قۇرئان مۇئمىنلەرنى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇلارغا بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش، ئىسەۋىلەرنىڭ خىرىستىيانلىشىش قەدەم باسقۇچلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىدۇ ( 30 – 34 ). بۇ مۇسۇلمانلارغا « يەھۇدىيلەشمەڭلار ۋە خىرىستىيانلاشماڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشى ئىدى. بۇ بۆلەكتە سۆزنىڭ يەھۇدىيلىشىش ۋە خىرىستىيانلىشىش ئۆرنەكلىرىدىن كېيىن، « ئى ئىمان ئېيتقانلار! » ( 34 ) دەپ مۇئمىنلەرگە قارىتىلغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى.

ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەكتە، ئۆزىنى جامائەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىدىن خالىي تۇتماقچى بولغان بايلارغا ئەخلاقى مەسئۇلىيىتى، باشقۇرغۇچىلارغا كىرىمنىڭ تەقسىملىنىشىدە ئادالەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق مەسئۇلىيىتى ئەسكەرتىلىدۇ ( 34 – 35، 60 ).

ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەزالىرى، جېنى ۋە مېلى بەدىلىگە ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىشتا بوشاڭلىق قىلالمايدۇ. سۈرىدە بۇنداق قىلغۇچىلار، قاتتىق بىر تىل ئۇسلۇبى بىلەن تەنقىتلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ئېنىق بولغانلار، ئىسلام جامائىتى تەرىپىدىن كەسكىن ۋە ئېنىق بىر ئىپادە بىلەن چەتكە قېقىلىدۇ ( 38 – 123 ).

تەۋبە سۈرىسىمۇ خۇددى ئەنفال سۈرىسىگە ئوخشاش « ئۇرۇش ئەخلاقى » ھەققىدە توختالغان سۈرىلەردىن بىرى بولۇپ، مۇئمىنلەرگە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ مۇئەييەن پىرىنسىپلىرى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇش باشقا ئۇرۇشلارغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ نامى بىلەن يولغا چىققاندا، بۇ سەپەرگە ئاتلانغۇچىلارغا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەر بولىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خوش بىشارەت بېرىلىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنغىدەك بىر ئۆزرە بولماي تۇرۇپ، ئاللاھ يولىدىكى جىھاتتىن قېچىش كەلمەكتە. بۇ ئىككى يۈزلىمىچىلەر قىلىدىغان بىر ئىشتۇر ( 73 – 80 ). قەلبىدە كېسەل بولغان بەزىلەر ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماقچى بولغانلارغا « بۇ ئىسسىقتا ئۇرۇشقا چىقماڭلار! » دېگۈدەك دەرىجىدە ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنىدى. قۇرئان ئۇلارغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: « جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر » ( 81 ).

ھەر ئىمان ئۆزىنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايەن قىلىدۇ. نىفاق ئېتىقادتىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئىللىتىدۇر. بۇ كېسەلنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە نامايەن قىلىدىغان ئامىل يەنىلا ئەمەلىي ھەرىكەتتۇر. بۇ سۈرە نىفاق ھەققىدە « روھى ئانالىزى » ئېلىپ بارغان نادىر سۈرىلەردىن بىرى بولۇپ، مۇناپىقلارنى نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، نىفاقنىڭ تەبىئىيتى ھەققىدە ئۆز دەۋرىدىن جانلىق ئۆرنەكلەر بېرىدۇ. مانا بۇ بۆلەك ئارىسىدا، خىتاپ بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ۋە ئازارلىغان تۈستە تۆۋەندىكى ئىشنى قىلىشتىن توسىدۇ:

وَلَا تُصَلِّ عَلَى أَحَدٍ مِنْهُمْ مَاتَ أَبَدًا وَلَا تَقُمْ عَلَى قَبْرِهِ إِنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَمَاتُوا وَهُمْ فَاسِقُونَ

« سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار اﷲ ۋە اﷲ نىڭ رەسۇلىغا تۇزكورلۇق قىلدى ۋە پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى » ( 84 ).

قۇرئاندا كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشىنى ياماندىن ئايرىيدىغان ساپ ئەقىل بەرپا قىلىش ئۇسلۇبى بۇ سۈرىدىمۇ ئورۇن ئالغان. ئىككى يۈزلىمىچىنى ئىككى يۈزلىمىچى بولمىغانلاردىن ئايرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن چىقىرىدىغان خېلى كۆپ ساۋاق بار:

لَيْسَ عَلَى الضُّعَفَاءِ وَلَا عَلَى الْمَرْضَى وَلَا عَلَى الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنْفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُوا لِلَّهِ وَرَسُولِهِ مَا عَلَى الْمُحْسِنِينَ مِنْ سَبِيلٍ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ (91) وَلَا عَلَى الَّذِينَ إِذَا مَا أَتَوْكَ لِتَحْمِلَهُمْ قُلْتَ لَا أَجِدُ مَا أَحْمِلُكُمْ عَلَيْهِ تَوَلَّوْا وَأَعْيُنُهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُوا مَا يُنْفِقُونَ (92)

ئاجىزلار (يەنى ياشانغان بوۋايلار)، كېسەللەر، ئىنفاق قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغۇدەك نەرسە تاپالمىغانلار / ( جىھادقا چىقىشقا ) خىراجەت تاپالمىغانلار اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ رەسۇلىغا سادىق بولسىلا، ئۇلار جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) « مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق » دېدىڭ؟ ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى، ئۇلارغا ئەيىبلەش يوقتۇر ( 91 – 92 ).

قۇرئاننىڭ بۇ مۇئامىلىسى ناھايىتى زىل ۋە ئىنچكە بولۇپ، پەقەت ياخشىنى ياماندىن ئايرىشنى ئۈگىتىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى يامان ئىچىدىن تېخىمۇ ئاز ناچار / يامان بولغاننىمۇ ئايرىشنى ئۈگىتىدۇ. بۇ بىزگە ھەزرىتى ئۆمەرگە نىسبەت قىلىنغان شۇ سۆزلەرنى ئەسلىتىدۇ: « ئەقىللىق بولۇش ياخشىنى ياماندىن ئايرىش ئەمەس. بەلكى ئۇ، ئىككى يامان ئارىسىدىن تېخىمۇ ئاز يامان بولغاننى ئايرىپ چىقىشتۇر ». تۆۋەندىكى ئايەت، ئىككى يامان ئارىسىدا تېخىمۇ ئاز زىيانلىق بولغاننى ئايرىشنى ئۈگىتىدىغان بىر نەسىھەت سۈپىتىدە ئوقۇلىشى كېرەك:

الْأَعْرَابُ أَشَدُّ كُفْرًا وَنِفَاقًا وَأَجْدَرُ أَلَّا يَعْلَمُوا حُدُودَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ عَلَى رَسُولِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

« ئەئرابىلار كۇفرى ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكتە ( باشقىلارغا قارىغاندا ) تېخىمۇ چىڭ تۇرىدۇ. ( ئۇلار ) اﷲ رەسۇلىغا نازىل قىلغان ھايات شەكلىنىڭ چەك – چېگرىسىنى بىلىش ۋە چۈشۈنۈپ يېتىشتە باشقىلارغا قارىغاندا ئارقىدا تۇرىدۇ، اﷲ بۇ ھەقىقەتنى ناھايىتى ياخشى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 97 ).

ئايەتتە « شەھەرلىك / مەدەنىي » مۇئامىلە بىلەن « چەت ياقىلار / چۆل » مۇئامىلىسى سېلىشتۇرما قىلىنغان. بۇ ئايەت « چەت ياقىلار / چۆل » ئەسكىنىڭ، « شەھەرلىك / مەدەنىي » ياماندىن تېخىمۇ بەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى « چەت ياقىلار / چۆل »نىڭ ئەسكىسى باتىل ۋە ئازغۇن بولۇش بىلەن بىرگە، قوپال، قالاق ۋە تەربىيەسىز كېلىدۇ.

سۈرە بۇ بايانلاردىن كېيىن سۆزنى شۇنداق بىر نوقتىغا كەلتۈرىدىكى، ئۇ « تاش دەل جايىغا قويۇلغان » نوقتىدۇر:

وَقُلِ اعْمَلُوا فَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ وَالْمُؤْمِنُونَ وَسَتُرَدُّونَ إِلَى عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ

(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « (خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى اﷲ ، اﷲ نىڭ رەسۇلى ۋە مۇئمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ. نىھايىتىدە يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (اﷲ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، اﷲ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ » ( 105 ).

سۈرىدە پەقەت ئىككى يامان / زىيان ئىچىدىن ئەڭ ئاز يامان / زىياننى تاللاپ ئايرىشنىلا ئۈگىتىدىغان ئايەتلەر ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئىككى ياخشى ئىچىدىن تېخىمۇ ياخشىسىنى قانداق ئايرىيدىغانلىقىمىزنى ئۈگىتىدىغان ئايەتلەرمۇ يەر ئالىدۇ. ئىككى ياخشى ئارىسىدا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى دائىم ئاكتىپ بولغان ياخشىدۇر. پاسسىپ ياخشى دائىم ئاكتىپ ياخشىدىن كېيىن تۇرىدۇ. بۇنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە ئەڭ چوڭ مۇكاپاتمۇ ئاكتىپ ياخشىلارغا بېرلمەكتە. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا:

إِنَّ اللَّهَ اشْتَرَى مِنَ الْمُؤْمِنِينَ أَنْفُسَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ بِأَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقْتَلُونَ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ وَالْقُرْآَنِ وَمَنْ أَوْفَى بِعَهْدِهِ مِنَ اللَّهِ فَاسْتَبْشِرُوا بِبَيْعِكُمُ الَّذِي بَايَعْتُمْ بِهِ وَذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ (111) التَّائِبُونَ الْعَابِدُونَ الْحَامِدُونَ السَّائِحُونَ الرَّاكِعُونَ السَّاجِدُونَ الْآَمِرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَالنَّاهُونَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَالْحَافِظُونَ لِحُدُودِ اللَّهِ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ (112)

« شۈبھىسىزكى، ﷲ يولىدا جەڭ قىلغان، ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىنلەردىن، ﷲ  ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. بۇ ﷲ نىڭ تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا بەرگەن ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ﷲ تىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ ئۇنداقتا قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مانا بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.

بۇ، قاچان بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، دەرھال پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ﷲ قا يۈزلىنىپ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ، پەقەت ﷲ قىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ، ( ﷲ قا ) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، ئۇنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلارنىڭ، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ، پەقەت ﷲ ئالدىدىلا ئىگىلىپ، پەقەت ئۇنىڭ ھوزۇىدىلا سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ، ياخشى ۋە توغرا بولغان ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلارنىڭ، ﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار ( يەنى ﷲ نىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار )نىڭ مۇۋەپپەقىيەتىدۇر؛ بۇ خوشخەۋەرنى مۇئمىنلەرگە يەتكۈزگىن » ( 111 – 112 ).

بۇ سۈرىنىڭ 119 – ئايىتىدىكى بىر جۈملە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: « سادىقلار بىلەن بىللە بولۇڭلار! » بۇ جۈملە « سادىقلاردىن بولۇڭلار! » شەكلىدىمۇ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. ھەتتا « سادىق بولۇڭلار! » شەكلىدىمۇ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۇنداق شەكىلدە ئەمەس، « سادىقلار بىلەن بىللە بولۇڭلار! » شەكلىدە كەلگەن. بۇ ئىلاھىي ئەمىر بىزگە ئەسلىتىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بېشىدا ساداقەت كېلىدۇ. سادىق بولۇش، ساداقەتنى ساقلاپ قېلىشتىن ئوڭاي. ساداقەتنى ساقلاپ قېلىش سادىق بولۇشتىن قېيىن. بۇ قېينچىلىقنى يېڭىشنىڭ يولى سادىقلار بىلەن بىللە بولۇشتۇر. كىشى سادىقلارنىڭ ئىچىدە بولغاندا ساداقەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئۆز ئالدىغا يالغۇز بولغان ۋاقتىڭىزدا سۇنىدىغان ساداقەت تېرىكىڭىز، باشقىلار بىلەن بىرگە بولغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. سادىقىتىڭىزگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى ھەر خىل ۋەسۋەسىلەرگە ئۆزىڭىز يالغۇز قارشى تۇرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما سادىقلار بىلەن بىللە بولغاندا، ئۇنىڭغا قارشى پۇت تىرەپ تۇرالايسىز.

قۇرئان مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭدا قىلچىلىك شۈبھە يوق. لېكىن ئېنىق بولغان يەنە بىر نەرسە باركى، ئۇ بولسىمۇ قەلبىنى كېسەللىك قاپلاپ كەتكەنلەرنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ قۇرئاننىڭ مۆجىزىۋى خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. بۇ ئالاھىدىلىكنى قۇرئان « مەسانى » دەپ ئاتايدۇ. قوشماق ۋە زىتلىق پەقەت يارىتىلغان شەيئىلەردىلا ئەمەس، قۇرئاننىڭ مۇھاتابىنىڭ مەيدانىغا ماس ھالدا ئۆز تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. قېنى بۇ ئايەتنى ئوقۇپ باقايلى:

وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ فَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ أَيُّكُمْ زَادَتْهُ هَذِهِ إِيمَانًا فَأَمَّا الَّذِينَ آَمَنُوا فَزَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَهُمْ يَسْتَبْشِرُونَ (124) وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَى رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ (125)

( قۇرئاندىن ) بىرەر پارچە نازىل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: « بۇ ( يەنى پارچە ) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى؟ » دەيدىغانلار بار. مۇئمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، بۇ ( يەنى پارچە ) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار ( سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن ) خۇشال بولىدۇ، بۇ خوشخەۋەرنى بىر – بىرىگە يەتكۈزىدۇ.

دىللىرىدا كېسەل بارلار ( يەنى مۇناپىقلار ) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ ( پارچە ) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشىدۇ ( يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ، تېخىمۇ گۇمراھلىشىدۇ )، ئۇلار گېلىغىچە پاتقان كۇپۇر پاتقىقىدا كاپىر پېتى ئۆلىدۇ ( 124 – 125 ).

سۈرىدىكى ئاللاھ نىڭ « بىر ئىكەنلىكى، باقىي، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، يىگانە نىجادكار، مەغپىرىتى چەكسىز، ئەڭ قۇدرەتلىك، تەۋبىلەرنى دائىم قوبۇل قىلغۇچى » دەپ تونۇشتۇرغان جۈملىلەر، پەقەت ئىنساننىڭ ئاللاھ قا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە ئىنساننىڭ بەندىلىك شەرىپىگە ئىگە بىر مۆتىۋەر مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە ھۆر ۋە ئەركىن ئىكەنلىكىنىمۇ ۋاستىلىق شەكىلدە ئىما قىلىدۇ. بۇ، ئىنساننىڭ « مەن »لىك، تارىخ، دوست – يارەن، قەبىلە، مال – مۈلك، ئۆرپ – ئادەت … قاتارلىق ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملاردىن قۇتۇلۇش يولىنى ئېچىپ بېرىدىغان بىر ھۆرلۈك يولىدۇر. كىشى بۇ ھۆرلۈك ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى كۈچ، پۇل – پۈچەك، ئەمەل – مەنسەپ ۋەياكى باشقا ئۇسلۇب بىلەن ئەمەس، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئىتائەت ئەھدىسى سايىسىدە قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەھدە تۈزگۈچى تەرەپلەردىن بىرسى ئاللاھ بولغان بىر كېلىشىم، ئىنسان ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ۋازكەچكىلى بولمايدىغان بىر شەرەپ، ھۆرلۈك ۋە خاتىرجەملىك كاپالىتىدۇر.

سۈرە، ۋەھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلەكتىن كېيىن، ئاللاھ رەسۇلىنى ئالەملەرگە رەھمەتنىڭ تەجەللىسى قىلغان، چەكسىز شەپقەت ۋە مەرھەمەتنىڭ ئىپادىسى ماھىيىتىدىكى ئىككى ئايەت بىلەن ئاخىرلاشقان:

لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ أَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ (128) فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ (129)

( ئى ئىنسانلار! ) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن بىر ئەلچى كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ ( ھىدايەت تېپىشىڭلارغا ) ھېرىستۇر، مۇئمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.

مانا بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلار يەنە ( ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن ) يۈز ئۆرۈسە، سەن: « ﷲ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ھەر دائىم ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلدىم ( يەنى ﷲ قا يۆلەندىم، ﷲ تىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن )، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر » دېگىن ( 128 – 129 ).