مۇززەممىل سۈرىسى

 

مۇززەممىل « ئېغىر يۈك كۆتۈرگۈچى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ئىسىم قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىنىڭ 1 – ئايىتىدىلا ئىشلىتىلگەن:

« ئى زىممىسىگە ئېغىر يۈك ئالغۇچى ( نەبى )! كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقا ۋاقىتتا ئورنىڭدىن تۇر! » ( 1 – 2 ).

ئۇ ( ۋەھىي ) مۇززەممىلدۇر. چۈنكى ئۇنى تاغلارمۇ ئېلىشتىن باش تارتقان « ئېغىر بىر سۆز » ئىدى.

« … چۈنكى بىز ساڭا ئېغىر بىر سۆز نازىل قىلىمىز » ( 5 ).

مۇززەممىل بىلەن مۇددەسسىر بىرى – بىرىنىڭ زىتىدۇر. مۇززەممىلنىڭ يىلتىز پېئىلى بولغان تەزەممەلە « ئۈستىگە بىر نەرسە ئالدى »؛ مۇددەسسىرنىڭ يىلتىز پېئىلى بولغان تەدەسسەرا « ئاستىغا بىر نەرسە ئالدى / سالدى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئۈستىگە ئالغان يۈك ئىنسان يۈكىدۇر. بۇ يۈكنى ئۈستىگە ئالغۇچى يۇمشاق كۆرپىدە خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ. بىرىنچىسى، ۋەھىينىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ زىممىسىگە ئارتقان مەسئۇلىيەتكە، ئىككىنجىسى « ياتقان پاسسىپ ياخشىنى، ياتقان يېرىدىن تۇرغۇزۇپ ئاكتىپ ياخشىغا ئايلاندۇرۇش »قا دالالەت قىلىدۇ.

مۇززەممىل سۈرىسى، بەشىنچى ئايەتنىڭمۇ ئوچۇق دالالىتى بىلەن ئەڭ باشتا نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى. ھەتتا بىزنىڭ ئىزاھاتلىق نازىل بولۇش تەرتىۋىمىزدە « ئالاق » سۈرىسىدىن كېيىنلا نازىل بولغان 2 – سۈرىدۇر. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى، ئالدىنقى 19 ئايەتتىن خېلىلا كېيىن نازىل بولغان. بۇ ئايەتنىڭ قانچىلىك مۇددەتتىن كېيىن نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئىخلاپ بار. ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئىبن ئابباسقا كۆرە، بىر يىل؛ سەئىد بىن جۇبەيرغا كۆرە ئون يىلدىن كېيىن نازىل بولغان ( تابارى ). مۇتلەق كۆپچىلىك ئايەتتىكى « ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ » ئىبارىسىگە ئاساسەن، ئاخىرقى ئايەتنى مەدىنىدە نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ كېلەچەكتىن ئالدىن بېرىلگەن بىر بىشارەتتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا « ئالىمەن ئەن سە يەكۇن – ئۇ ( ئاللاھ ) … بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ » ئىبارىسى بار. « سن » قوشۇمچىسى دالالەت قىلغاندەك، بۇ ئىبارە « بولۇپ بولغان بىر ئىش » ھەققىدە ئەمەس، « بولىدىغان بىر ئىش »تىن خەۋەر بەرمەكتە.

بىزنىڭ ئېنىقلىشىمىزچە بۇ سۈرە ئالاق سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان. مەشھۇر تەرتىپلەردە قەلەم سۈرىسى ئىككىنچى قېتىم نازىل بولغان سۈرە دەپ كۆرسىتىلگەن. بىراق قەلەم سۈرىسى مۇقاتتا ھەرىپلىرى بىلەن باشلىغان ۋە مۇشرىكلارغا قارىتا ئوچۇق ھەيۋە قىلغان مەزمۇنغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنرەك مەزگىلدە نازىل بولغان بولسا كېرەك. بىزنىڭ ئىزاھاتلىق تەرتىۋىمىزدە 7 – ئورۇندا تۇرىدۇ.

مۇززەممىل سۈرىسى، بىرىنچى گۇرۇپپىغا ئائىت بولغان ئالاق، مۇددەسسىر، زۇھا، ئىنشىراھ ۋە قەلەم سۈرىلىرىگە ئوخشاش بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق پەقەت ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بارلىق دەۋرلەر ۋە ماكانلاردا ياشىغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئۈلگىلىك شەخس تىكلەش نەزەردە تۇتۇلغان. بۇ سەۋەپتىن سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىن باشقا ئايەتلەردە ئىككىنچى شەخس بىرلىك ۋە كۆپلىك ئالمىشى ئىشلىتىلگەن.

بۇ سۈرىدە خىتاپ قىلىنغۇچىغا قارىتا 11 بۇيرۇق بار.

تۇر!

( ئۇيقۇنى ) ئازايت!

( قۇرئان ئوقۇشنى ) كۆپەيت!

ئالدىرماي چۈشۈنۈپ ئوقۇ!

رەببىڭنىڭ نامىنى ياد قىل!

ئۆزەڭنى ئاللاھ قا ئاتا!

( رەببىڭنى ) ئۇنى ئۆزەڭگە ۋەكىل، ھامىي قىل!

ساڭا قارىتا ئېيتىلغانلارغا سەبىر قىل!

ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەت / ( چىرايلىقچە ھىجرەت قىل /  ئايرىل )!

ئىنكار قىلغۇچىلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن!

ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەر!

بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغان ھالدا ئۆرنەك تىكلەش نىشان قىلىنغان. بۇ بۇيرۇقلارغا قارىغان ۋاقتىمىزدا ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئىچتىن سىرىتقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇلاردىن بىرىنچىسى « تۇر » بۇيرىقى بولۇپ، « كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقا ۋاقىتتا تۇر! » ( 2 ).

كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ سەۋەبى بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: « قۇرئاننى ئاستا – ئاستا چۈشۈنۈپ / ھەزىم قىلىپ ئوقۇ! » ( 4 ).

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە بۇ بۇيرۇقنىڭ سەۋەبى ئىزاھلانغان: « چۈنكى بىز ساڭا ئېغىر بىر سۆز نازىل قىلىمىز » ( 5 ).

« نېمە ئۈچۈن كېچە؟ » دېگەن سوئال سورىلىشى مۇمكىن. بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى 6 – ئايەت بەرمەكتە: « ئەلۋەتتە ( شۇ ) كېچىدىكى تىرىلىش ناھايىتى چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ ۋە ئوقۇش جەھەتتىن قالدۇرىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ ».

سۈرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى، رەسۇلۇللاھتىن ئۆزىنى ئاتىشىنى / بېغىشلىشىنى تەلەپ قىلغان تۆۋەندىكى ئايەتلەر تەشكىل قىلماقتا:

وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا (8) رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا (9)

« رەببىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن ۋە بارلىقىڭنى ئۇنىڭغا ئاتىغىن! ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن ( يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن ) » ( 8 – 9 ).

ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەكتە، ۋەھىيگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارغا قارشى « سەبىر قىل! » ئەمرىنى بەرگەن ئاللاھ، رەسۇلۇللاھنى ۋەھىينى يالغانغا چىقارغۇچىلارنى ئۆزىگە ھاۋالە قىلىشقا، ئۇلار بىلەن ئاۋارە بولماسلىققا بۇيرىيدۇ ( 10 – 11 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە پىرئەۋننىڭ ئاقىۋىتى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئىنكار قىلىشقا تەمشەلگەنلەر ئاخىرقى سائەت ۋە ئاخىرەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان ( 12 – 19 ).

ئاخىرقى ئايەتتە، باشتا بېرىلگەن كېچىنىڭ ئۈچتەنبىرىدىن ئاز بولمىغان « ئوقۇش » ئەمرى يەڭگىللىتىلگەن بولۇپ، سۈرە ئىلاھىي رەھمەتنىڭ چەكسىزلىكى تەكىتلەنگەن ھالدا ئاخىرلاشقان.

رەببىم! بىزنى چەكسىز رەھمىتىڭ ئىچىگە ئالغىن، مەغپىرەت قىلىنغۇچىلار قاتارىدىن قىلغىن!