فاتىھە سۈرىسى ھەمدۇسانانى ئاللاھ قا خاس قىلىش بىلەن باشلايدۇ. فاتىھە، قۇرئاندا « ھەمد » بىلەن باشلانغان ئەنئام، كەھف، سەبەئ، فاتىر قاتارلىق بەش سۈرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ سۈرىلەرنىڭ ھەممىسىدە « ھەمد » ئاللاھ قا خاس قىلىنغان. « ئەلھەمدۇلىللاھ » بىلەن باشلانغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەككىدە نازىل بولغان.

فاتىھە قۇرئاننىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدۇر. يەنى:

« ئاللاھ »، بارلىق سۈپەتلەر ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەشكەن خاس ئىسىمدۇر.

« ئەلھەمدۇلىللاھ »، بارلىق زات ۋە كامال سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« رەببىل ئالەمىن »، بارلىق يارىتىش ۋە مەۋجۇدىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« ئەررەھمان ئەررەھىم »، ئىنسان ئۈچۈن رەھمەت بولغان دىننى پۈتۈنلەي ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« مالىكى يەۋمىددىن »، بارلىق ئاخىرقى سائەت، قىيامەت، ئاخىرەت، جەننەت ۋە جەھەننەم ئايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىيياكە نەئ بۇدۇ، بارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « ۋە ئىيياكە نەستەئىن »، ئىبادەتلەردە تەۋھىد ۋە ئىخلاسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىم »، ئەخلاق، ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە بەشەرى مۇناسىۋەتلەرگە دائىر جىمى توغرىلار / ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« سىراتەللەزىنە ئەنئەمتە ئەلەيھىم » ئۆتمۈشتىكى بارلىق ياخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

« غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋە لەدداللىن »، ئۆتمۈشتىكى توغرا يولدىن قېيىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فاتىھە، ئاللاھ – ئىنسان مۇناسىۋىتىنىڭ  كودىنى / شىفرىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. فاتىھەدە ئاللاھ تىن ئىنسانغا نازىل بولغان رەھمەت ۋە ۋەھىي، ئىنساندىن ئاللاھ قا ئۆرلىگەن دۇئا ۋە ئىبادەت تىلغا ئېلىنىدۇ. فاتىھە، ئاللاھ نىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەنلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشالايدىغان مىسلىسىز پرىنسىپلار گەۋدىسىدۇر. فاتىھە، تەۋھىد كەلىمىسى بولغان « لا ئىلاھە ئىللەللاھ »نىڭ شەرھىسىدۇر. فاتىھە، كىملەرگە ئوخشاش بولىشىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، كىملەرگە ئوخشاپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، فاتىھە، ئاللاھ – ئىنسان ئارىسىدىكى كېلىشىمدۇر. ئالدىنقى ئۈچ ئايىتى، ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان سانادۇر. ئاخىرقى ئۈچ ئايىتى ئىنساننى تونۇشتۇرغان بىر دۇئادۇر. ئوتتۇرىدىكى بىر ئايەت ( ئىيياكە نەئ بۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىن )، كېلىشىمنىڭ دەل ئۆزىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن مۇقىم بولغان « ئامىن »، بۇ كېلىشىمگە قويۇلغان ئىمزادۇر. رەسۇلۇللاھ، « فاتىھە ئوقۇغان كىشىگە پەرىشتىلەرمۇ ئامىن دەيدۇ. كىمنىڭ » ئامىن «ى پەرىشتىلەرنىڭكىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ دۇئالىرى قوبۇل بولىدۇ » دېگەن. ئىنساننى ئىسلاھ قىلغۇچى كۈچى بىلەن ھەقىقى بىر فاتىھ بولغان قۇرئان، ئىنساننىڭ قەلب ئىشكىنى فاتىھە ئاچقۇچى ئارقىلىق ئاچىدۇ.

فاتىھە، مۇئمىنگە ئاللاھ تىن بىر نەرسە تىلەشنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۈگىتىدۇ

فاتىھە، مۇئمىنگە ئاللاھ تىن بىر نەرسە تىلەشنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۈگەتمەكتە. ئاللاھ تىن تىلەش، يەنى دۇئا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن « ئىبادەتلەرنىڭ نىگىزىدۇر ». بۇ سەۋەپتىن رەببىمىز نەبىنى « ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ » دېيىشكە بۇيرىغانىدى. دۇئا بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنىڭ ئىقرارىدۇر. دۇئا قەلبنىڭ ئاللاھ بىلەن قىلغان دىئالوگىدۇر. ئاللاھ بەندىدىن ئەڭ رازى بولغان ۋاقىت ئۇنىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلغان ۋاقتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەممىگە ۋە ھەممە نەرسىگە يېتەرلىك بولغۇچىدۇر، بەندە ئۆزىگىمۇ يېتەرلىك ئەمەستۇر. بەندىنىڭ ئاللاھ قا بولغان ئىبادىتى، بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. دۇئا قىلىش، ئۆزىگە يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسلۇبىدۇر. دېمىسىمۇ شېرىكنىڭ يەنە بىر ئېنىقلىمىسى، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە يېتەرلىك دەپ قارىشىدۇر.

ئاللاھ تىن تىلەش ئۇسلۇبى بىر – بىرى بىلەن زىچ باغلانغان ھالقىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ:

  1. ئاللاھ تىن تىلەشنىڭ بىرىنچى ھالقىسىنى « ھەمد » تەشكىل قىلىدۇ. ھەمد – شۈكۈر، مەدھىيە، سانا، تازىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشى ئاللاھ تىن بىر نەرسە تىلەشتىن بۇرۇن « ھەمد » ئېيتىشى كېرەك. ئۇ، بۇ ئارقىلىق تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ:
  • تىلىمىسەممۇ بەرگەن چەكسىز نېئمەتلىرىڭنى ئۇنۇتمىدىم.
  • ئالدىنئالا بەرگەن نېئمەتلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا مىننەت ۋە شۈكۈر ئېيتىمەن.
  • تىلەشكە يۈزۈم بولمىسىمۇ سەندىن يېڭى نەرسىلەر سورايمەن. سەندىن بۇ نەرسىلەرنى تىلىشىم ئۇنى تىلەش ھەققىم بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ چەكسىز ئىلتىپاتىڭغا مۇھتاج بولغانلىقىمدىندۇر.
  • سەندىن تىلىگەنلىرىمنى بەرسەڭمۇ، بەرمىسەڭمۇ، ساڭا مۇھتاج، قەرز ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن ۋە بۇ سەۋەپتىن جىمى ھەمدنى ساڭا ئاتايمەن.
  • مەن ساڭا ھەمد ئېيتمىغان تەقدىردىمۇ، كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇدىيەت ئۆز تىلى بىلەن ساڭا، پەقەت ساڭىلا ھەمد ئېيتماقتا.
  • مەن ئېيتقان ھەمد، كائىناتتىكى مەۋجۇدىيەت ئېيتقان ھەمدكە قارىغاندا يوق ھېسابتا، لېكىن مېنىڭ ساڭا ھەمد ئېيتىشىم ماڭا قىممەت قوشماقتا. شۇڭا سەن مېنىڭ ھەمد ئېيتىشىمدىن بىھاجەتسەن، لېكىن مېنىڭ ساڭا ھەمد ئېيتىشقا ئېھتىياجىم بار.
  • سەندىن غەيرىگە ھەمد ئېيتمايمەن. بۇنداق قىلغۇچىلار بولغان تەقدىردىمۇ، جىمى ھەمدلەر ئاخىرى يەنىلا ساڭا قايتىدۇ، سېنى كۆرسىتىدۇ، سەندە قارار تاپىدۇ.
  • ئالەملەرنىڭ جىمى ھەمدىنىڭ ساڭا خاس ئىكەنلىكىنى بىلمەن، چۈنكى سەن ئالەملەرنىڭ رەببى. مەنمۇ ئۇ ئالەملەرنىڭ ئىچىدىكى بىر ئالەم. ساڭا ھەمد ئېيتىش ئارقىلىق، سېنىڭ مېنىڭ رەببىم ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن.

ئاللاھ قا ھەمد ئېيتىش، ئاللاھ نى مەدھىيەلەش ۋە ئۇنىڭغا سانا ئېيتىشتۇر. ئاللاھ نى مەدھىيەلەش – ئاللاھ ماختىغاننى ماختاشتۇر. ئاللاھقا ھەمد ئېيتىش – ئاللاھ ماختىمىغاننى ماختىماسلىقتۇر. ئاللاھ قا ھەمدى ئېيتىش – ئاللاھ ماختىغاننى ماختاش، ئۇ چەكلىگەندىن يىراق تۇرۇشتۇر. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، مەيلى ئۇ ئەتتىگەندىن كەچكىچە تىلى بىلەن ھەمدى ئېيتسۇن، تىلىدىكىنى ھەرىكىتى بىلەن يالغانغا چىقارغان بولىدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرگەننى يامان كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئاللاھ قا ھەمد ئېيتقانلىقتۇر. ئاللاھ ئۇلۇغلىغاننى ئۇلۇغلاش، ئاللاھ خار كۆرگەننى خار كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئاللاھ قا ھەمد ئېيتقانلىقتۇر.

  1. ئاللاھ تىن تىلەشنىڭ ئىككىنجى ھالقىسىنى، ئاللاھ نىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى بىلىش تەشكىل قىلىدۇ. ئالەملەرنىڭ رەببى، مەۋجۇدىيەتنى بىر مەقسەت بىلەن ياراتقان ۋە ياراتقان مەخلۇقلىرىنى يارىتىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تەربىيەلىگۈچىدۇر. ئىنساننىڭمۇ بىر يارىتىلىش مەقسىتى بار ۋە بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تەربىيىلىنىشى كېرەك. ئىنساننىڭ تىلىكىنىڭ ھەممىسى يارىتىلىش مەقىسىتىگە مۇۋاپىق بولىشى ناتايىن. ئىنسان بەزىدە ئەڭ ياخشىسى بار يەردە، ئاز مەنپەئەتلىك بولغاننى تىلەپ قالىدۇ. ھەتتا بەزىدە ياخشى بار يەردە، ئۆزى ئۈچۈن ياماننى تىلەپ قالىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاخىرقى تەھلىلدە نېمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. بەزىدە ياخشى دەپ ئويلىغان زىيانلىق، زىيانلىق دەپ ئويلىغان ياخشى بولۇپ چىقىدۇ. ئىنسانغا ھەر تىلىكىنىڭ بېرىلىشى، ئىنساننىڭ ئۆزىگە بالا تېپىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. ھەزرىتى ئەلى « مەن ئاللاھ نىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ھەر تىلىكىمنى ئىجاۋەت قىلماسلىقىدىن بىلدىم » دېگەن. بىز ئاللاھ تىن تىلەيمىز، لېكىن تىلىكىمىزنىڭ ھەققىمىزدە خەيرىلىك بولۇپ – بولمىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ سەۋەپتىن مۇتلەق خەيىر بولۇپ – بولمىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولالمىغان نەرسىلەرنى تىلىگەندە « خەيىرلىك بولسا ئىجاۋەت قىلغىن » دەيمىز. بۇ، تىلەشتىكى بىر ئەدەپتۇر. ئاللاھ بەزىدە تىلىكىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، بەزىدە ئىجابەت قىلمايدۇ. ئىجابەت قىلمىغاندا، بۇنىڭ بىز ئۈچۈن ياخشىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئالەملەرنىڭ رەببىگە ھەمد ئېيتىش بىلەن دۇئانى باشلىشىمىزنىڭ بىزگە ئەسلىتىدىغان ھەقىقەتلىرىدىن بىرسى، « ئى رەببىم! سەن تىلىگىمنى ئىجابەت قىلساڭمۇ، قىلمىساڭمۇ ھەمدىم ساڭا خاستۇر. ئەگەر ئىجابەت قىلساڭ شۈكۈر قىلىمەن ۋە شۈكۈرۈمنى ئاشۇرىمەن. ئەگەر ئىجابەت قىلمىساڭ، «يوقلۇق خەيىرلىك ئىكەن » دەپ ھەمد ئېيتىمەن ۋە ھەمدىمنى ئاشۇرىمەن. چۈنكى تىلىگىمنىڭ ھەققىمدە خەيىرلىك بولۇپ – بولمىغانلىقىنى ھەر دائىم مەن بىلەلمەيمەن. مەن كۆز ئالدىمدىكى پارچىنى كۆرىمەن، سەن بىر پۈتۈن گەۋدىنى كۆرىسەن. پەقەت پارچىنىلا كۆرۈشكە قادىر بولغىچىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، پۈتۈننى كۆرۈپ يەتكۈچىگە تەسلىم بولۇشتۇر. مەن ساڭا ئارزۇلىرىمدا تەسلىم بولدۇم. ئارزۇ قىلغان ھەر نەرسەمنىڭ مەن ئۈچۈن خەيىرلىك ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. بۇنداق بولغانىكەن، ئى ئالەملەرنىڭ رەببى! خەيىرنى مېنىڭ ئارزۇيۇم قىلغىن! ».
  2. ئاللاھ تىن تىلەش ئۇسلۇبىنىڭ ئۈچىنچى ھالقىسى، « ئاللاھ »نىڭ رەھمان ۋە رەھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر. ئاللاھ زاتىدا رەھمەت ئىگىىسدۇر، ھەر ئىشىدا رەھمەت قىلغۇچىدۇر. زاتىدىكى رەھمەتنى « رەھمان » ئىسمى، ئىشىدىكى رەھمەتنى « رەھىم » ئىسىمى تەمسىل قىلىدۇ. ئاللاھ تىن بىر نەرسە تىلىگۈچى، مۇھاتابىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكنىڭ رەھمەت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىشى ۋە ئۆزى بىر نەرسە تىلەۋاتقان زاتنىڭ رەھمەتنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىشى كېرەك. بۇنى ھېس قىلىپ يەتكۈچى، تىلىگەن تىلىكى ئەمەلگە ئاشمىغاندا ھەمد ئېيتالايدۇ. چۈنكى تىلىكىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئاللاھ نىڭ ئۇنى ساقلاپ قېلىشى، مەرھەممىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئاللاھ نىڭ بەندىسىگە بولغان مەرھەمىتى، بەندىنىڭ ئۆزىگە بولغان مەرھەمىتىدىن چەكسىز ئۈستۈندۇر. بەندە بەزىدە ئارزۇلىرى بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىگە ھەر تىلىكىنى ئىجابەت قىلماي ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىدۇ.

ئاللاھ نىڭ چەكسىز مەرھەمەتنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىش، ئىنساننى ئۆزى لايىق بولمىغان بىر غورۇر ۋە ئۆزىگە مۇۋاپىق بولمىغان ئىشەنچكە يۈزلەندۈرىدۇ. مانا بۇ نوقتىدا تۆتىنجى ھالقا زۆرۈر بولىدۇ:

  1. ئاللاھ تىن تىلەش ئۇسلۇبىنىڭ تۆتىنجى ھالقىسى، ئاللاھ نىڭ ھېساپ كۈنىنىڭ ئىگىىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر. دىن كۈنى، دەين ( قەرز ) كۈنىدۇر. ئۇ كۈنى، بەندىلەر ئاللاھ قا بولغان قەرزىنى قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن « قەرز كۈنى » دەپ ئاتالغان. ئۇ كۈنى، بەندىلەر ئىچىدىن ئاللاھ قا قەرزدار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلار، شەيتانلاشقان، نەمرۇتلاشقان، پىرئەۋنلەشكەنلەرمۇ قەرزىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئىنكار قىلمىغانلىقى ئۈچۈن « قەرز كۈنى » دېيىلگەن. دىن كەلىمىسىمۇ « قەرز » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « دەين » كەلىمىسىدىن تۈرلىنىپ چىققان. دىندارلىق، قەرزدارلىق تۇيغۇسىدۇر. بەندىدىن ئاللاھ قا بولغان قەرزىنى قايتۇرۇشىنى تەمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق بەندىدىن ئاللاھ قا بولغان قەرزىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىنكار قىلماسلىق تەلەپ قىلىنماقتا. بۇنى ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇ ئاڭ بىلەن ياشىغان كىشى قەرزىنى قايتۇرغان دەپ قارىلىپلار قالماستىن، ئۇنىڭغا مۇكاپات سۈپىتىدە جەننەت بېرىلىدۇ.
  2. ئاللاھ تىن تىلەش ئۇسلۇبىنىڭ بەشىنچى ھالقىسى، ئىبادەتنى پەقەت ئاللاھ قىلا خاس قىلىشتۇر. دىققەت قىلىڭ! فاتىھەدە ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشىمىز تەلەپ قىلىنمايۋاتىدۇ. پەقەت ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. ئىبادىتىمىزنى پەقەت ئۇنىڭغىلا خاس قىلىشىمىز، ئاللاھ تىن غەيرىگە ئىبادەت قىلماسلىقىمىز / قۇل بولماسلىقىمىز تەكىتلىنىۋاتىدۇ. يەنى، فاتىھە نەپس – خاھىشقا قۇل بولۇشنى چەكلىمەكتە، بەندىگە قۇل بولۇشتىن توسماقتا، نەرسە – كېرەكلەرگە قۇل بولۇپ قېلىشىمىزنى مەنئى قىلماقتا. پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىش، كىشىنىڭ ئۆز نەپسىدىن تارتىپ ئاللاھ تىن غەيرى ھەرقانداق نەرسىگە بولغان قۇللۇقنى رەت قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن فاتىھە ھەقىقىي ئەركىنلىك خىتابنامىسىدۇر. چۈنكى ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق، ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىدىن تارتىپ بارلىق مەنىۋىي بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇتقۇزماقتا.

فاتىھەدە ئاللاھ قا خاس قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىتائەت، ھەم ئىبادەتنى، ھەمدە ئۇبۇدىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىبادەت – ئاللاھ رازى بولغاننى ئادا قىلىشتۇر. ئۇبۇدىيەت – ئاللاھ نىڭ قىلغانلىرىدىن رازى بولۇشتۇر. ئاللاھ رازى بولغاننى ئادا قىلغۇچى، ئاللاھ  قىلغانغىمۇ رازى بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا « ئاللاھ ئۇلاردىن رازىدۇر، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازىدۇر » قۇرئان مەدھىيىسىگە لايىق بولىدۇ. ئاللاھ رازى بولغاننى ئادا قىلىش بەندىنىڭ ئىسلامى، ئاللاھ روياپقا چىقارغاندىن رازى بولۇش بەندىنىڭ ئىمانىدۇر. ئىسلام ئىماننىڭ جىسمى، ئىمان ئىسلامنىڭ يۈرىكىدۇر. يەنى ئىبادەت ئۇبۇدىيەتنىڭ ۋۇجۇدى، ئۇبۇدىيەت ئىبادەتنىڭ نېگىزىدۇر. بۇنداق بىر قەلبنى قۇرئان « پاك قەلب » دەپ تەرىپلىمەكتە. پاك قەلبنىڭ قىبلىسى دەل ئاللاھ تۇر. قىبلىسى ئاللاھ بولغان بىر قەلبنىڭ دۇئاسى ئاللاھ قا خاس قىلىنغان بولىدۇ.

  1. ئاللاھ تىن تىلەشنىڭ ئالتىنجى ئۇسلۇبى، دۇئانى پەقەت ئاللاھ قىلا خاس قىلىشتۇر. ئايەتنىڭ كېيىنكى يېرىمى بولغان « پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز » ئىبارىسى، دۇئانى پەقەت ئاللاھ قىلا خاس قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ئايەتتە « دۇئا » يىلتىزىدىن ئەمەس، « ئاۋن » سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن « نەستەئىن » پېئىلى ئىشلىتىلگەن. ياردەم تىلەشمۇ دۇئانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىراق ئۇ دۇئادىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياردەم تىلەشنىڭ ئاللاھ قا خاس قىلىنىشى، تۇنجى مۇھاتاپلار بولغان مەككە مۇشرىكلىرىدىن تارتىپ شېرىك پاتقىقىغا پاتقانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشى باشلىغان نوقتىدۇر. « ياردەم تىلەش »تىن ئىبارەت بىغۇبار بىر سەۋەپ، ياردەم تەلەپ قىلىنغۇچىغا تازىم قىلىشنى / بويۇن ئېگىشنى تەقەززا قىلىدۇ. تازىم ئۇلۇغلاشنى، ئۇلۇغلاش قۇللۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ تىن غەيرىگە قۇل بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

فاتىھە، ئاللاھ قا دۇئا قىلىشنى ئەمەس، دۇئانى پەقەت ئاللاھ قا خاس قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. دۇئانى ئاللاھ قا خاس قىلمىغۇچىنىڭ، قەلبىنىڭ قىبلىسى ئېغىپ كەتكەن بولىدۇ. دۇئانى ئاللاھ قا خاس قىلماسلىقىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرسى، ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىغا ۋاستە قويۇشتۇر. فاتىھە بۇ نەسھىيىتى ئارقىلىق بارلىق ۋاستىچى پىكىرلەرنى ئىنسان زېھنى / قەلبىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى تارىخ بويىنچە ئوتتۇرىغا چىققان ھەر خىل شېرىكنىڭ ئۇلىدا، ئىنساندىن يىراق بولغان ئىلاھ تەسەۋۋۇرى ياتماقتا. قۇرئان بۇ چۈشەنچىنى يەريەكسان قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: « بىز بەندىمىزگە جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن ». يەنە مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ( ئۇلارغا ئېيتقىنكى )، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. سىلەرمۇ مېنىڭ  ( پەقەت مەندىنلا تىلەڭلار ) دەۋىتىمگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە ماڭا ئىشەنچ قىلىڭلار ». بۇ ئايەت، دۇئانى ئاللاھ قا خاس قىلماسلىقنىڭ تەكتىدە، ئەسلىدە ئاللاھ قا بولغان ئىشەنچسىزلىكنىڭ ياتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

  1. ئاللاھ تىن تىلەش ئۇسلۇبىنىڭ يەتتىنچى ھالقىسى، ئاللاھ نىڭ بىز ئۈچۈن خالىغىنىنى، بىزنىڭمۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن خالىشىمىزدۇر. چۈنكى ئاللاھ بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى / مەنپەئەتلىك بولغاننى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا ئاللاھ، فاتىھەدە بەندىگە ئۆزىدىن نېمە تىلىشى كېرەكلىكىنى ئۈگەتكەن. يەنى، ھىدايەت… « بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن! » بىر ھىدايەت دۇئاسىدۇر. ئاللاھ نىڭ ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىشىنى ھەر خىل شەكىلدە چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. لېكىن بەندىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن تاللىشىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان شەكىلدە چۈشۈنۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق چۈشۈنىدىغان بولساق « خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كۇپۇرلۇق قىلسۇن »، « ئاللاھ ئىنسانغا فۇجۇرنى ۋە تەقۋانى ئىلھام قىلدى »، « دىندا زورلاش يوق، توغرا يول ئازغۇنلىقتىن ئايرىلدى » دېگەندەك ئايەتلەرنى توغرا شەكىلدە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا بەندىنىڭ ئاللاھ تىن ھىدايەت تەلىپى، ئەسلىدە ئىگە بولغان توغرا يول ئۈستىدە توغرا شەكىلدە مېڭىش ئۈچۈن قىلغان ياردەم تەلىپىدۇر. بۇ دۇئانى قىلغۇچى بەندە توغرا يولدا بولغان بىر بەندىدۇر. ئەگەر « بىزنى سىراتى مۇستەقىمگە باشلىغىن » دەپ دۇئا قىلغان بولسا، فاتىھەنى ئوقۇۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر. فاتىھەنى ئوقۇۋاتقان بولسا، ۋەھىيگە ئىشىنىدۇ دېمەكتۇر. ۋەھىيگە ئىشەنگەن بولسا، ھىدايەتنى قولىدا تۇتىۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر. دېمىسىمۇ، فاتىھەدىكى ھىدايەت تەلىپىگە، مۇسھاپتا بۇ سۈرىنىڭ ئارقىسىدا يەر ئالغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ 2 – ئايىتى بىلەن جاۋاپ بېرىلگەن:« ئەلىف، لام، مىم. بۇ كىتاپتا ( يەنى قۇرئاندا ) ھېچ شەك يوق، ( ئۇ ) تەقۋادارلاغا يېتەكچىدۇر ». شۇنداق، ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى ۋەھىي شەكلىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. چۈنكى ئەقىل ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنساننىڭ ئىچىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ھىدايەت يېتەكچىسىدۇر. ئۇ ئەقىلنى قانداق قىلغاندا توغرا ئىشلىتىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ۋەھىي بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

بىرسى جەننەتكە، يەنە بىرسى جەھەننەمگە تۇتاشقان ئىككى يول

فاتىھەنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى بىزگە ئىككى نەرسىنىڭ جاۋابىنى بېرىدۇ:

بىرىنچىسى، ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ يولى قايسى؟

ئەلجاۋاپ: « نېئمەت بېرىلگەنلەرنىڭ يولى ». دېمەككى، ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەر نېئمەت بېرىلگەنلەر ئىكەن. بۇ بىزدىن بۇرۇن ھىدايەتكە ئېرىشكەن بىر كارۋاننىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نوقتىدا، « ئۇنداقتا، نېئمەت بېرىلگەنلەر كىملەر؟ » دېگەن سوئال ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. بۇ سوئالغا قۇرئان مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ: « ئاللاھ قا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغۇچىلار، ئاللاھ نېئمەت بەرگەن پەيغەمبەرلەر، ھەقىقەتكە سادىق بولغانلار، ھاياتىنى ئىمانىغا شاھىت قىلغانلار ۋە ياخشىلىقنى يايغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە بولىدۇ. ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى ھەمراھلار » ( نىسا، 69 ).

ئىككىنجىسى، ھىدايەتكە ئېرىشمىگەنلەرنىڭ يولى قايسى؟ بۇ سوئالغا ئىككى ئازغۇن يولنى كۆرسىتىش بىلەن جاۋاپ بېرىلمەكتە:

  1. غەزەپكە ئۇچرىغانلارنىڭ يولى.
  2. زالالەتكە دۇچار بولغانلارنىڭ يولى.

قۇرئاننىڭ تۇنجى مۇپەسسىرى بولغان رەسۇلۇللاھ، فاتىھەنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: « غەزەپكە ئۇچرىغانلار يەھۇدىيلاردۇر، زالالەتكە دۇچار بولغانلار خىرىستىيانلاردۇر » ( تىرمىزى، تەپسىر، 2 / 2957، ئىبنى ھەنبەل ). ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ ئىككى خىل ئېزىشقا تارىختىن ئىككى ئۆرنەك بەرگەن. ھەر مۇئمىن، ھەر قېتىم فاتىھەنى ئوقۇغاندا بۇ ئىككى ئازغۇن يولغا كىرىپ قېلىشتىن پاناھ تىلەپ ئاللاھ قا سېغىنماقتا. دېمەككى، فاتىھە ئوقۇپ، ناماز ئۆتىگەن مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بۇ ئىككى ئازغۇنلۇققا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى بار. بۇنى « مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلىشىشى » ۋە  « مۇسۇلمانلارنىڭ خىرىستىيانلىشىشى » دەپ ئاتىساق خاتالاشمايمىز.

يەھۇدىيلىشىش – دىننىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىدىگە / شەكلىگە چىڭ ئېسلىۋېلىشتۇر. خىرىستىيانلىشىش – دىننىڭ جەسىدىنى / شەكلىنى ئۆلتۈرۈپ، روھىغا چىڭ ئېسلىۋېلىشتۇر. يەھۇدىيلىشىش – دىننى مېھرى – مۇھەببەتسىزلەشتۈرۈش، خىرىستىيانلىشىش – دىننى شەرىئەتسىزلەشتۈرۈشتۇر. يەھۇدىيلىشىش – رەسۇل / ئەلچىلەرنى خارلاشتۇر، خىرىستىيانلىشىش – رەسۇل / ئەلچىلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاشتۇر، ئىنسانلىق ھالىتىدىن چىقىرىپ تاشلاشتۇر. يەھۇدىيلىشىش – دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتۇر، خىرىستىيانلىشىش – روھبانلىشىشتۇر.

فاتىھە، بۇ ئىككى خىل ئازغۇنلىققا قارشى مۇئمىننى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۇلارنىڭ يولىغا كىرىش ئۈچۈن چوقۇم يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان بولۇش شەرت ئەمەس. قۇرئانغا ئاساسەن، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارمۇ باشتا ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ئىساغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلار ئىدى. ھەزرىتى مۇسا ۋە ھەزرىتى ئىسانىڭ مۇئمىن ۋە مۇسۇلمان ئۈممىتى قانداق قىلىپ يەھۇدىيلەشكەن ۋە خىرىستىيانلاشقان بولسا، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىمۇ ئۇلار ماڭغان يولدىن مېڭىپ يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىشى مۇمكىن، بۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. شۇڭا فاتىھە، ھەر نامازنىڭ ھەر رەكەتىدە مۇئمىننى بۇ ئىككى خەۋپكە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

فاتىھەنىڭ ھۆكمى

رەسۇلۇللاھ « فاتىھەسىز ناماز ناماز ئەمەس » ( بۇخارى، ئەزان، 95؛ مۇسلىم، سالات، 34 / 394 ) دېگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىنى بەزى ئىماملار نامازدا فاتىھە ئوقۇشنى پەرز دەپ چۈشەنگەن. ئىمام شافى، ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل بۇ قاراشنى قوللىغان ئىماملار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. يەنە بەزى ئىماملار مۇززەممىل سۈرىسى 20 – ئايەتتە يەر ئالغان « قۇرئاندىن ئاسان بولغاننى ئوقۇڭلار » دېگەن جۈملىگە ئاساسەن، نامازدا قىرائەت شەرتىنىڭ قۇرئاندىن بولۇش شەرتىگە ئاساسەن باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، دېگەن. بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كەلمەكتە. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ قارىشى، رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ساھابىگە ناماز ئوقۇشنى ئۆگەتكەندە « قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغاننى ئوقۇ » ( بۇخارى، سالات، 45؛ مۇسلىم، سالات، 263 ) دېگەن سۆزىنى ئاساس قىلغان.

جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازلاردا فاتىھەنىڭ ھۆكمى ھەققىدىمۇ ئىماملار ئىككى پەرقلىق دەلىلگە ئاساسەن، پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە « ئىمامنىڭ قىرائىتى، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ قىرائىتىدۇر » ( ئىبن ھەنبەل ) ھەدىسى بىلەن مۇتلەق شەكىلدە ئەمەل قىلغان ۋە ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ فاتىھە ئوقۇشىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ قارىشىدا، ئىمامنىڭ قىرائەتنى تىشىدا ۋە ئىچىدە ئوقۇغان ۋاقتىدىكى پەرق ئايرىلمىغان. ئىمام فاتىھەنى جارى ئوقۇغان بامدات، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىدا، « قۇرئان ئوقۇلغاندا جىم تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار »  دېگەن ئايەتمۇ، بۇ قاراشتىكىلەر ئايرىم ھالدا كۆرسەتكەن بىر دەلىل بولغان. لېكىن ئايەتنىڭ ئالدى ئارقىسىدىكى مۇناسىۋەت نەزەرگە ئېلىنغاندا، بۇ ئايەتنى بۇ قاراشقا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشكە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

ئىمام شافى، جامائەت بىلەن ئادا قىلىنغان نامازلاردا، ئىمام جارى ياكى ئىچىدە ئوقۇغانلىق پەرقىنى ئايرىماستىن، جامائەتنىڭ ئايرىم ھالدا فاتىھە ئوقۇشى شەرت دەپ قارىغان. چۈنكى ئۇ « فاتىھەسىز ناماز ناماز ئەمەس » دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلغان. باشقا دەلىللەر بىلەن ئەمەل قىلمىغان.

بۇ ھەقتە دەلىللەرنىڭ ھەممىسىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر قاراش بار. بۇ قاراش، بۇ مەسىلىدە تۇتۇپ مېڭىشقا بولىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق قاراشتۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئىمام جارى ئوقۇغان نامازلاردا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان جامائەت « قۇرئان ئوقۇلغاندا جىم تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار »  دېگەن ئايەتكە ۋە « ئىمام ئۆزىگە ئىقتىدا قىلىنغۇچىدۇر، تەكبىر ئالغاندا سىلەرمۇ تەكبىر ئېلىڭلار، ئوقۇشقا باشلىغاندا جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار » ( مۇسلىم، سالات، 82 / 412 ) ھەدىسىگە ئاساسەن جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ ۋە فاتىھەنى ئايرىم ئوقۇمايدۇ. بىراق ئىمام فاتىھەنى ئىچىدە ئوقۇيدىغان پىشىن ۋە ئەسەر نامازلىرىدا، جامائەت فاتىھەنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ ۋە « فاتىھەسىز ناماز ناماز ئەمەس » دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ. بۇ قاراش تەھىقىق ئەھلى ئۆلىمالار تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان. بىزمۇ بۇنى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان قاراش دەپ قارايمىز.

فاتىھەنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ھېكمىتى

بۇ مۇبارەك سۈرىنىڭ نامازنىڭ ھەر رەكىتىدە تەكرارلىنىشىنىڭ چەكسىز ھېكمىتى بار. بىزنىڭ ئەقلىمىزگە كەلگەن، بىز بىلىپ يېتەلىگەن ھېكمەتلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. فاتىھەدىكى ھەقىقەتلەر شۇنداق ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنتۇپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ كىشىنى ھەر دائىم ھۇشيار تۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ سەۋەپتىن فاتىھەدىكى ھەقىقەتلەرنى ئىزچىل تەكرارلاپ تۇرۇش ۋە مەزكۇر ئەبەدىي ھەقىقەتلەرنى ئۇنتۇماسلىققا نىيەت قىلغانلىقىنى نامايەن قىلىش لازىم.
  2. ئىنسان ئۇنتۇغاقتۇر. ئىنسان كەلىمىسىنىڭ سۆز تومۇرى بىلەن، « ئۇنتۇش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « نىسيان » كەلىمىسىنىڭ سۆز تومۇرى ئوخشاشتۇر. ھەتتا ئىبن ئابباس ئىنسان كەلىمىسىنى بۇ سۆز يىلتىزىغا نىسبەت قىلىدۇ. ئۇنتۇغاق ئىنسانغا ئەسكەرتىلىدۇ. ئاللاھ مۇ فاتىھە ئارقىلىق ئىنسانغا رەببى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
  3. فاتىھەنىڭ نامازنىڭ ھەر رەكەتىدە تەكرارلىنىشى، سالات تەكرارىدىن زىيادە باشقا بىر ھەقىقەتنى ئىما قىلىدۇ. يەنى فاتىھەنىڭ چەكلىك لەبزىنىڭ ئارقىسىدا پۈتمەس – تۈگىمەس بىر مەنا ئوكيانۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن فاتىھەنىڭ ھەر ئوقۇلىشى بىر تەكرارلىنىش ئەمەس، ئۇ مەنا ئوكيانۇسىدىن بىر قىسمىنىڭ يەنە ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلبكە نازىل بولىشىدۇر.
  4. فاتىھە ئىسمى، ئىسمى فائىلدۇر. « ئاچقۇچى » دېگەنلىكتۇر. فاتىھە بىر ئاچقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلبنى ئاللاھ قا ئاچىدۇ. قەلب تۇپرىقىغا ئىلاھىي رەھمەت بۇلۇتلىرىنى جەلىپ قىلىدۇ. ئۇ بۇلۇتلاردىن تۆكۈلگەن رەھمەت بىلەن قەلب تۇپرىقىنىڭ ياشنىشى ۋە جەننەت كەبى بىر باھارغا ئېرىشىشىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇ تۇپراققا تېرىلغان ئىمان، ئېھسان، تەقۋا باشاقلىرىنى توشقۇزىدۇ.
  5. فاتىھە مۇئمىننىڭ ھاياتى بويىنچە تىلىدىن چىققان سۆزلەرنىڭ ئىچىدە تەكرارلىنىشى ئەڭ يۇقىرى بولغان سۆز بولىشى كېرەك. فاتىھە ئىلاھىي كالامنىڭ ئەڭ بېشىدا يەر ئالغاندەك، مۇئمىننىڭ سۆز لوغىتىدىمۇ فاتىھە ئەڭ باشتا يەر ئېلىشى لازىم. ھاياتنىڭ بارلىق سۆزلىرى تۈرگە ئايرىلىپ، تەكرارلىنىش سىستاستىكىسى بىلەن بىر يەرگە قويۇلغاندا، فاتىھە ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان مۇبارەك سۆزلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك.

 

 

فاتىھە قۇرئاننىڭ فاتىھىدۇر. فاتىھە قۇرئاننى ئىنسانغا، ئىنساننى قۇرئانغا ئاچىدۇ.

فاتىھە نامازنىڭ فاتىھىدۇر. فاتىھە نامازنى قۇرئانغا، قۇرئاننى نامازغا ئاچىدۇ. فاتىھە ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بولغان بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ، بارلىق ساماۋىي شەرىئەتلەرنىڭ ئۆزىدۇر. شۇڭا پەرقلىق دىنلارغا مەنسۇپ ئىنسانلار مەۋجۇت بولغان بىر دوستىخاندا، « ھەممە كىشى ھەمپىكىر بولغان ئورتاق بىر تېكىست ئوتتۇرىغا قويايلى » دېگەندە، فاتىھەدىنمۇ ياخشى بىر تېكىستنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن فاتىھە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس كودلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھىي بىر خىتاپتۇر.