تەۋبە سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئۆزرىسىز تۇرۇپ تەبۇك غازىتىغا قاتناشمىغان ئۈچ كىشىنىڭ چىن دىلدىن قىلغان تەۋبىلىرى بايان قىلىنغان ( 102 – 118 ) بۆلەككە ئاساسەن، سۈرە « تەۋبە » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

ئىبن ئابباس بۇ سۈرىنى مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتىغان، تىرمىزى سۇنەن ئىسىملىك ھەدىس توپلىمىدا سۈرىنى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىغان.

سۈرىنىڭ كەڭ تارقالغان ئىسمىدىن يەنە بىرسى « بەرائە » بولۇپ، سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىنى تەشكىل قىلغان بەرائە، « بىرسىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكنى ئېلان قىلىش، جاكارلاش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

زەيد بىن سابىت ۋە ئەبۇ ھۇرەيرەدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەردىمۇ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان ( بۇخارى، سالات، 10 / 1347 ). ئۇنىڭدىن باشقا، بۇخارى سەھىھىدە سۈرىگە بۇ ئىسىم بىلەن ئايرىم ماۋزۇ ئاچقان.

دەسلەپكى مەزگىللەردە بەرائە ئىسمىنىڭ، تەۋبە ئىسمىگە قارىغاندا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. چۈنكى خېلى كۆپ تەپسىر مەنبەلىرىدە بۇ سۈرە بەرائە ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنغان. تەۋبە ئىسمى كۈنىمىزدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان ۋە بۇ ئىسم بىلەن مەشھۇر بولغان. بىراق ھازىرمۇ بەزى جايلاردا بۇ سۈرە بەرائە ئىسمى بىلەن ئاتالماقتا. بۇ سەۋەپتىن مۇسھابلارنىڭ مۇندەرىجىسىدە ۋە بەزى ئەسەرلەردە ھەر ئىككى ئىسىم بىلەن ئاتالماقتا، ھەتتا بەزىدە بۇ ئىككى ئىسىم بىرلىكتە تىلغا ئېلىنماقتا.

سۈرە تۇنجى نەسىل تەرىپىدىن ھەرخىل پەرقلىق ئىسىم بىلەن ئاتالغان. يەنى، نىفاق ۋە شىېرىك ئىللىتىدىن قۇتقازغانلىقى ۋە كاپىرلارنى « تاخە » دېگەنلىكى ئۈچۈن « مۇقاشقىشە » ( كافىرۇن بىلەن بىرلىكتە ) ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مۇناپىقلار سەۋەپ بولغان ۋەقەنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن « فادىھا »؛ كاپىرلارنى جازالاش ھەققىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن « ئازاب » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتالغان. مۇشرىكلارنىڭ دىلىدىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن « مۇنەككىرا »؛ ئىككى يۈزلىمىچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن « بەھۇس »؛ نىفاق ئەھلىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارلايدىغان مەنىۋىي ئانالىز ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن « ھافىرا »؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مۇناپىقلارنىڭ سىرلىرىنى يېيىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن « مۇبا شىرا »؛ مۇشرىكلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكى ئۈچۈن « مۇدەمدەمە » ئىسمى بىلەنمۇ ئاتالغان. بۇلارنى نەزەرگە ئالغاندا، سۈرىنىڭ ئونغا يېقىن ئىسمى بارلىقى مەلۇم بولماقتا.

سۈرىنىڭ « بەھۇس » ئىسمى، مەشھۇر ساھابە ئەبۇ ئەييۇب ئەل ئەنسارىدىن نەقىل قىلىنىدۇ. « فادىھا ۋە مۇبا شىرا » ئىسملىرى ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلىنغان.

تەۋبە سۈرىسىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە شۈبھە يوق. بەزى ئايەتلەرنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار، ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆلچەملەر تەرىپىدىن رەت قىلىنماقتا.

بۇ سۈرە، ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان قۇرئان سۈرىسىدۇر. جابىر بىن زەيد ئىبن ئابباستىن نەقىل قىلغان تەرتىپتە ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان. لېكىن باشقا تەرتىپلەردە ئەڭ ئاخىرقى سۈرە سۈپىتىدە ئورۇن ئالمىغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە 113 – ئورۇندا، مائىدە – نەسر؛ ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە 109 – ئورۇندا، مائىدە – نەسر؛ ئىمام جافەر تەرتىۋىدە 112 – قاتاردا، فەتىھ – نەسر سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالغان. بۇ تەرتىپلەر ئىچىدە ئەڭ توغرا بولغىنى جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدۇر. تەۋبە سۈرىسى تەھرىم سۈرىسىدىن كېيىن قۇرئاندا نازىل بولغان ئەڭ ئاخىرقى سۈرە ئۇنۋانىغا ئىگە.

بۇ ساھەدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك سۈرە بىر قېتىمدا نازىل بولغان دەپ قارايدۇ. سۈرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. ھەزرىتى ئائىشەدىن نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ بەرائە سۈرىسىنىڭ بىر قېتىمدىلا نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ رىۋايەتمۇ سۈرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش مەزگىلى ھەققىدە، كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان قاراشنى ئاساس قىلغان ۋاقتىمىزدا، سۈرىنىڭ ھىجرى 9 – يىلى ( مىلادى 631 ) شەۋۋال ئېيىنىڭ بېشى بىلەن زۇلقائىدەنىڭ ئاخىرىدا نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

بىسمىللاھ بىلەن باشلانمىغان بىردىنبىر سۈرە

تەۋبە سۈرىسى، قۇرئاندا بىسمىللاھ بىلەن باشلانمىغان بىردىنبىر سۈرىدۇر. ئىبن مەسئۇد نۇسخسىدا « بىسمىللاھ » بىلەن باشلانغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتنى مۇستەسنا دەپ قارىساق، بۇ قاراش ساھابىنىڭ ئورتاق قوبۇل قىلغان چۈشەنچىسى ۋە ئىزاھاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر ( ئىتكان، 1، 173 ). بۇ ھەقتە پەرقلىق ئىزاھاتلار، قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، رازى بارلىق قاراشلارنى ئالتە نوقتىغا يىغىنچاقلىغان. بۇ قاراشلارغا « بىسمىللاھنىڭ ھۆكمى » ھەققىدىكى پەرقلىق قاراشلارنى ياقىلىغان فىقىھ ئېقىملىرىنىڭ نەزىرىيىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن ( بۇ ھەقتە « فاتىھە » سۈرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا قاراڭ ).

بۇ خىل مەزھەبى قاراشلارنى بىر ياققا قويۇپ تۇرساق، سۈرىنىڭ بېشىدا نېمە ئۈچۈن « بىسمىللاھ » بولمىغانلىقىنى ئىزاھلاشقا تىرىشقان بارلىق قاراشلارنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبى ئوخشاشتۇر: ئىككى (ئەنفال ۋە تەۋبە ) سۈرە مەزمۇنىنىڭ بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىدۇر. ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ قاراشلار، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە پەرق كۆرسەتمەكتە. ئۇبەي بىن كائابقا نىسبەت قىلىنغان بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى سۈرە بولغان ئەنفال سۈرىسى كېلىشىم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سۈرە تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بۇزۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە باشقا بىر قاراشقا قارىغاندا، ئەنفال سۈرىسىدە ئىمان ئېيتقانلار ئۆزئارا ياردەم قىلىشقا چاقىرىلغان، تەۋبە سۈرىسى مۇئمىنلەرنى مۇشرىكلار بىلەن سىياسىي ۋە ئەخلاقى ساھەدە مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشكە چاقىرىدۇ.

رىۋايەتكە كۆرە، ئىبن ئابباسنىڭ « ئەنفال سۈرىسى بىلەن بەرائەت سۈرىسىنى نېمە ئۈچۈن يانمۇ – يان تىزدىڭلار؟ » دېگەن سوئالىغا، ھەزرىتى ئوسمان «رەسۇلۇللاھ ھەر سۈرە نازىل بولغاندىن كېيىن، بۇنى شۇ يەرگە تىزىڭلار » دېدى دەپ جاۋاپ بەرگەن. بەرائە سۈرىسى قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان سۈرىسىدۇر.

رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېرىنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان. بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئەنفال سۈرىسىنىڭ مەزمۇنى بىر – بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئىككى سۈرە ئارقىمۇ – ئارقا تىزىلغان ( رازى ). يەنە ئىبن ئابباسنىڭ ھەزرىتى ئەلدىن « نېمە ئۈچۈن ئەنفال بىلەن تەۋبە ئارىسىدا بىسمىللاھ يوق؟ » دەپ سورىغان سوئالىغا، ھەزرىتى ئەلىنىڭ « چۈنكى » بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » ئامانلىق بېرىشتۇر، بۇ سۈرە دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇرۇش ۋە كېلىشىمنى بىكار قىلىش ھەققىدە » دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى نەقىل قىلىنىدۇ. لېكىن ھۇمەزە، مۇتەففىفىنغا ئوخشاش نۇرغۇن سۈرىنىڭ مەزمۇن ۋە خىتابىنىڭ تىل جەھەتتىن قاتتىق ئۇسلۇب ئىشلىتىلگەنلىكىگە قارىماستىن « بىسمىللاھ » بىلەن باشلانغانلىقى ۋە ئۇرۇشقا بۇيرۇلغان ئايەتلەردىن تارتىپ قۇرئاندىكى باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇغاندىمۇ « بىسمىللاھ » بىلەن باشلاشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالىملارنىڭ ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم ( ئالۇسى ). ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرئاندا نۇرغۇن سۈرە بايان قىلغان تېما جەھەتتىن بىر – بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئىزدىگەن ۋاقىتتا، مەزمۇن جەھەتتىن بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۈرىلەرنى تېپىش قېيىن ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ ئىككى سۈرە ئارىسىدا يەتتە يىللىق زامان پەرقىنىڭ بارلىقىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك.

يۇقىرىدىكىلەر نەزەردە تۇتۇلغاندا، بېشىدا « بىسمىللاھ » بولمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىختىلاپ بولمىغان بۇ سۈرىنىڭ، نېمە ئۈچۈن « بىسمىللاھسىز » باشلانغانلىقى ھەر خىل قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئوچۇق بىر تېما سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

تەۋبە سۈرىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، كونا دۈشمەنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكى ياتىدۇ. ھۇدەيبىيەدە مۇشرىك مەككىلىكلەر بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ مۇتلەق غالىبىيىتىگە قارىماستىن ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مەككىلىكلەر مۇتلەق مەغلۇبىيىتىگە قارىماي كېلىشىمگە خىلاپ بولغان ھەر خىل ھىيلىلەرنى ئىشلەتمەكتە ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى خۇزائا، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بەنى بەكر ئايمىقى بىلەن كونا قان داۋاسى سەۋەبىدىن ئۇرۇشتى. خۇزائا ئىتتىپاقدىشى بولغان مۇئمىنلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەلەپكە قايتۇرغان ئىجابىي جاۋابى، مەككىنىڭ فەتھى ۋە ھۇنەيىن غازىتى بىلەن نەتىجىلەندى. بۇ ھەرىكەتنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ھىجرى 9 – يىلى رەجەپ ئېيىدا تەبۇك غازىتى بولدى. ئىسلام جامائىتىنىڭ ھەج ئۆمىكى / كارۋىنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرنىڭ باشچىلىقىدا ھەج قىلىۋاتقانىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنىڭ ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى مۇھاتابلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەلىنى ھەج ئۆمىكىنىڭ ئارقىسىدىن مەككىگە ئەۋەتتى. بۇ، يېڭىلگەن بارلىق تەرەپلەرگە، ئەگەر ئىسلام جامائىتى بىلەن بىرگە ياشىماقچى بولسا، ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئولتىماتۇمى ئىدى. بۇ دائىرىدە ھەج ئىبادىتى ۋە ھەج رايۇنى شېرىك ئىزنالىرىدىن پاكلاندى.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى تەۋھىد، ئادالەت ۋە ئىسلام جامائىتىنىڭ بىخەتەرلىكى بولۇپ، سۈرە ئادالەت بىلەن بىخەتەرلىك ياكى ئەخلاق بىلەن بىخەتەرلىك ئارىسىدىكى زىل تەڭپۇڭلىقنىڭ قانداق ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سۈرە، بىر تەرەپتىن ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان مۇشرىكلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن مۇئمىنلەرگە مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھەققىدە بېرىلگەن تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر بىلەن سۆز باشلايدۇ:

بَرَاءَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ (1) فَسِيحُوا فِي الْأَرْضِ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ وَأَنَّ اللَّهَ مُخْزِي الْكَافِرِينَ (2) وَأَذَانٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّهَ بَرِيءٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ وَرَسُولُهُ فَإِنْ تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ وَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ وَبَشِّرِ الَّذِينَ كَفَرُوا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ (3) إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ثُمَّ لَمْ يَنْقُصُوكُمْ شَيْئًا وَلَمْ يُظَاهِرُوا عَلَيْكُمْ أَحَدًا فَأَتِمُّوا إِلَيْهِمْ عَهْدَهُمْ إِلَى مُدَّتِهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ (4)

« (بۇ) ﷲ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ كېلىشىم تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان ئادا ـ جۇدا بولۇش ( يەنى مۇئاھىدىنى بىكار قىلىش ) ئېلانىدۇر. ( ئى ئەھدىنامە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار! ) يەر يۈزىدە ( خالىغىنىڭلارچە ) تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ﷲ ( نىڭ ئازابى ) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، ( بىلىڭلاركى ) ﷲ كۇپۇردا چىڭ تۇرغۇچى ۋە كېلىشىمگە خىيانەت قىلغۇچىلارنى خار قىلىدۇ. ( بۇ ) چوڭ ھەج كۈنىدە ﷲ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ﷲ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئاللاھ قا خاس بولغان سۈپەت ( ئالاھىدىلىك )نى ئۇنىڭدىن غەيرىگە بەرگۈچىلەر ( مۇشرىكلار )دىن ئادا ـ جۇدادۇر. ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ( كۇفرىدىن ) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە ( گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن ) ياخشىدۇر، ئەگەر چاقىرىقتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ﷲ ( نىڭ ئازابى ) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.

كۇپۇر ۋە خىيانە قىلىشتا چىڭ تۇرغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزگەن، مۇئاھىدىگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ مۇئاھىدىگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ﷲ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ » ( 1 – 4 ).

ۋەھىينىڭ، ئىلاھى كالامنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلارغا قاراتقان بۇ ئولتېماتۇمىدا، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمىگەنلىكى، ئېنىق بىر ئۇسلۇبتا 4 – ئايەتتە ناھايىتى روشەن بايان قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى « ئۇنتۇماڭلاركى، ئاللاھ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنى / تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ » جۈملىسى، دىنى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي… بارلىق مۇخالىپلارغا قارىتا مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارغا قاراتقان پوزىتسىيىدە « مەسئۇلىيەت ئەخلاقى »نىڭ بولىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ئاساسىي پرىنسىپ، « ھاكىمىيەت ئەخلاقى »دىن ۋەز بەرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن كېيىن كەلگەن 5 – ئايەت، شۈبھىسىز قۇرئاننىڭ شىددەتلىك ۋە قاتتىق ئۇسلۇبى ئەكس ئەتكەن ئايەتلەردىن بىرىدۇر:

فَإِذَا انْسَلَخَ الْأَشْهُرُ الْحُرُمُ فَاقْتُلُوا الْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدْتُمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَاحْصُرُوهُمْ وَاقْعُدُوا لَهُمْ كُلَّ مَرْصَدٍ فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآَتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ

« بۇ مۆھلەت توشقاندا، مۇشرىكلار ( كېلىشىم تۈزۈپ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغانلار )نى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، شۈبھىسىزكى، ﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر » ( 5 ).

قۇرئاندىكى ئەڭ قاتتىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان بۇ ئايەتنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقىغا دىققەت قىلىڭ! شۇنداق، مۇشۇنداق بىر ئايەت « شۈبھىسىزكى، ﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر » دەپ ئاخىرلاشقان. ئىشلىتىلگەن تىل ئىتىبارى بىلەن مۇشۇنداق قاتتىق ئۇسلۇب قوللانغان بىر ئايەتنىڭ ئاخىرىدا، ئاللاھ نىڭ چەكسىز مەغپىرەت قىلغۇچى، چەكسىز مەرھەمەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىلىپ ئۆتكەن ئەسمائى – ھۇسنا، ئايەت ھەققىدىكى بارلىق شەرھىلەرنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەسما بىلەن ئاخىرلاشقان بارلىق ئايەت ۋە بۆلەكلەرمۇ بۇ مەقسەتكە ئىگە. چۈنكى كائىناتنىڭ سىرى ئىنساندا، ئىنساننىڭ سىرى قۇرئاندا، قۇرئاننىڭ سىرى ئەسمادا، ئەسمانىڭ سىرى ئاللاھ لەبزىدە، ئاللاھ لەبزىنىڭ سىرى ئاللاھ نىڭ زاتىدا مۇجەسسەملەنگەن. قۇرئاننىڭ سىرى ئەسمادا بولغانلىقىغا قارىغاندا، ئايەتلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئەسما، ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنىڭ سىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندۇر. قۇرئاندىكى تىل ئۇسلۇبى ئەڭ قاتتىق بولغان ئايەت ھېسابلانغان بىر ئايەت، ئاللاھ نىڭ غەفۇر ۋە رەھىم ئىسمى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، بۇ ئارقىلىق مۇئمىن مۇھاتابقا: « بۇ قۇرئان بىلەن ئەمەل قىلىشنى ھايات غايىسى قىلغان ئى مۇئمىن! بۇ ئايەتلەرنى چۈشۈنۈش ۋە تەدبىقلاش جەھەتتە مۇنداق ئىككى نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلما: ئەپۇ ۋە مەرھەمەت! ئۇنۇتما، ئۆزىگە ئەڭ چوڭ تۇزكورلۇقلار، يامان گۇمانلار، ۋاپاسىزلىقلار، ناشۈكۈرلۈكلەر قىلىنغان ئاللاھ نىڭ مەرھەمىتى » ھەر نەرسىنى ۋە ھەر كىشىنى » ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەنمۇ قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلان ۋە بۇ چەكسىز ئەپۇ ۋە مەرھەمەتتىن سەنمۇ ئۆزەڭگە چۈشكەن نېسىۋىنى ئال! غەپۇر ۋە رەھىم ئىسمىدىن ساڭا قانچىلىك نېسىۋە چۈشكەنلىكى، قولۇڭغا پۇرسەت كەلگەندە دۈشمەنلىرىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭ بىلەن مەلۇم بولىدۇ! » دېمەكتە.

دېمىسىمۇ 5 – ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەت، يۇقىرىدىكى بايانلارنى توغرىلايدىغان ماھىيەتتە:

وَإِنْ أَحَدٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّى يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْلَمُونَ

« ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، ئۇنىڭغا باشپاناھ بولغىن. بەلكىم ئۇ ﷲ نىڭ كالامىغا قۇلاق سېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئاندىن ئۇنى ( جېنى، مېلى ) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن! ئۇلارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ( ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى  ) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر » ( 6 ).

ھاكىمىيەت بىلەن ئېمتىھان قىلىنغان مەدىنە ئىسلام جامائىتى، « مەسئۇلىيەت ئەخلاقى ( تەقۋا ) »غا تايانغان بىر ھاكىمىيەت ئەخلاقى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك ئىدى. تەۋبە سۈرىسىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى بۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆرنەكلىرى بىلەن تولۇپ تاشماقتا. ھەتتا، بۇنى رىئال ھاياتتا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىسلام جامائىتىنى قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنى پات – پات تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا بۇيرىيدۇ.  سۈرە، ئىسلام جامائىتىگە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى، ئادالەت ۋە ئەخلاقى پرىنسىپ ئاساسىدا ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىش، ھەتتا ئۇرۇش ئاستىدىمۇ ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىش بۇ پرىنسىپلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېلىدۇ ( 8 – 16 ). بۇ بۆلەكتە ئۈنتىنسىز ئاققان دەرياغا ئوخشايدىغان ھاياتنىڭ بىر « ئېمتىھان » ئىكەنلىكى ھەقىقىتى ئانا تېما قىلىنغان. دوستمۇ، دۈشمەنمۇ ئېمتىھاندۇر. ھاكىمىيەتمۇ ئېمتىھاندۇر، مۇخالىپەتمۇ ھەم شۇنداق. مۇھىم بولغان نەرسە، پەقەت دوستلۇق ئېمتىھاندىنلا ئۆتۈپ قالماي، دۈشمەن بىلەن قىلىنغان سىناقتىنمۇ غەلبىلىك ئۆتۈش ۋە نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەرىكەت قىلماسلىق؛ پەقەت مۇخالىپەت بىلەنلا ئەمەس، ھاكىمىيەت / كۈچ بېرىپ سىنالغان ۋاقىتتىمۇ، بۇ ئېمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈش؛ يوقلۇققا سەبىر قىلغاندەك، مولچىلىققىمۇ سەبىر قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قالماسلىقتۇر.

سۈرىنىڭ ئالدىنقى 37 ئايىتى ئىجتىمائىي مىزاننى بەرپا قىلىدۇ ۋە ئىجتىمائىي جەمىئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان پەرقلىق ئېتىقادتىكى كىشىلەرگە، ئىسلام جامائىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى بولغان ئاساسلىق پرىنسىپلاردا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەقىقىتىنى بىلدۈرىدۇ.

« ﷲ نىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى ئاللاھ قا شېرىك قوشقانلارنىڭ ئىشى ئەمەس » دېگەن 17 – ئايەت، پەقەت ئۆز دەۋرىنىڭ قىڭغىر چۈشەنچىسىگىلا ئەمەس، كۈنىمىزدىكى قىڭغىر چۈشەنچىلەرگىمۇ خىتاپ قىلماقتا. يەنى شېرىك مەۋجۇت بولغان ھەر يەردە ئىبادەت بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

ھايات تۈپتۈز يولدا داۋام قىلمايدۇ، بۇ يول ئەگىرى – توقايلىقلار بىلەن تولۇپ تاشقان. مۇئمىننىڭ ئىمانى دائىم ئېمتىھان قىلىنىپ تۇرۇلىدۇ. ھەزرىتى ئادەمگە ئوخشاش ئىبلىس بىلەن، ھەزرىتى نۇھقا ئوخشاش تۇپان بىلەن، ھەزرىتى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئوت بىلەن، ھەزرىتى ئىسمائىلغا ئوخشاش جان بىلەن، ھەزرىتى ياقۇپقا ئوخشاش پەرزەنت ئوتى بىلەن، ھەزرىتى يۈسۈپكە ئوخشاش ئايال بىلەن، ھەزرىتى ئاسيەگە ئوخشاش ئېرى بىلەن، ھەزرىتى مۇساغا ئوخشاش ھاكىمىيەت بىلەن، ھەزرىتى داۋۇدقا ئوخشاش سەلتەنەت بىلەن، ھەزرىتى يەھياغا ئوخشاش قۇربان بولۇش بىلەن سىنىلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ يانغىندا قۇتقۇزۇپ چىقىدىغان نەرسىلىرىنىڭ تىزىملىكى پەرقلىق بولىدۇ. مۇھىم بولغان نەرسە، ئۆزىڭىزگە خاس بولغان قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر.  سىز ئۈچۈن يانغىندا ئەڭ باشتا قۇتقۇزۇپ چىقىشقا تېگىشلىك بولغان نەرسە نېمە؟ ئىمانىڭىزمۇ، روھىڭىزمۇ، جىسمىڭىزمۇ، مېلىڭىز، ئايالىڭىزمۇ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭىزمۇ، قەبىلىڭىزمۇ، ئۆيىڭىزمۇ، ئىشىڭىزمۇ؟ ئەسلىدە يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ ئارقىسىغا « سىز ئۈچۈن ئەڭ خەيىرلىك بولغان نەرسە نېمە؟ » دېگەن سوئال ياتماقتا. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ سوئال قانداق قىلساق توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەكتە:

قُلْ إِنْ كَانَ آَبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ

ئېيتقىنكى، « ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ﷲ تىن، ﷲ نىڭ رەسۇلىدىن ۋە ﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ / بارلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا ( يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ﷲ نىڭ رەسۇلىغا ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ﷲ نىڭ ئەمر كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ﷲ پاسىق قەۋمنى / مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ / ھىدايەت قىلمايدۇ » ( 24 ).