ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 9 ۋە 10 – ئابزىسى

Elbesri 9 Elbesri 10

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، شۇنى ياخشى بىلگىنكى،  [ شۈبھىسىزكى ئاللاھ ] بىر بەندىنى ئاۋۋال كور قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا « كۆر، بولمىسا سېنى ئازاپلايمەن » ياكى ئاۋۋال گاس قىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن « ئىشىت، بولمىسا سېنى ئازاپلايمەن » ۋەياكى ئاۋۋال گاچا قىلىۋېتىپ، ئاندىن كېيىن « گەپ قىل! بولمىسا سېنى ئازاپلايمەن » دېمەيدىغان دەرىجىدە ئادىل ۋە ئىنساپلىقتۇر. ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بۇ، ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر قانداق كىشىگە مەخپى قالمايدىغان ئوپئۇچۇق ھەقىقەتتۇر. ئۇلار ئاللاھ نىڭ شۇ كالامى ھەققىدىمۇ مۇنازىرە قىلىشىدۇ: « ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ » ( ھۇد، 105 ). ئۇلار بۇنى، « ئاللاھ بەندىلىرىنى تېخى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىكى ۋاقىتتىلا [ » بەدبەختلەر » ] ۋە » بەختلىكلەر » دەپ ياراتقان » دەپ شەرھىيلەيدۇ. يەنى، بەدبەختلەر ئۈچۈن سائادەت ، سائادەتمەنلەر ئۈچۈن بەدبەختلەر ئىشكى تاقالغاندەك ئىزاھلايدۇ. ئەگەر ئەھۋال ھەقىقەتەن ئۇلار ئىزاھلىغاندەك بولىدىغان بولسا، ئاللاھ نىڭ [ كىتاپلىرى ] ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى، ھەمدە ئەلچىلەرنىڭ قەۋملىرىنى تەقۋالىققا ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشلىرىنىڭ ھېچبىر مەناسى بولمايتتى. ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ توغرىسى ئۇلار چۈشەنگەندەك ۋە چۈشەندۈرگەندەك ئەمەس. جانابى ئاللاھ ئېيتىدۇكى: « ئەنە شۇ كۈنى پۈتۈن خالايىق ( ھېساپ بېرىش ئۈچۈن ) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن قىلمىشلار ئوتتۇرىغا تاشلىنىدىغان كۈندۇر » ( ھۇد، 103 )، يەنى ( مەھشەر كۈنىدىكى ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ). جانابى ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: « قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەر قانداق ئادەم ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا ئۆزىنى ئاقلىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ، بەزىللىرى سائادەتمەن بولىدۇ » (ھۇد، 105). ئاخىرەتنىڭ سائادەتمىنى، بۈگۈن ئاللاھ نىڭ يوليۇرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ ئۇنى ئەمىليلەشتۈرگەن كىشىدۇر؛ ئاخىرەتنىڭ بەدبەختى بولسا، بۈگۈن ئاللاھ نىڭ يوليۇرۇقلىرىغا ئەمەل قىلماي دىننى يەڭگىل چاغلىغان كىشىدۇر.

ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى بىلگىنكى، ئاللاھ نىڭ يوليۇرۇقلىرىغا، كىتاۋىغا، ئادالىتىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار دىنى ئىشلىرىدا ھەددىدىن ئېشىپ، جاھالىتى سەۋەبىدىن ئىشنى قەدەرگە ئارتىپ قويىدۇ – يۇ، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا بۇ قەدەر چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. يەنى ئۇلار ( دۇنيالىق ) ھەقلىرىنى، گەرچە ئۇ باتىل بولغان تەقدىردىمۇ قولغا كەلتۈرگىچە تىرىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە دىنى ئىشلىرى توغرىسىدا بىر ئىشنى بۇيرىساڭ « قەلەملەر كۆتۈرلۈپ كەتتى / قۇرىدى، كىمنىڭ بەدبەخت، كىمنىڭ سائادەتمەن بولىدىغانلىقى پىشانىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن » دەيدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرەرسىگە « دۇنيالىق تاپاۋەت ئۈچۈن ئۆزەڭنى جاپاغا سالمىغىن، ئىسسىق – سوغۇق دېمەستىن چاپىدىغان سەپەرلىرىڭدىن ۋازكەچكىن، نېمىلا بولمىسۇن رىزقىڭ سېنى تاپىدۇ » دېسەڭ، بۇ سۆزلىرىڭگە دەرھال رەددىيە قايتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا « باغچنىڭ سۇغۇرلىشى، پەرۋىش قىلىنىشى، مۇھاپىزەت قىلىش جەريانىدا ئىسسىق – سوغۇقتا ئۆزەڭنى چارچىتىۋالمىغىن، نېمىلا بولمىسۇن ئېتىزلىقىڭدا نېمىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا تەقدىر قىلىنغان » دېسەڭ، ئۇلار غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا: « قوي – قوتانلىرىڭغا پادىچى قويمىغىن، نېمىلا بولمىسۇن، بۆرىلەرنىڭ يەپ كېتىدىغانلىقى، ئوغرىنىڭ ئوغىرلاپ كېتىدىغانلىقى، قايسىسىنىڭ ئۆلۈپ، قايسىنىڭ تىرىك قالىدىغانلىقى ئەۋۋەلى تەقدىردە يېزىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ئۇ ماللارنى قوغداشقا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ قوغداشنى ئىرادە قىلغان بولسا، ھېچكىم ۋە ھېچنەرسە پادىلىرىڭغا زىيان سالالمايدۇ » دېسەڭ بۇنىڭغىمۇ ھەرگىز قايىل بولمايدۇ. ئەگەر يەنە: « ئېتىڭنى، تۆگەڭنى قېچىپ كەتمىسۇن دەپ باغلاپ ئاۋارە بولما، باغلاپ قويساڭمۇ، باغنى يېشىۋەتسەڭمۇ ئوخشاشلا ساڭا تەقدىر قىلىنغاندىن باشقا ھېچ نەرسە بولمايدۇ » دېسەڭ بۇنىڭغىمۇ ئەلۋەتتە قايىل بولمايدۇ. ئۇ كىشى دۇنيا ئىشلىرىدا قاتتىق ئويلۇنۇپ ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىدۇ ۋە تەدبىرنى ھەرگىزمۇ قولدىن بەرمەيدۇ. ئۆزىنى بۇنداق قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن ئادەمنى نادانلىق بىلەن ئەيىپلەپ، ئۇنىڭ تەكلىپىنى قەتئى رەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا: « مال – مۈلكىڭنى قوغدايمەن دەپ ئىشىكىڭنى مەھكەم ئەتمىگىن! چۈنكى ئاللاھ ساڭا بەخش ئەتكەن نېئمەتلەر توغرىسىدا، ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ – ئەتمەسلىكىڭ ساڭا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ » دېسەڭ، بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ. بىراق دەل شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى دىنى ئىشلىرىنى قازايى قەدەرگە ئارتىپ قويىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ھەققانىيەتنىڭ ئۇلارغا ئېغىر كەلگەنلىكى، باتىلنىڭ بولسا ناھايتىمۇ ئاسان تۇيۇلغانلىقى ئۈچۈندۇر.