ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ ئابدۇلمەلىككە يازغان مەكتۇبىنىڭ 8 – ئابزىسى

ELbesri 8

ئۇلار ئاللاھ نىڭ بۇ سۆزىنىمۇ مۇنازىرە تېمىسى قىلىۋالدى:

« يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغاندۇر »( ھەدىد، 22 ).

ئۇلار بۇ ئايەتنى ئۆز نەزىرىيىسىگە ئاساسەن، كۇپۇر ۋە ئىمان، ئىتائەت ۋە ئىسيان [ ئاللاھ تەرىپىدىن ئالدىن يېزىۋېتىلگەن ] دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ [ ئايەتتە ئىپادە قىلىنغان ] مۇسىبەتلەر، پەقەت ماللار، جانلار ۋە مەھسۇلاتلاردا مەيدانغا كەلگەن مۇسىبەتلەردۇر ۋە ئاللاھ بۇنى بىزگە بىلدۈرگەن. ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنيادا قەھەتچىلىك ۋە باياشاتچىلىق، يوقسۇللۇق ۋە بايلىق بىلەن سىنىغان بولۇپ، يوقۇتۇپ قويغانلىرىمىزغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭلىمىز يېرىم بولماسلىقى، ئېرىشكەن ئۆتكۈنچى دۇنيا نېئمەتلىرىگە قارىتا خۇدىنى يوقۇتۇپ قويغان بەزى كىشىلەردەك ھەددىدىن زىيادە خوشال بولۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن بۇنى ئالدىنئالا بىزگە بىلدۈرگەن. ئاندىن سەبىر قىلغۇچىلارنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈ مۇنداق دېگەن: « سەبىر قىلغۇچىلارغا خوشخەۋەر بەرگىنكى، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، » بىز ئەلۋەتتە ئاللاھ نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز » دەيدۇ. ئەنە شۇلار رەبلىرىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار توغرا يولدا بولغانلاردۇر » ( بەقەرە، 156 – 157 ).

ئەگەر « مۇسىبەت » ئارقىلىق « ئىمان ۋە كۇپۇر » نەزەردە تۇتۇلغان بولسا ئىدى، « قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە ( ھەددىدىن زىيادە )  قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە ( ھەددىدىن زىيادە ) خوشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ مۇشۇنداق تەقدىر قىلدى » ( ھەدىد، 23 ) دېيىشنىڭ ئورنىغا، مۇنداق دېگەن بولاتتى: « يوقۇتۇپ قويغان ئىمانىڭلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنغان ئىمانغا خوشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ مۇشۇنداق تەقدىر قىلدى ». بىر ئىنسان دىنىدىن يوقۇتۇپ قويغانلىرىغا قايغۇرمىسا، ئۇنىڭدىن باشقا قايسى نەرسە ئۈچۈن قايغۇرىدۇ؟ جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: « ئېيتقىنكى، » ئۇلار ئاللاھ  نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خوشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان ( دۇنيا – ماللىرىدىن / نېئمەتلىرىدىن ) تېخىمۇ ياخشىدۇر « » ( يۇنۇس، 58 ). كۆڭۈل قويغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەت روشەن ھالدا ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى نادانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.

 

ئىزاھات:

جۈملىگە مۇۋاپىق ھالدا قوشۇلغان [ ] ئىچىدىكى پارچىلار، بىزگە نامەلۇم بولغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قوليازمىدا يەر ئالمىغان.