بىر بىھۇدە سوئال: زىنادىن بولغان بالىنى كىم يارىتىدۇ؟

 

ئىمام ئەلبەسرى سۆزنى، قەدەرچى ئەقىلنىڭ ئۆزىگە جىدەل تېمىسى قىلىۋالغان « زىنادىن بولغان بالىنى كىم يارىتىدۇ؟ » مەسىلىسىگە كەلتۈرىدۇ. « زىنادىن بولغان بالىنى كىم يارىتىدۇ؟ » سوئالى ئەسلىدە بىر بىھۇدە سوئال.

بىمەنە، يالغان سوئاللار، ئەقىلنى زەھەرلەيدۇ. چۈنكى يالغان سوئاللار ساختا مەسلىلەر ۋە جاۋاپلار پەيدا قىلىدۇ. بۇ يالغان جاۋاپلار ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ خىل سوئاللار ئەسلى مەسلىلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئۇلارنى توسىۋالىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىنى ئاختا قىلىپ قويىدۇ.

بۇ ساختا مەسىلە، تېخى كالام ئىلمى يېزىق ھالىغا ئۆتمەي تۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن تۇنجى كالامى مۇنازىرە تېمىلىرىدىن بىرسىدۇر. ئەھلى كىتاپ مەدەنىيىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگەنلىك ئېھتىمالى يۇقىرى.

زىنادىن بولغان بالا مەسىلىسى، يامانلىقنىڭ مەنبەسى مەسىلىسى دائىرىسىدە مۇنازىرە قىلىنغان. بۇ مەسىلىدە سورالغان سوئال مۇنداق ئىدى: « ئاللاھ ھارام قىلغان زىنادىن پەيدا بولغان بالا، باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئانا رەھمىدە ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانمۇ؟ ». بۇ سوئال بىكاردىن بىكارغا سورالمىغانىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئارقىسىدا باشقا سوئاللار ماراپ تۇراتتى. يەنى، « ئەگەر زىنا مەھسۇلى بولغان بالا ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولغان زىنامۇ ئۇنىڭ » قازايى قەدەرى » بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. بۇ ئەھۋالدا، زىنانىڭ جاۋاپكارى زىنا قىلغۇچىمۇ ياكى ئۇ بالىنىڭ يارىتىلىشىنى ئەزەلدە تەقدىر قىلغان ئاللاھ مۇ؟ ئەگەر جاۋاپ ئەزەلدە پۈتۈلگەن بولسا، زىنا قىلغۇچى نېمە ئۈچۈن جازالاندۇرۇلىدۇ؟… » دېگەندەك سوئاللار بار ئىدى.

ئىمام ئەلبەسرى، بۇ سوئالغا يۇقىرىقىدا جاۋابىنى بېرىدۇ. يەنى، جازانىڭ بالا سەۋەبىدىن ئەمەس، ئاللاھ ھارام قىلغان زىنا قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

بۇ يەردە ئەسلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك خۇسۇس، جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ قۇرئانغا قارىماستىن، ھاكىمىيەت ياردىمى بىلەن قايتىدىن يۆلەپ چىققۇچىلارنىڭ مەسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەردى، ئۆزىنىڭ گۇناھ ۋە زۇلۇملىرىنى يوللۇق قىلىش ئىدى. ئۇلار، بۇ مەسىلىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ئۆتكۈزگەن زۇلۇم ۋە تۇغيانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئىما قىلماقتا ئىدى. ئۇلاردىكى مەنتىق مۇنداق ئىدى:

  • زىنا مەھسۇلى بولغان بالىنى ياراتقۇچى ئاللاھ مۇ ئەمەسمۇ؟
  • ئاللاھ.
  • ئۇنداقتا، ئۇ بالىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولغان زىنامۇ، ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرىدۇر. بەندە تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

بۇ سىنارىيەنى مۇشرىكلار بىلەن مۇئمىنلەر ئارىسىدىكى كۆرەش ئىچىدە كۆرۈپ باقايلى:

  • بەدىر ئۇرۇشى ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرىمۇ، ئەمەسمۇ؟
  • ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرى ئىدى.
  • ئۇنداقتا بىر ئۇرۇش، دۈشمەن بولماستىن روياپقا چىقمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن بەدىردە دۈشمەننىڭ بولىشىمۇ ئاللاھ نىڭ قازايى قەدەرى ئىدى.

ئەمەۋى سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيەنىڭ بەدىردە ھەزرىتى رەسۇلۇللاھقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن تاغىسى، قېرىندىشى ۋە باشقا مۇشرىكلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ ئۇلارنىڭ گۇناھى، پۈتۈۋېتىلگەن سىنارىيىگە ئاساسەن ئۆز رولىنى ئويناش. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، ئاللاھ يارىتىشنى تەقدىر قىلغان زىنا مەھسۇلى بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ زىناسىغا ئوخشايدۇ.

بۇنى، يەنە سۈنئىي ۋە يالغان بىر كۈنتەرتىپ بولغان « خالقۇل قۇرئان » مەسىلىسىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، مۇنداق بىر سىنارىيە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلالايمىز:

  • ئەبۇ لەھەب ئۆزىگە بېرىلگەن رولنى ئوينىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىدى.
  • نېمە ئۈچۈن؟
  • چۈنكى ئۇنىڭغا « ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن » دېگەن ئايەت، كالامى قەدىمنىڭ ئەزەلى ئايىتى ئىدى.

ئەھۋال مانا مۇشۇنداق…

بۇ قەدەرچى مەنتىقنىڭ ھەر دەۋردە مۇسۇلمانلار ئىچىدە خىرىدارلىرى چىققانىدى. مەسىلەن، ھەللاج، ھەزرىتى مۇسا ۋە پىرئەۋننىڭ ئىككىلىسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ياقىلايدۇ ۋە بۇنىمۇ قەدەر بىلەن ئىزاھلايدۇ. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى، ئەزەلى تەقدىر ۋە پىشانىسىگە يېزىلىپ كەتكەنلىكتىن ئېيتقانىدى. ھەللاجتىن كېيىن بۇ قاراش جەبىرچىلىككە ئۇل قىلىنغان ئايانى سابىت نەزىرىيىسى بىلەن داۋاملاشتى. « رادىكال جەبىرچى » بولغان ئىبن ئەئرابىمىز، ھېچ مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ نەمىل 62، فۇرقان 70 ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئايەتلەرنى خاتا ئىزاھاتلار بىلەن پىرئەۋننى گۇناھسىز قىلىپ چىقىدۇ ( فۇسۇس، 210 – بەت ). بۇ خىل تەۋىللەر، بۇ خىل زېھنىيەنىڭ بىر داۋامىدۇر.

زىنادىن بولغان بالا مەسىلىسىنىڭ، سۈيئىستىمال قىلىش ئۈچۈن پەيدا قىلىنغان سۈنئىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ قۇرئان « سۈننەتۇللاھ » دەپ ئاتىغان ئىلاھىي مىزانغا ئاساسەن بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھ نىڭ بۇ قانۇننى ھېچكىم ۋە ھېچقانداق بىر سەۋەپ بىلەن بۇزمايدىغانلىقىنى بىلىش يېتەرلىك ئىدى، ئەسلىدە. بۇ قانۇن پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، قوزا – بۆرىلەر ( جانلىقلار ) ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە.

قۇرئان بەرپا قىلغان ئەقىل ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان، جاھىلىيەتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغانلار ئۈچۈن يېتەرلىك بولمىغان بولسا كېرەك، ئۇلار مۇشۇنداق بىمەنە بىر مىسال ئۈستىدىن ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىيىسىنى قانات يايدۇرغانىدى. بۇنىڭغا ئەڭ چوڭ ياردەم، مۇنەججىم ۋە كاھىننى ئەلچىنىڭ ئورنىغا، خۇراپات ۋە كاھىنلىقنى نۇبۇۋەتنىڭ ئورنىغا، « تەلەي ۋە قىسمەت » مەنىسىدىكى جاھىلىيەت قەدەر چۈشەنچىسىنى سۈننەتۇللاھنىڭ ئورنىغا، پال ۋە شېئىرى قاپىيەنى قىرائەت ۋە تەرتىل ( چۈشۈنۈپ، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش )نىڭ ئورنىغا، ھېسسى بولغاننى ئىلمىيلىكنىڭ ئورنىغا قويغان كېرەكسىز ئەقىلدىن كېلەتتى.

ئىمام ئەلبەسرى، قەدەرچى ئەقىلنىڭ بۇ خىل ئەقىل يۈرگۈزۈشلەر ئارقىلىق، قۇرئان بەرپا قىلغان ئەخلاق ۋە پەزىلەت يىلتىزىنى لېڭشىتىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. مانا بۇ، قەدەر رىسالىسىدا شاھىت بولغان ئۇ شىجائەتلىك ۋە قەتئىيلىك ئۇسلۇبىنىڭ سەۋەبى ئىدى.