نەسر سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرىنىڭ « زەپەر ئېنىق بولغان ياردەم » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسمى بىرىنچى ئايىتىگە ئاساسەن قويۇلغان:

« اﷲ نىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە،… » ( 1 ).

نەسر، ئۆز ئالدىغا يالغۇز كەلگەندە « ياردەم » دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئىسمىغا ئېنىقلىغۇچ بولۇپ « نەسرۇللاھ » شەكلىدە كەلگەندە، مەنىسى « زەپەر ئېنىق بولغان ياردەم » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ شاھىتى ئەنفال 10 – ئايەتتۇر، يەنى « ئەن – نەسر، پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ ». ئەگەر نەسرنىڭ مەنىسى ئادەتتىكى بىر « ياردەم » بولغان بولسا ئىدى، ئاللاھ قا خاس قىلىشنىڭ ھېچقانداق بىر ئەھمىيىتى بولمايتتى. چۈنكى ھەر ئىنسان باشقا بىر ئىنسانغا ياردەم قىلالايدۇ. لېكىن نەسر پەقەت ئاللاھ لا قىلالايدىغان بىر ياردەم بولىدىغان بولسا، بۇنى ئىنساننىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ تۇرغان پەرق، « زەپەرنىڭ ئېنىق بولغانلىقى »دۇر. « ئاللاھ نىڭ نەسرى »نىڭ مەنىسى « زەپەر ئېنىق بولغان ياردەم »دۇر.

دەسلەپكى مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇخارىنىڭ ھەزرىتى ئائىشەدىن نەقىل قىلغان بىر رىۋايىتىدە، سۈرە بىرىنچى ئايىتى، يەنى « ئىزاجەئە نەسرۇللاھى ۋەل فەتھ » بىلەن ئاتالغان.

تىرمىزى « فەتىھ » ئىسمى بىلەن ئاتىغان.

ئىبن مەسئۇد، سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىنى ئىما قىلغانلىقى ئۈچۈن « تەۋدى – ۋىدا » سۈرىسى دەپ ئاتىغان.

نەسر سۈرىسى قاچان نازىل بولغان؟

سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە بالاغىتى نەزەردە تۇتۇلغاندا، مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە. سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان دېگۈچىلەر ئىچىدىمۇ پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش تارىخى ھەققىدە ئۈچ پەرقلىق قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. تابارى ۋە تابەرانى ئىبن ئابباستىن كەلگەن رىۋايەتلەرگە ئاساسەن، ھىجرى 7 – يىلىدا خەيبەردىن قايتىشتا نازىل بولغان دەيدۇ. قاتادەدىن كەلگەن « رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى يىل بۇرۇن نازىل بولدى » رىۋايىتىمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.
  2. ۋاھىدىنىڭ يەنە ئىبن ئابباستىن قىلغان نەقلىگە كۆرە، ھۇنەيىندىن قايتىشتا نازىل بولغان.
  3. بەززار، بەيھەقى ۋە ئىبن ئەبى شەيبە نەقىل قىلغان ئىبن ئۆمەر رىۋايىتىغا قارىغاندا، ۋىدا ھەججى كۈنلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا نازىل بولغان، رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ ئاي ئۆمۈر كۆرگەن.

بۇ رىۋايەتلەردىن سۈرىنىڭ تېكستى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغىنى بىرىنچى رىۋايەتتۇر. چۈنكى ئۆتمۈش زامان پېئىلىنىڭ بېشىدا كەلگەن « ئىزا » شەرتى، پېئىلنىڭ زامانىنى كېلىدىغان زامانغا ئايلاندۇرىدۇ. سۈرە كېلەچەككە ئائىت بىر خەۋەردىن بىشارەت بېرىدۇ. قالغان قاراشنى نەزەرگە ئالغان ۋاقتىمىزدا، ۋەقە بولۇپ بولغان شەكىلدە قوبۇل قىلغانلىق بولىدۇ.

سۈرىدە زەپەر ئەخلاقى ئاساس تېما قىلىنغان بولۇپ، سۈرە كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك مۆجىزىۋى ۋە غەيبى بىر خەۋەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ خوشخەۋەر كېلەچەكتە رىئاللىققا ئايلىنىشى مۇقەررەر بولغان بىر زەپەرنىڭ ۋە فەتىھنىڭ خوش بىشارىتى ئىدى:

إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ

« اﷲ نىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە،… » ( 1 ).

زەپەرنىڭ مەنىسى ناھايىتى روشەن – كۆرەشتە غالىپ بولۇش. ئۇنداقتا، فەتىھ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇنىڭ مەنىسى ئىككىنجى ئايەتتە بايان قىلىنماقتا:

وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا

« اﷲ نىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، ( سېنىڭ ۋەزىپەڭمۇ تاماملاندى دېگەنلىكتۇر ) … » ( 2 ).

بۇ ئايەتتە كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك مۆجىزىۋى ۋە غەيبى بىر خەۋەردىن بىشارەت بېرىلمەكتە. ئايەتتە بىشارەت قىلىنغان خەۋەرگە ماس ھالدا كىشىلەرنىڭ توپ – توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرىشى، ھىجرى 9 – يىلىدا مەيدانغا كەلگەن. « ئەلچىلەر يىلى – ئامۇل ۋۇفۇد » دەپ ئاتالغان بۇ يىلدا، كىشىلەر ئىسلامغا تەسلىم بولۇش ئۈچۈن، ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ ھەر تەرىپىدىن توپ – توپ بولۇپ مەدىنىگە كەلگەنىدى.

بۇنىڭ ئىسمى « يۈرەك فەتھى »دۇر. خۇددى فەتىھ سۈرىسىدىكىگە ئوخشاش، بۇ يەردىمۇ كۆرەشنىڭ مەقسىتى ئىسلام بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، يۈرەكلەرنى فەتىھ قىلىش ئىكىەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. مانا بۇلار رىئاللىققا ئايلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، بۇ غالىپ قوشۇننىڭ باش قوماندانىغا، ھەر مۇھاتابنىڭ يىلكىنى تىترىدىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ:

فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا

« ( مانا بۇ ۋاقىتتا ) رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر » ( 3 ).

مانا بۇ زەپەر ئەخلاقىدۇر. ئۆزىڭىزنى – ئۆمرىڭىزنى سەرپ قىلىپ غەلىبە قىلىش ۋە ئۇتۇق قازىنىش. مانا بۇ ۋاقىتتا، « مەن تىرىشتىم ۋە غەلىبە قازاندىم » دېيىشنىڭ ئورنىغا، خۇددى فەتىھ كۈنى بېشىنى تۆگىسىنىڭ لوكىسىغا تەگكىدەك دەرىجىدە ئېگىپ، كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلىۋاتقان نەبىنىڭ، ئاغزىدىن ئۈزلۈكسىز تۆكۈلىۋاتقان ئىستىغفارغا ئوخشاش « ئەستەغفىرۇللاھ » دېيىشتۇر. مانا بۇ قۇرئان ھەر مۇئمىندە شەكىللەندۈرمەكچى بولغان زەپەر ئەخلاقى.

زەپەرنى زالىملارمۇ قازىنالايدۇ، لېكىن ئەخلاقلىق زەپەرنى پەقەت زەپەر ئەخلاقىغا ئىگە بولغان كىشىلەر قازىنالايدۇ.