جوڭگو قىمارى

ماۋنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز باسارلىرى يەنە تارىخىي جوڭگو خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇشتى. ئۇلارنىڭ خىيالىدىكى جوڭگو، تاشقى سودا بىلەن باي بولغان ۋە كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشى ئاستىدىكى بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەت ئىدى. ماۋنىڭ ئىز باسارى دېڭ شىياۋپىڭ جوڭگونىڭ بېكىنمە ھالدا قېلىپ بىخەتەر بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بەزى كۈچلەر جوڭگونىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇناتتى، ئەلۋەتتە. بۇ سەۋەپتىن دېڭ بىر قىمار ئوينىدى. ئۇ، جوڭگونىڭ چەتئەلگە ئىشكنى ئېچىۋېتىپ تاشقى سودا ئارقىلىق تەرەققىي قىلىغاندا، ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى.

دېڭىز بويىدىكى رايونلار يەنە تەرەققىي قىلدى ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. شاڭخەيگە ئوخشاش دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر ئەرزان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاشقى سودا بىلەن باي بولدى. لېكىن ئىچكى رايونلار يەنە كەمبەغەل ھالىتىدە تۇرىۋەردى. دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى رايونلار ئارىسىدا سۈركىلىش ئاشتى، لېكىن مەركىزى ھۆكۈمەت ئوڭۇشلۇق ھالدا باشقۇرۇپ، ھېچبىر يەردە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىغا يول قويمىدى.

بۇ تىنچ ۋەزىيەت ئوتتۇز يىل داۋاملاشتى، لېكىن بۇ جوڭگوغا ئوخشاش بىر دۆلەت ئۈچۈن ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئەمەس، ئەلۋەتتە. دۆلەت ئىچىدە شەكىللەنگەن كۈچلەرنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ يەردە 21 – ئەسىردە جوڭگو ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىنىدۇ.  جوڭگو  داۋاملىق خەلقئارا سودا سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى بولالامدۇ؟ بىر پارچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرسا، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن يەنە بۇ سىستېمىدىن چىقىپ كېتەمدۇ؟

جوڭگو 21 – ئەسىرنىڭ بېشىدا، ئېنىق بولمىغان بىر تەڭشەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قىمار ئويناۋاتىدۇ. تەخمىنلەرگە قارىغاندا، جوڭگو ھۆكۈمىتى دېڭىز بوي رايونلىرىنىڭ بايلىقىنى نامرات ئىچكى رايونلارغا ئېلىپ بېرىشنى ۋە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، دېڭىز بويى رايون خەلقلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئىچكى رايونلاردىمۇ نارازىلىق پەيدا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاشماقتا. بېيجىڭ جوڭگونىڭ پەرقلىق رايونلىرىنى خوشال قىلماقچى ۋە بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئاستىدا باشقا بىر جىددىي ۋە خەتەرلىك مەسىلە ياتماقتا. جوڭگو ھازىر خۇسۇسىي مۈلۈكلىرى، بانكىلىرى ۋە باشقا ھەربىي خىراجاتلىرى بىلەن بىر كاپىتالىستىك دۆلەتتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن سەرمايە ( مەبلەغ )، بازار تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن كاپىتالىستىك دۆلەت ھېسابلانمايدۇ. بۇ دۆلەتتە پۇل مۇئامىلە ئىشىدا ئاسيا تۈسىدىكى ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ھەمدە سىياسىي جەھەتتە كوممۇنىست ئىددىيىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، قەرزلەرنىڭ كۆپ قىسمى يۈز – خاتىرە سەۋەبىدىن ۋە تىجارەتتىن خەۋىرى يوق كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.  بۇ سەۋەپتىن بۇ قەرزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قايتۇرۇلمايدۇ. بۇ خىل قەرزلەرنىڭ 600 – 900 مىليارد دوللار ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا بولۇپ، بۇ جوڭگو مىللىي كىرىمىنىڭ تۆتتىن بىرى بىلەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلماقتا.

بۇ قەرزلەر تەننەرخ ئەرزان، پايدىسى ئاز ئىكسپورت بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن يۇقىرى تەرەققىيات نىسبىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنماقتا. دۇنيا بازارلىرى ئەرزان ئىكسپورت ماللىرىنى ناھايىتى تىز سېتىۋالماقتا ۋە بۇ سودىدىن كەلگەن پۇللار بىلەن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن شىركەتلەر قۇتقۇزۇلماقتا. ئەرزان باھادا سېتىلغان ماللاردىن ئېلىنغان پايدىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىقتىسادتا بىر تەرەققىيات بولمايدۇ، ئەسلىدە.

بۇ بىر شەرقىي ئاسيا مەسىلىسى بولۇپ، بۇ تېمىدا ياپۇنىيە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە. ياپۇنىيە 1980 – يىللاردا بىر  دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىسادى كۈچ دەپ قارىلاتتى. ئامېرىكا بازارلىرى ياپۇنىيە نوپۇزى ئاستىدا قالغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەردە ياپۇنىيە مىسال قىلىپ كۆرسىتىلەتتى. ياپۇنىيە ناھايىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا ھۆكۈمەتتىن زىيادە ياپۇن بانكاچىلىق سىستىمېسى بار ئىدى. ھۆكۈمەت بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىش قىلىدىغان ياپۇن بانكىلىرى كىشىلەر ئاچقۇزغان ھېسابلارغا ناھايىتى ئاز ئۆسۈم بېرەتتى. ياپۇنلار يەنە قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ پۇللىرىنى بانكىغا ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان پوچتا ئىدارىسىگە ياتقۇزاتتى، پوچتا ئىدارىسىمۇ ناھايىتى ئاز ئۆسۈم بېرەتتى. ھۆكۈمەت پوچتىخانىغا ياتقۇزۇلغان بۇ پۇللارنى خەلقئارا سەۋىيىدىنمۇ تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن چوڭ بانكىلارغا قەرز بېرەتتى. بانكىلارمۇ ئۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرگە تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن قەرز بېرەتتى. مەسىلەن: سۇمىتومو بانكىسى، سۇمىتومو خېمىيە شىركىتىگە ناھايىتى ئاز ئۆسۈم بىلەن قەرز بېرەتتى. 1970 – يىللاردا ئامېرىكا شىركەتلىرى بۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىۋاتقان بولسا، ياپۇن شىركەتلىرى ناھايىتى ئاز ئۆسۈم بىلەن قەرز ئالالايتتى.

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياپۇن شىركەتلىرىنىڭ ئەھۋالى شۇبھىسىز ھالدا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىغاندا ناھايىتى ياخشى ئىدى. ياپۇنلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇلنىڭ تەننەرخى ناھايىتى ئاز بولۇپ ياپۇن شىركەتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىقتىساد قىلالايتتى. ياپۇنىيىدە ئۇ مەزگىللەردە پىنسىيە پىلانى يوق دېيەرلىك بولۇپ، شىركەت پىنسىيە مائاشلىرى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ياپۇنلار پىنىسىيىگە چىقىش ئۈچۈن پۇل يېغىشقا مەجبۇر بولۇپ، ناھايىتى ئۈمىدسىز ئىدى. ياپۇن ئىشچى – خىزمەتچىلەر مانا بۇ شارائىتلاردا ۋە ناھايىتى ئاز ئۆسۈملەر بىلەن پۇل يېغىشقا
تىرىشاتتى.

غەرب ئىقتىسادلىرى يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن پرىنسىپلىق ھالدا قەرز ئالاتتى ۋە ئاجىز شىركەتلەر شاللىناتتى. لېكىن، ياپۇن بانكىلىرى ناھايىتى ئاز ئۆسۈم بىلەن دوست شىركەتلەرگە قەرز بېرەتتى. ياپۇنىيەدە ھەقىقىي بازار ئىگىلىكى يوق ئىدى. پۇلنىڭ ئايلىنىشىدا دوستلۇق مۇناسىۋەت مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. بۇ سەۋەپتىن بۇ مەملىكەتتە قايتىپ كەلمەيدىغان قەرزلەر كۆپ ئىدى.
ياپۇنىيىدە پۇل مۇئامىلە سىستىمېسىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى ياخشى بولمىغاچقا پاي – چەك بازىرىدا ئادالەت يوق ئىدى. پاي – چەك بازىرىمۇ بانكىلاردىن قەرز ئالاتتى. پاي – چەك بازىرى باشقۇرغۇچىلىرى، شىركەت خادىملىرىدىن ۋە شىركەتنىڭ قەرزىنى تۆلەشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بانكىچىلاردىن تەركىپ تاپاتتى. بۇ ئەھۋالدا ياپۇنىيە، سانائەت دۇنياسىدا قەرزلەرنىڭ قايتۇرۇلىشى ناھايىتى ئاز بولغان ئەللەردىن بىرى ئىدى. لېكىن، ياپۇنىيىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلما سەۋەبىدىن تەرەققىي قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولاتتى. ياپۇنلار تاشقى ئەللەرگە تاۋار سېتىشقا ( ئىكسپورتقا ) تايىنىپ ياشايتتى.

ياپۇن خەلقى پۇل خەجلىمەي يىغاتتى، ئىقتىساد قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن ياپۇن ئىقتىسادى ئىچكى بازارغا تايىنىپ ئۆرە تۇرالمايتتى. ياپۇن شىركەتلىرىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن ئەمەس، قەرز بەرگۈچى ئورگانلار ياكى بانكىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئەس – يادى پەقەت كىرىدىغان نەخ پۇلنى ئاشۇرۇشتا بولاتتى. شىركەتلەرنىڭ پايدا نىسبىتى مۇھىم ئەمەس ئىدى. بۇ سەۋەپتىن تەننەرخى ئەرزان ئىكسپورت ئاشتى. ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدى، لېكىن بۇ تەرەققىياتقا ئەگىشىپ بوھران پەيدا قىلغۇچى ئامىللار يىغىلىشقا
باشلىدى.

ياپۇن بانكىلىرى بۇ شەكىلدە قەرز بېرىشنى داۋاملاشتۇرغانسېرى، قەرزلەرنىڭ قايتۇرۇلىشىمۇ ئاستىلىدى ۋە ئاخىرىدا توختاپ  قالدى. ئاجىز شىركەتلەر ۋەيران بولىدۇ دەۋاتقاندا، بانكىلار ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ قەرز بېرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىۋېلىش يولىنى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن قەرزلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. بۇ سىستىمېنىڭ داۋاملىق ئايلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىكىسپورتنى ئاشۇردى. لېكىن، ئاجىز ۋە ۋەيران بولىشى مۇقىم بولغان شىركەتلەر پۈتۈن پۇل – مۇئامىلە سىستېمىسى ئۈچۈن ئورا كولاۋاتاتتى. ئىكىسپورت ئاشقان بولسىمۇ پايدا كۆپەيمىدى. پۈتۈن سىستېما پەقەت
بوغۇلماسلىق ئۈچۈن تىركىشىۋاتاتتى.

ياپۇنىيە سىرتتىن قارىغاندا ياپۇن ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. چەتئەل شىركەتلىرى ئەرزان باھادا تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىۋاتقان بولۇپ، ياپۇن شىركەتلىرى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئوخشاش يۇقىرى پايدىنى كۆزلىمەيتتى. ئۇلار بۇ شەكىلدە مېڭىۋەرسە، كەلگۈسىدە قېيىنچىلىققا يۇلۇقىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاشمىدى. ياپۇن شىركەتلىرى ياپۇن بانكىلىرىدىن ئالغان تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن پۇت تىرەپ تۇراتتى ۋە ئەرزان مال سېتىش ئارقىلىق پۇلنىڭ توختىماي ئايلىنىشىغىلا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئاقىۋەتتە قەرزلىرى كۆپىيىپ ئىكسپورتقا تايىنىپ قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلدى. ياپۇن بانكىلىرى ۋەيران بولۇشقا باشلىدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن قۇتقۇزۇپ قېلىندى. قەرزلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەرخىل تەدبىر ئىشقا سېلىندى ۋە بۇ قەرزلەردىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بولغانلىرى ھازىرمۇ قايتۇرۇلىۋاتىدۇ.

ئىقتىسادى تەرەققىيات بىر ئىزىدا توختاپ قېلىپ بازار ئىگلىكى ۋەيران بولدى. ئىقتىسادى بوھران 1990 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان غەربلىك ياپۇن ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئەسلىگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلەلمىدى. ئۇلار ھازىرمۇ 1990 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ياپۇن ئىقتىسادى مۆجىزىسىنى سۆزلەپ يۈرىدۇ.

بۇلارنىڭ جوڭگو بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ جوڭگو پەقەت ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئىقتىسادى پرىنسىپلاردىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاسيا دۆلىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىسادنى سىياسىي يوللار بىلەن بەرپا قىلىدىغان ۋە ئىقتىسادى مەلۇماتلارنى بۇ ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىدىغان كۇممۇنىستىك دۆلەت. جوڭگودا بانكىلار ۋە نەخ پۇل تەلەپ قىلىدىغان ھۆكۈمەت باشلىقلىرى پايدا يەتكۈزىدىغان شىركەتلەردىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپۇنىيە ۋە جوڭگو ئىكىسپورتقا تايىنىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبىتى يۇقىرى، بۇ تەرەققىيات
نىسبىتى ئازراق تۆۋەنلىسە بوھرانغا دۇچ كېلىدۇ. ياپۇنىيىدە 1990 – يىللاردا قايتۇرۇلمىغان قەرز پۇلنىڭ مىقدارى مېنىڭ تەخمىنىمگە كۆرە مىللىي كىرىمنىڭ يىگىرمە پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. جوڭگودا بولسا يىگىرمە بەش ئەتراپىدا بولۇپ، مەن بۇ مىقدار قىرىق پرسەنتكە يېقىن دەپ قارايمەن. يىگىرمە بەش پرسەنت بولغاندىمۇ كىشىنى چۈچۈتكۈدەك دەرىجدە بىر رەقەم بولىدۇ.
جوڭگو ئىقتىسادى ناھايىتى مۇستەھكەم ۋە ھەرىكەتچاندەك كۆرۈنىدۇ، تەرەققىي قىلىش نىسبىتىگە قارىسىڭىز ھەيران قالىسىز. تەرەققىيات نىسبىتى پەقەت تەتقىق قىلىنىدىغان بىر ئامىل. مۇھىم بولغىنى بۇ تەرەققىياتنىڭ پايدا ئېلىپ كەلگەن – كەلمىگەنلىكى. جوڭگودا تەرەققىياتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رىئالنى بولۇپ، بانكىلارنى مەمنۇن قىلغۇدەك دەرىجىدە قىممەت يارىتىدۇ.  لېكىن بۇ تەرەققىيات تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادنى كۈچلەندۈرمەيدۇ. مىسال قىلىپ ئېيتساق، ئا ق ش دىكى ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق سەۋەبىدىن تەرەققىيات نىسبىتى تۆۋەنلىسە، پۈتۈن سىستېما بىردىنلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.

بۇ ئاسيادىكى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس. ياپۇنىيە 1980 – يىللاردا تەرەققىيات زاۋۇتى ئىدى. بەزىلەر بۇ دۆلەتنىڭ ئا ق ش نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشاتتى. ياپۇن ئىقتىسادى تىز تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، تەرەققىيات نىسبىتى مۇقىم ئەمەس ئىدى. تەرەققىيات نىسبىتى تۆۋەنلەش بىلەن ياپۇنىيىدە بانكىچىلىق بوھرانى يۈز بەردى ۋە بۇ بوھراندىن 20 يىلدا ئاران قۇتۇلدى. يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش، 1997 – يىلى شەرقىي ئاسيا ئىقتىسادى ۋەيران بولغاندا ھەممە كىشى ھەيران قالدى، چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىۋاتاتتى.

جوڭگو كېينكى ئوتتۇز يىلدا ناھايىتى كۆپ تەرەققىي قىلدى. بۇنداق يۇقىرى نىسبەتتىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ توختىماي داۋاملىشىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچە ئىقتىسادى پرىنسىپلارغا يات، ئەسلىدە. تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادلاردا تۇرغۇنلۇق ۋە تۆۋەنگە قاراپ مېڭىش ھەر زامان يۈز بېرىدۇ. بىر نوقتىدا كۆرۈلگەن ئادەتتىكى بىر خاتا تەرەققىياتنى توختۇتۇپ قويىدۇ. تەرەققىياتتا تۈزۈلمە خاراكتېرلىق چەك بولىدۇ. جوڭگو بۇ چەككە يېتەي دەپ قالدى.