« ئاللاھ نىڭ ئىزنى » ئىرادىنى ئەركىن قويۇپ بېرىىشى دېگەنلىكتۇر

 

جانابى ئاللاھ كىتابىدا « ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى / ئىزنى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ » ( يۇنۇس، 100 ) دەيدۇ. بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ نىڭ ئىزنى نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟ » سوئالى ناھايىتى مۇھىم. لېكىن ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان بىر نوقتا بار. ئايەت مۇنداق داۋام قىلىدۇ: « ئاللاھ ( ئايەتلىرى ئۈستىدە ) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئازاپقا گىرىپتار قىلىدۇ! ». ئەگەر بىر ئايەت باش قىسمىدا ئىماننى ئاللاھ نىڭ ئىزنىغا باغلىق قىلىپ، ئاخىرقى قىسمىدا ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەرنى ئازاپقا گىرىپتار قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، بۇ يەردە قۇرئان ئوقۇغانلارغا « تەدەببۇر – تەپەككۇر قىلغان ئاساستا ئوقۇش » ئەمىر قىلىنغان بولىدۇ.

« ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى / ئىزنى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ » ئايىتىنى بەزىلەر « كىمنىڭ ئىمان ئېيتىپ، كىمنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقى ئادەم يارىتىلىشتىن بۇرۇن يېزىلىپ بولغان » دەپ چۈشەنسە، كۇپۇر ۋە شېرىككە مۇپتىلا بولغانلارنىڭ « مېنىڭ ئىمان ئېيتىشىمغا ئاللاھ رۇخسەت قىلمىدى » دېيىش ھەققى پەيدا بولىدۇ. بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى قۇرئان بىزگە بىلدۈرمەكتە. ئۇلار شېرىكتە چىڭ تۇرغان  « مەككە » مۇشرىكلىرى ئىدى. « ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا – بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق » دېگەنىدى. بۇ جانابى ئاللاھ قا چاپلانغان تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىمام ئەلبەسرى، « ئاللاھ نىڭ ئىزنى » ئىپادىسىنى « ئاللاھ نىڭ تاھلىيەسى ( ئىختىيارى قويۇپ بېرىشى ) » دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ ناھايىتى جايىدا بولغان چۈشەندۈرۈشتۇر. تاھلىيە، قەدەر رىسالىسىدە « ھۆرلۈك » كەلىمىسىنىڭ تەڭداش سۆزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. سۆزنىڭ يىلتىز مەنىسى – بىر ھۇجرىغا قامالغان بىرسىنى « ئازاد قىلىش، ئىجازەت قىلىش، قويۇپ بېرىش، ئىزنى بېرىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا « ئىرادىسىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش »نى ئىپادىلەيدۇ.

« ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى / ئىزنى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ » دېگەنلىك، « ئاللاھ ئىجازەت قىلماي تۇرۇپ ھېچكىم ئىمان ئېيتالمايدۇ » دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ ئىنسانغا ئىرادە بېرىش ئارقىلىق، ئىنساننى ئىمان ياكى ئىنكار / كۇپۇردىن بىرسىنى تاللاشتا ئەركىن قويۇپ بەرگەن ( تاھلىيە ئەتكەن ). بۇنىڭ مەنىسى، « ئاللاھ ئىنسانغا ھۆر ئىرادە بەرمىسە ھېچكىم ئىمان ئېيتالمايدۇ » دېگەنلىكتۇر. ئەگەر ئايەتتىكى « ئاللاھ نىڭ ئىزنى »، « ئاللاھ نىڭ قازايى – قەدەرى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن بولسا ئىدى، ئاللاھ ئىماننى پۈتۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كىشى مۇئمىن، نىفاقنى پۈتۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇناپىق، فىسقنى پۈتۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پاسىق، كۇپۇرنى پۈتۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كاپىر، شېرىكنى پۈتۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇشرىك بولاتتى ( تەۋەبە، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر ). بۇنداق بولغاندا، ئىسلام، ئىمان، تەقۋا، ئىخلاسقا بۇيرىشىنىڭ؛ كۇپۇر، نىفاق، فىسق، شېرىكنى مەنئى قىلىشىنىڭ ھېچقانداق بىر ئەھمىيىتى قالمايتتى.

ئاللاھ نىڭ ئىزنى، ئىرادىلىك مەخلۇقلار نەزەردە تۇتۇلغاندا دەل « ئىرادە / تاللاش » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئايەت « ئاللاھ ( ئايەتلىرى ئۈستىدە ) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئازاپقا گىرىپتار قىلىدۇ! » دەپ ئاخىرىلاشماقتا. چۈنكى ئاللاھ ئىرادىگە تاللاش ۋە ئەقىلگە توغرا تەرىپىنى بىلىپ يېتىش قابىلىيىتىنى بەرگەندىن كېيىن، ئىنسان ئەقلىنى ئىشلەتمىسە، ئۇ كىشى ئاللاھ نىڭ رەھبەرلىكىدىن يۈز ئۆرىگەن بولىدۇ. ئاللاھ نىڭ رەھبەرلىكىدىن يۈز ئۆرىگۈچى، ئۆزىنى ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ. ئاللاھ مۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئازاپقا دۇچار قىلىشىغا يول قويىدۇ. بۇ ۋە باشقا بەشەرى پېئىلنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنىشى، قۇرئان ئۆگەتكەن بىر ئەدەپتۇر. ئارقىدىنلا بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنىدۇ.

كۇللى پىلاندا ئاللاھ نىڭ ئىزنى بولماستىن ھېچقانداق بىر ئىش بولمايدۇ. ياپراق قىملدىمايدۇ، سۇ ئاقمايدۇ، يامغۇر ياغمايدۇ، كۈن ئىسسىتمايدۇ، ئاي يورۇتمايدۇ، ئوت كۆيدۈرمەيدۇ، سوغۇق ئۈششۈتمەيدۇ، ھەر قانداق جانلىق تۇغمايدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ، ئىنسان قولىنى ھەرىكەت قىلدۇرالمايدۇ، بارمىقىنى مىدىرلىتالمايدۇ. كائىناتتىكى ئاڭلىق – ئاڭسىز ھالدا بولىۋاتقان ھەرىكەت ۋە ئەمەل ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭغا زالىمنىڭ زۇلمى، كاپىرنىڭ كۇپرى، مۇناپىقنىڭ نىفاقى، پاسىقىنىڭ فسقىمۇ كىرىدۇ. چۈنكى زالىم زۇلمىنى ئىجرا قىلغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئامانەت قىلغان ئەقىل، كۈچ، ئىرادە ۋە ئىمكانىيىتىنى ئىشلىتىدۇ. كاپىر، شەقى، مۇناپىق ۋە پاسىقلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا ئىرادە بەرمىگەن بولسا، ئۇلار زۇلۇم، كۇپۇر، شېرىكنى تاللىيالمايتتى. ئۇلار ئازغۇنلۇقنى تاللىغان بولسا، بۇ ئۇلارغا بەخش ئېتىلگەن ئىرادە سايىسىدە بولغان. ئاللاھ ئىرادىگە تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن، ئىنسان خاتا بولغاننى تاللىغان. لېكىن ئاللاھ زۇلۇمغا، كۇپۇرغا رازى ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن جازالاندۇرۇلىدۇ.

« ئاللاھ نىڭ ئىزنى »، ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرى نەزەردە تۇتۇلغاندا، « ئىرادە » دېگەنىدۇق. تۆۋەندىكى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ نىڭ ئىزنى » ئىپادىلىرى تەكىتلىگەن نوقتىمۇ يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاش:

« ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى / ئىزنى بىلەن ئاز جامائە ( ساپاسىز ) كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ » ( بەقەرە، 249 )؛ « ئۇ ئاز جامائە، ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كۆپ جامائەنى مەغلۇپ قىلدى » ( بەقەرە، 251 )؛ « ھېچ كىشى ئاللاھ نىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ » ( ئالىئىمران، 145 )؛ « مۇنبەت يەرنىڭ گىياسى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ » ( ئەئراف، 58 )؛ « كىشىگە يەتكەن ھەرقانداق مۇسىبەت ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن يېتىدۇ » ( تەغابۇن، 11 )؛ « ( ۋەھىي ) ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ » ( مائىدە، 16 ).

قۇرئاندا 30 دىن ئارتۇق ئايەتتە ئىشلىتىلگەن ئىلاھىي ئىزىن، ئىرادىلىك مەخلۇقلار نەزەردە تۇتۇلغاندا ئىرادىنى، ئىرادىسىز مەخلۇقلار نەزەردە تۇتۇلغاندا ئىلاھىي قانۇنلارنى، كائىنات نەزەردە تۇتۇلغاندا سۈننەتۇللاھنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ بۆلۈمنىڭ كىرىش ئايىتى بولغان يۇنۇس 100- ئايەتكە ئوخشايدىغان يەنە بىر ئايەتمۇ، قەدەرچىلەرنىڭ سۈيئىستىمال قىلىشىغا كۆپ ئۇچرىغان:

« ئاللاھ خالىمىسا سىلەر خالىيالمايسىلەر » ( تەكۋىر، 29 ).

ئامەننا ۋە سەددەقنا. بۇنىڭغا قايسى مۇئمىن ئېتىراز قىلالىسۇن؟ لېكىن ئاللاھ ئىنساننىڭ خالىشىنى خالىغان. شۇڭا ئىرادىسىدىن بىر پارچىنى ئىنسانغا بەرگەن. ئۇ ئىنساننىڭ خالىشىنى خالىغاندىن كېيىن، ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى « قەدەر » ئىسىمى بىلەن مونوپۇل قىلىپ، كىمنىڭ سەئىد ۋە كىمنىڭ شەقى بولىدىغانلىقىغا تېخى كائىنات يارىتىلماي تۇرۇپ پۈتۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاللاھ نىڭ ئىرادىسىگە ئېتىراز قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ ئىرادىسىنى ئاللىقاچان بەلگىلىگەن ۋە ئىنساننىڭ خالىشىنى خالىغان.

ئەگەر « ئاللاھ خالىمىسا سىلەر خالىيالمايسىلەر » ئايىتىنىڭ ئالدىدا يەر ئالغان ئايەت، بارلىق سۈيئىستىمالچىلارغا جاۋاپنى ئېنىق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قويۇلغان: « ئىچىڭلاردىن توغرا يولدا مېڭىشنى خالىغانلار ( نەسىھەت ئالىدۇ ) » ( تەكۋىر، 28 ). بۇ ئايەتتە « توغرا يولدا مېڭىش » ھەرىكىتى ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە نىسبەت قىلىنماقتا. بۇ ئەھۋالدا « ئاللاھ خالىمىسا، سىلەر خالىيالمايسىلەر » دېگەنلىك، « ئاللاھ سىلەرنىڭ خالىشىڭلارنى خالىدى » دېگەنلىكتىن باشقا نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟

بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر بۆلەكمۇ مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدا يەر ئالىدۇ:

« شۇنداق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر. خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ. ئۇلار پەقەت ﷲ  خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ﷲ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر » ( 54 – 56 ).

بۇ ئايەتلەر مۇنداق دېمەكتە: ئاللاھ نىڭمۇ بۇنى بىلىدىغانلىقىغا كۆرە، ئەمدى ھېچكىم « ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، بىزمۇ  ئاللاھ قا شېرىك قوشمايتتۇق » ( ئەنئام، 48 ) دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئاللاھ قا تۆھمەت قىلماسلىقى كېرەك. يەنى، ئىنساننىڭ خالىشىنى ئاللاھ خالىغانىدى. ئەگەر ئىرادە بېرىشنى خالىمىغان بولسا، خالاشنى بەرمىگەن بولاتتى.

يەنە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا بىر بۆلەكمۇ ئىنسان سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدا يەر ئالىدۇ:

« شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن. پەقەت ﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر. ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ﷲ ھىدايەتنى خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ﷲ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى » ( ئىنسان، 29 – 31 ).

بۇ بۆلەكنىڭ باش قىسمىدا « خالىغان ئادەم رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن » دەيدۇ. ئوتتۇرىسىدا « پەقەتﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر » دەيدۇ. ئاخىرىدا « ﷲ ھىدايەتنى خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ » دەيدۇ. بۇلارنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەكلىكىنى بۇ سۈرىنىڭ تۆۋەندىكى ئايىتى ئىزاھلاپ بېرىدۇ:

« شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، شۈكۈر قىلغۇچى ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچى ( بولىشىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويدۇق ) » ( ئىنسان، 3 ).

ئايەتتە ئۆتكەن ئمما ( ئىن + ما ) قوشۇمچىسى، شەرت ۋە بولۇشسىزدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ « ئىككى تاللاش ئاساسلانغان ئەسلى مەنبە بولمىسا، ئۇ تاللاشنىڭ ھېچبىرى بولمايدۇ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى « ئىنساننىڭ كۇپۇرنى تاللاش قابىلىيىتى بولمىغان بولسا، شۈكۈر قىلىش قابىلىيىتىمۇ بولمايتتى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىرادە، ھەم شۈكۈرنىڭ، ھەم كۇپۇرنىڭ شەرتى ۋە سەۋەبىدۇر.