنى قۇرئانغا سۆزلىتىش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلار كۆپلەپ مۇراجەت قىلىدىغان  بىر ئۇسلۇبقا  ئايلانغان.

پارچىنى ئاساس قىلىدىغان ئەقىلنىڭ ناس ( ئايەت )لارغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى، سىففىندا شام ۋالىسى مۇئاۋىيەنىڭ قۇشۇنى نەيزە ئۇچلىرىغا قۇرئان بەتلىرىنى ئېسىپ قويۇشىدىن پەرقىسىز. ھەر ئىككى زېھنىيەت سەمىمىيەتسىزلىك ۋە سۈيئىستىمال نوقتىسىدا ئۇچرىشىدۇ.

پارچىنى ئاساس قىلىدىغان ئەقىلنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى، ھۇد سۈرىسى 105 – ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان « ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ » جۈملىسىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش مەنتىقى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە باسقۇچتىن شەكىللىنىدۇ:

1. باسقۇچ، ئالدىنئالا ھۆكۈم قىلىش

بۇ ئەقىل قۇرئاندىن دەلىل ئىزدىگەندە، ھۆكمىنى قۇرئان ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى قۇرئان سىرىتىدا شەكىللەنگەن ئالدىنئالا چىقارغان ھۆكمىگە يانتاياق تېپىش ئۈچۈن قۇرئانغا مۇراجەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى كىتابقا بويسۇنۇش ئەمەس، ئەكسىچە  كىتابنى مەقسىتىگە ماسلاشتۇرۇشتۇر.

  1. باسقۇچ – يۇلۇپ ئېلىش

بۇ زېھنىيەت، قۇرئاندىن ئالدىنئالا شەكىللەندۈرگەن ھۆكمىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بىر جۈملە تاپسا، ئۇنى دەرھاللا ئائىت بولغان ئايەتتىن يۇلۇپ ئېلىپ ئىشلىتىشتە قىلچە ئىككىلەنمەيدۇ. چۈنكى ئايەتنى بىر پۈتۈن ھالەتتە ئالسا، مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. يەنى، خۇددى ھۇد سۈرىسىنىڭ 105- ئايىتىدىكىگە ئوخشاش: « قىيامەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ھەر قانداق ئادەم  پەقەت ئاللاھ تىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ( نەتىجىدە ) ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ ».

  1. باسقۇچ – يۇلۇپ ئالغان پارچىنى ئۆز خاھىشى بويىنچە بۇرمىلاش.

يۇقىرىدىكى مىسالدا يۇلۇپ ئېلىنغان ئايەت، ئەسلىدە كەلگۈسى زاماننى بىلدۈرىدىغان جۈملە شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان زامان، ھېساپ كۈنىدۇر. ئايەت  ئەسلىدىكى بۇ ھالىتى بىلەن، پارچىنى ئاساس قىلىدىغان زېھىننىڭ ئالدىنئالا چىقارغان ھۆكمىنى كۈچلەندۈرمەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن كىچىك بىر ئويۇن بىلەن ئايەتنىڭ زامانى كەلگۈسى زاماندىن ئۆتمۈش زامانغا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ ئارقىلىق تېخى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىن چۈشمىگەن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە « سائادەتمەن » ياكى « بەخىتسىز »لىك تامغىسى ئۇرۇلغانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر، قۇرئان ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بولىدۇ. نەتىجىدە ئىنساننىڭ تاللىشى / ئىرادىسىنىڭ ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان يۈزلەرچە ئايەتنىڭ ھېچقانداق بىر رولى قالمىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئىمام ئەلبەسرى، قەدەرنى بانا قىلىپ ئاللاھ قا بوھتان چاپلىغانلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىدىكى زىتلىقلىرىنى، ناھايىتى ئورۇنلۇق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن. قەدەرچى / جەبىرچى ئەقىلنىڭ بۇ تۇترۇقسىزلىقى پەقەتلا شۇ دەۋىرگىلا خاس ئەمەس. بۇ زېھنىيەتنىڭ تۇترۇقسىزلىقىنى كۈنىمىزدىمۇ ھاياتنىڭ ئىچىدىكى ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بۇلاردىن بىرسى قاتناش راۋان ئېقىۋاتقان بىر يولدا، يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتمەكچى بولسا، « پىشانەمگە نېمە پۈتۈلگەن بولسا شۇ بولىدۇ » دېمەستىن، يېشىل چىراق يانسىمۇ يەنە ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە قارىماي تۇرۇپ ئۆتمەيدۇ. ماشىنا ھەيدىگەن بولسا يان تەرەپكە ئۆتمەكچى بولغاندا، يان ئەينەككە قارىماستىن ئۆتمەيدۇ.

ئىبنى تەيمىيەنىڭ ھەقلىق بولغان شۇ كۆز قارشىدەك، ئەشئەرى / قەدەرچى بىر كالامچىنى بىر مەھكىمىگە قازى قىلىپ تەيىنلىسەڭ، جىنايەتچىلەرنى  سوتلاش ئۈچۈن « ھۆر ئىرادە مەنسۇپلىرىنىڭ » ئەقىل يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبىنى قوللانغانلىقىنى كۆرىسەن. دېمىسىمۇ بۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇل بىلەن ئادالەتنى روياپقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس.