ئالاق / ئەلەق سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

سۈرىگە 2 – ئايىتىگە ئاساسەن « ئالاق » دەپ ئىسىم قويۇلغان:

« ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى مېھرى مۇھەببەت ۋە ئالاقىدىن ياراتتى » ( 1 – 2 ).

ئالاق، ئىنساننىڭ ئۆزگىچىلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا، « ئالاقە، كۆڭۈل بۆلۈش، مېھرى – مۇھەببەت » مەنىسىنى؛ تۆرەلمە ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك تەرىپى نەزەردە تۇتۇلغاندا، « بالاياتقۇغا چۈشكەن تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى ھالىتى، ھۈجەيرە » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. « ئالاق ۋە ئالاقە » كەلىمىلىرىنىڭ قۇرئاندىكى ئىشلىتىلىش ئۇسلۇبلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. قۇرئاندا بۇ كەلىمە بەش جايدا ئىشلىتىلگەن. بۇلاردىن تۆتى « ئالاقە » شەكلىدە مۇئەننەس ( چىشى ) تۈرىدە كەلگەن. ئىشلىتىلگەن جايلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ھەج سۈرىسى 5 – ئايەت
  2. مۇئمىنۇن سۈرىسى 14 – ئايەت
  3. غافىر سۈرىسى 67 – ئايەت
  4. قىيامەت سۈرىسى 37 –ئايەت

بۇ تۆت ئورۇننىڭ ھەممىسىدە ئىنساننىڭ ئانا قوسقىدىكى تۆرەلمە باسقۇچىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ سۈرىدە باشقا شەكىللەردىن پەرقلىق ھالدا « ئالاق » شەكلىدە كەلگەن. بۇ ئۆزگىچە بىر ئەھۋال بولۇپ، قۇرئاندا پەقەت بۇ يەرگىلا خاس شەكىلدە ئىشلىتىلگەن. ئىنساننىڭ بالاياتقۇدىكى تۆرەلمە ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان « ئالاقا » بىلەن، بۇ سۈرىدىكى « ئالاق » ئارىسىدىكى پەرق، مۇتلەق شەكىلدە مەنىدىمۇ ئەكس ئېتىشى كېرەك. مانا بۇ نوقتىدا، بۇ كەلىمىنىڭ يىلتىز مەنىسى ھەققىدە، سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ساھەسىدە مەشھۇر بولغان ئىبن فارىسنىڭ « مۇقايىسۇل لۇغا » ناملىق ئەسىرىدە « ئەل ھۇببۇل لازىم لىل قەلب – قەلب ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھەببەت » دېگەن مەنىنى كۆرىمىز.

بۇ، « ئالاقا » شەكلىدىن پەرقلىق ھالدا پەقەت بۇ يەردىلا كەلگەن « ئالاق » شەكلى ئۈچۈن بەرگەن « مۇھەببەت ۋە ئالاقە » مەنىسىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس. ئايەتتە « ئالاق » تىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئۇنسۇر « ئىنسان جىنسى »دۇر. « ئەل – ئىنسان »دىكى قاراتمىلىق « جىنس / تۈر » ئۈچۈندۇر. بۇ، ئالاق بىلەن ئىپادىلەنگەن نەرسىنىڭ تۈرگە خاس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەگەر « ئالاق » كەلىمىسىگە تۆرەلمە باسقۇچىنى ئىپادىلەيدىغان « ئالاقا » مەنىسىنى بەرگەن ۋاقتىمىزدا، « تۆرەلمە / ھۈجەيرە / سىپرما »دىن يارىتىلىشنىڭ پەقەت ئىنسان تۈرىگە خاس ئىكەنلىكى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قەتئىي توغرا ئەمەس. باشقا جانلىقلارمۇ « تۆرەلمە / ھۈجەيرە / سىپرما »دىن يارىتىلغان. بۇ يەردە ئىنسانغا خاس بىر نەرسە ئۈستىدە توختىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. شۇڭا بۇ كەلىمە بۇ سۈرىدە، باشقا جايدىكى مەنىسىدىن پەرقلىق شەكىلدە ئىشىلىتىلگەن. ئىنسانغا خاس بولغان ئۇ نەرسە « مۇھەببەت ۋە ئالاقە »دۇر.

تۇنجى نەسىل سۈرىنى بىرىنچى ئايىتى بىلەن تولۇق ئاتىغان.

سۈرىنىڭ كىرىشى، ھەقىقىي مەنىدە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى قېتىم نازىل بولغان ئايەتلىرىدۇر. ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئەبۇ مۇسا رىۋايەتلىرىدە، ۋەھىي، مەككىدە « ئىزدىنىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ھىرا » غارىدا، تەپەككۇر تولغىقى يەۋاتقان ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەدكە، فىل ۋەقەسىدىن تەخمىنەن 40 يىل كېيىنكى بىر رامىزان كېچىسىدە نازىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتى بىلەن باشلانغان.

سۈرە ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان مەككە شەھرىنىڭ، ئەڭ ئېگىز نوقتىسىدىكى سەبىر تېغىنىڭ يېنىدىكى ھىرا تېغى ئۈستىدىكى بىر تەبئىي غاردا نازىل بولغان. ھىرا غارى مەككىگە ھاكىم بىر ئېگىزلىكتە كەبىنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر جايدا ئىدى. رەسۇلۇللاھتىن بۇرۇن، بۇ غاردا ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىغا ئاساسەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چىققان بىردىنبىر كىشى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ، ئىبراھىمى دىنغا مەنسۇپ بولغان تاغىسى زەيد بىن ئامر بىن نۇفەيل ئىدى.

سۈرە نازىل بولغان ۋاقىتنى كۈنى بىلەن ئېنىق قىلىپ ئېيتالمىساقمۇ، تەخمىن قىلىش مۇمكىن. يەنى مىلادى 610 – يىلى ئاغۇست ئېيىدىكى بىر دۈشەنبە كېچىسى نازىل بولغانلىق ئېتىمالى يۇقىرى. بەيھەقى، ۋەھىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئارقىمۇ – ئارقا كۆرۈلگەن چۈشلەرنىڭ ھىجرەتتىن 13 يىل مۇقەددەم بىر رەببىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا باشلانغانلىقىنى ۋە ئالتە ئاي داۋام قىلغانلىقىنى نەقىل قىلغان. بۇ تارىخ مىلادى 610 – يىلى فېۋرالغا توغرا كېلىدۇ. چۈشلەرنىڭ ئالتە داۋاملاشقانلىقىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تارىختىن ئالتە ئاي كېيىنكى ۋاقىت، شۇ يىلى ئاغۇست ئېيىغا توغرا كېلىدۇ. ۋەھىينىڭ تۇغۇلىشىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن ئوخشاش بولغان دۈشەنبىگە توغرا كەلگەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ كۈننى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا بەرگەن جاۋابىدىن بىلىمىز.

بۇ ھەقتىكى سەھىھ رىۋايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: 40 ياشقا يېقىنلاشقاندا ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەتكە يالغۇزلۇق ياخشى كۆرگۈزۈلدى. ئۇ ھىرا تېغىدىكى ھىرا غارىدا ئۆزىنى تەپەككۇر ۋە ئىبادەتكە ئاتىدى. بىر كېچىسى تۇيۇقسىز ۋەھىي پەرىشتىسى كەلدى ۋە « ئوقۇ! » دېدى. ئۇ « مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن! » دەپ جاۋاپ بەردى. چۈنكى ئۇ بۇ مەزگىلگىچە ئوقۇپ – يېزىپ باقمىغانىدى ( ئەنكەبۇت، 48 )، رەسۇلۇللاھ مۇنداق نەقىل قىلغان: « پەرىشتە مېنى شۇنداق قاتتىق سىقتىكى مادارىم قالمىدى ». بۇ ئەھۋال ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى (  بۇخارى، بەدىئۇل ۋەھىي، 1: 1؛ مۇسلىم، ئىمان، 1:73 ). ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۈرىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتى نازىل بولدى ( ۋەھىينىڭ كېلىش شەكىللىرى ئۈچۈن شۇرا، 51 – ئايەتكە قاراڭ ).

23 يىللىق ۋەھىي جەريانىنىڭ تۇنجى كەلىمىسى « ئوقۇ ». بۇ بىر پېئىل بولۇپ، بىر ئىشنى « قىل! » بۇيرىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر بىر بۇيرۇق بىر ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇنجى قېتىم نازىل بولغان بەش ئايەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىنساننىڭ « ئۆگىنىش » قابىلىيىتى بولۇپ، ۋەھىي بىلىمگە، ئىنساننىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى ۋە ۋاستىلىرىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش بىلەن باشلانغان. ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم مەسلىلىرىدىن بىرى، توغرا بولغان بىلىمگە ئىگە بولۇش، يارىتىش ۋە يەتكۈزۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەلىم ۋە تەربىيىدۇر.

تۇنجى قېتىم نازىل بولغان بۆلەك ۋە سۈرىلەرنىڭ تېمىسى ئارىسىدىكى مەقسەتلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى مەنىدار بولۇپ، ھەقىقىي بىر « كىرىش سۆز » بولغان فاتىھەنى مۇستەسنا دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ ئېنىقلىشىمىزغا ئاساسەن ئەڭ باشتا نازىل بولغان بەش تەرتىپ ۋە تېما تۆۋەندىكىچە:

  1. ئالاق سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتى تەپەككۇر ۋە بىلىمنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  2. مۇززەممىل سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى 11 ئايىتى، ھېس – تۇيغۇ ۋە ئەخلاقنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  3. مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى 7 ئايىتى، رول ۋە كېلەچەكنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  4. زۇھا سۈرىسى، تەرغىپ ۋە ئىلھام بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
  5. ئىنشىراھ سۈرىسى، ئەزىم ۋە قەتئىيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

تۇنجى نازىل بولغان ئايەت، ئاللاھ نىڭ ئىسىمى بىلەن / ئاللاھ نىڭ نامىدىن ئوقۇشقا ئەمردۇر. بۇ بۇيرۇق، ئىسلامنىڭ شۇئارى بولغان بىسمىللاھتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

تۇنجى بەش ئايەت، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋەقەنىڭ باشلانغۇچى بولغان قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى بۆلىكىدۇر. بۇ بۆلەكتە ھەقىقەتكە مۇناسىۋەتلىك بىلىم، ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ يولى ۋە ئۇسلۇبى بايان قىلىنغان.

اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ (1) خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ (2) اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ (3) الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ (4) عَلَّمَ الْإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ (5)

« ياراتقان رەببڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى مۇھەببەت ۋە ئالاقىدىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ ئىنسانغا ( بىلىمنى ) قەلەم بىلەن ( يېزىشنى ) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى » ( 1 – 5 ).

بۇ بەش ئايەتتىن كېيىنكى ئايەتلەر ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن نازىل بولغان. بۇ قۇرئان دەۋىتىگە كۈچ ئىشلىتىپ ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە باشلانغان 3 – يىلغا توغرا كەلمەكتە.

بۇ سۈرىنى « پالانى ۋاقىتتا نازىل بولدى » دېيىش، ئۇ سۈرىنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ بەش ئايەتلىك بۆلەكتىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە، ئاللاھ ۋەھىي ئەۋەتىش بىلەن كۆڭۈل بۆلگەن ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئاجىزلىقى تىلغا ئېلىنغان:

كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَى (6) أَنْ رَآَهُ اسْتَغْنَى (7)

« شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى ئۆزىگە يېتەرلىك دەپ قارىغان ۋاقىتتا ھەقىقەتەن ئازىدۇ » ( 6 – 7 ).

ئىنسان ئازغان ۋاقتىدا ئىبادەتكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىيدۇ:

أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَى (9) عَبْدًا إِذَا صَلَّى (10) أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَى (11) أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَى (12) أَرَأَيْتَ إِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّى (13)

« ( ئى مۇھاتاب! )، ئىبادەت قىلماقچى بولغان بەندىنى توسماقچى بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟

( ئى ئىبادەتنى توسماقچى بولغان كىشى! ) ئۇ كىشى توغرا يولدا بولۇپ قالغان بولسا ۋەياكى توغرا يولغا، مەسئۇلىيەتنى بىلىشكە دەۋەت قىلىۋاتقان بولسىچۇ دەپ سوراش ئەقلىڭگە كەلدىمۇ؟

ئويلاپ باقتىڭمۇ، ئەگەر ئۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلسا ۋە ئاللاھ تىن يۈز ئۆرىسە، … » ( 9 – 13 ).

مانا بۇ چۈشەنچىنىڭ ئاستىدا كۆرمەيدىغان بىر ئاللاھ چۈشەنچىسى ياتىدۇ:

أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَى

« اﷲ نىڭ ( ئۇنى ) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ » ( 14 ).

سۈرە، مۇھاتابىنى تەربىيلىگۈچى سۈپىتىنى نايامەن قىلغان ھالدا، تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن بىردەك بولغان بىر نەھىي ۋە ئىككى بۇيرۇق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:

كَلَّا لَا تُطِعْهُ وَاسْجُدْ وَاقْتَرِبْ

« ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىتائەت قىلما! ( اﷲ قا ) سەجدە قىلغىن ۋە (بۇ ئارقىلىق اﷲ قا) يېقىنلىشىشقا تىرىش! » ( 19 ).